قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1206|ئىنكاس: 17

شاھ مىجىت: چاتما ئۇيغۇر تېبابەت مۇھاكىمىلىرى (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

8825

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 2782
توردىكى ۋاقتى: 1276
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-27 13:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دەرىجە تەلىماتىنى تىكلەش ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر (4)

تالنى مەركەز قىلغان سەۋدا سىستېمىسىدىكى ئەزالار

تال ۋە تالدىكى سەۋدا4-دەرىجىدىكى قۇرۇق سوغۇق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا قارا بىرىكمە دەپ ئاتىلىدۇ. تال، پەيلەر، سۆڭەكلەر، تېرە، تىرناق، چىش، چاچلار سەۋدا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

تال سول تەرەپ تۆۋەنكى قوۋۇرغىسىنىڭ ئاستىدىراق تۇرىدۇ. تال ئۆزىگە خاس قارامتۇل رەڭلىك گۆشتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يۇمۇلاغراق شەكلىدە بولىدۇ، ئۇ جىگەردىن چىققان دەرۋازا ۋېنا تومۇرغا تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. جىگەر دەرۋازىسىدىن چىققان بىر تومۇر نەيچە ( بۇ ۋەرىت تومۇرى دېيىلىدۇ) 4 گە شاخلايدۇ. بىرى كىچىك ئۈچەيلەرگە، بىرى بوغۇملۇق ئۈچەيلەرگە، بىرىئاشقازانغا، بىرى تالغا تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. جىگەردىن چىقىپ تالغا كىرگەن ۋېنا تومۇرى بارغانچە شاخلىنىپ تالدىكى ئۇششاق ۋېنا تومۇرلارغا ئايرىلىپ كېتىدۇ. تالدائىشلىنىپ بۇ ئۇششاق تومۇرلار (ئادەم ئاناتومىيەسى ۋە فىزىيولوگىيەسى 1976-يىل7-ئاي نەشرى 71-رەسىم) ئارقىلىق چىققان سەۋدا خىلىتى جىگەردىكى قان ئارقىلىق بەدەندىكى پەيلەرنى سەۋدا بىلەن تەمىنلەيدۇ. تال بولسا جىگەر ئىشلىگەن سەۋدا خىلىتىنى ئۆزىگە داۋاملىق تارتىپ ئېلىپ ساقلايدۇ، پەيلەرنى يەنە تەمىنلەيدۇ- بۇ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بەدەننىڭ ھەرىكىتى كۆپ بولۇپ ياكى ھۆل ئىسسىق غالىب بولايدىسە ئۇ دەرھال خىزمەتكە ئۆتۈپ بەدەننىڭ قۇرۇق سوغۇق ئەزالىرىنىڭ كەم خىلىتىنى تولۇقلايدۇ. ھەمدە باشقا ئەزالاردىكى كېمەيگەن سەۋدا خىلىتىنى تولۇقلايدۇ. ھەمدەقان كەتكەن ۋاقىتتا دەرھال خىزمەتكە ئۆتۈپ قان توختىتىش رولىغا ئىگە. تالنىڭ جىسمى سەل قاتتىقراق ئۆزىگە خاس گۆشتىن تۈزۈلگەن. تال باشقا ئەزالارغا ئوخشاش كۆپ كېسەللەنمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ رولى بەدەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى بەدەندىكى بارلىق قۇرۇق سوغۇق ئەزالارنىڭ مەركىزى ئەزاسىدۇر. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى سۈنئىي كىيىم يەنى تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا ۋە تېرىنى كېسەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.ھەمدە قاننىڭ قان تومۇرلاردىن سىرتقا سىرغىپ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. تالدىن قان ئارقىلىق سەۋدا بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارىدۇ ھەمدە سۆڭەك يىلىم ماددىسىنى ۋە پەيلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەدەندىكى ھەر قايسى جايلىرىغا بارىدۇ بەدەندىكى ھەر قايسى سۆڭەكلەرنى پەيلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. سۆڭەك ئەتراپىدىكى ۋە تۇتاشتۇرۇش رولىغا ئىگە پەيلەرنىڭ بىر تەرىپى يۇمشاق بىر تەرىپى تەدرىجى قاتتىقلىشىپ ئاخىرى سۆڭەككە تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: يىلىك سۆڭىكىنىڭ سىرتىدىكى پەيگە قارىسىڭىز ئۇنىڭ سۆڭەكتىن يىراقراق جايى يۇمشاق سۆڭەككە تۇتۇشۇشقا يېقىنلىغانچە قېتىپ بارىدۇ، ئاخىرى سۆڭەككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. پەيلەر تال بىلەن سۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىچى ئەزا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدە ئۇزىراپ ۋە قىسقىراپ تۇرىدىغان ۋە كۈچ پەيدا قىلىدىغان بۇ پەيلەر بولمىسا ئادەمنىڭ غايەتكۈچ-قۇدرىتىدىن ئېغىز ئېچىشقا بولمايدۇ. بەدەندىكى تومۇرلارمۇ قۇرۇق سوغۇق بولۇپ پەي جىسمىغا تەئەللۇق بولىدۇ. ئەگەر پەيلەر كېسەل لەنسە تومۇرلارغا تەسىر قىلىدۇ. بۇ تومۇرلار قان ئايلىنىشقا تەسىر قىلىدۇ. ئاخىرى قان ھاياتلىققا تەسىر قىلىدۇ....مەسىلەن: قاتقان تومۇر يېرىلىپ مېڭىگە قان چۈشىدۇ... جىسىملارنىڭ ئىسىقتىن كېڭىيىش ۋە سوغۇقتىن تارىيىش قانۇنىيىتى بويىچە سوغۇق مۇھىتتا كۆپ تۇرغان، سىرتقى تەرەپتىن سوغۇق ئامىللار كۆپ تەسىر قىلغان كىشىلەردە پەي، سۆڭەك،تومۇر، تېرە كېسەللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگەر بەدەن ناھايىتى ئېسىپ كەتكەندە تۇيۇقسىز سوغۇق سۇغا چۈشسە دەرھال ئەڭ سىرتقى تەرەپتىكى پۇت پېيى تارتىشىپ قالىدۇ.مانا بۇنى پەيلەرنىڭ قۇرۇق سوغاقلىغىدىن قېتىپ قىسقىرىشى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنگە تەسىر قىلىشى دەيمىز.

پەيلەر سۆڭەك جىسمىغا ئايلىنىپ بارلىق سۆڭەكلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، سۆڭەكلەرنى تەمىنلەپ ئاشقان سەۋدا،تېرە، تىرناق، چاچ، مويلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئەزالار 1-دەرىجىدىكى قۇرۇق سوغۇق دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىچكى مۇھىم 16ئەزالار بىرلىشىپ، بىر قاتار ئۇلاشما ھالەتتىكى فىزىيولوگىيەلىك خىزمەتنىبېجىرىدىغان تېشىنى ھاسىل قىلسا بۇ سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ.( مۇنبەرگە سەپرا (1)،قان (2)، بەلغەم (3) سىستېمىلارنى بېرىپ بولغان ئۇنىڭدىن پايدىلىنىڭ) ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بۇ تۆت سىستېما نەزەرىيەسى يوق ئىدى. سەۋدا سىستېمىسى ئاخىرقى سېستىما بولۇپ، تال 4-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق، پەيلەر 3-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق،سۆڭەكلەر 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق، چاچ، تېرە، تىرناق، چىشلار 1-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. چاچ، تىرناق قاتارلىقلار سەۋدانىڭ ئاخىرقى چىقىرىندىسى بولۇپ ئەمەلىيەت ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ. مەنبە، ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيىتى تەلىماتى 11-باب.
bagdax

6

تېما

0

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82832
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 181
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 04:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابىتى ئىلمىنى چوقۇم تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرشىمىز لازىم

0

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73991
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 10:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  مىجىت دوختۇر قاندا تەنلىڭىز سالامەتمۇ مەن بىر ئىشتىن مەسلەھەت سوراي دىگەن ئادەمنىڭ ئەڭگىزى ئېشىپ كەتسمۇ بەك تۇڭلاپدۇ قانداق مېنىڭ ئەڭگىزىم بەك ئېشىغلىق ھەتتا كۆزۈمنڭ ئېقى روشەن كۆكۈش كۆرىنىدۇ ھارزىر تېخى يۇڭ پوپايكا ئۈستىگە تېرە جىلىتكە كىيىۋالدىم چاپانغۇ ئەلۋەتتە با مۇشۇ ئەڭگىزنى ھوردۇنۇش ياكى ھورداق دورىلىرىدا يۇنۇشتىن باشقا يوقۇتۇش ئۇسۇلى بامۇ

32

تېما

0

دوست

8825

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 2782
توردىكى ۋاقتى: 1276
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 10:59:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kamal15 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-28 10:02
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  مىجىت دوختۇر قاندا تەنلىڭىز سالام ...

     ە ئەلەيكۇم - ئەسسالام : مەن ئوبدان تۇردۇم . سىز قۇۋەت تولۇقلايدىغان ، قان كۆپەيتىدىغان ، تەبىئى ، ئالاھىدە ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز ، ئەڭ ئىنچىكە تومۇرلارغىچە قان تولسا ، ئەنگىزىڭىز نورماللىققا كىلىدۇ . قاندىكى ماي ، يېپىشقاقلىق ئېشىپ كەتسىمۇ ئەنگىزىڭىز قالايماقانلىشىدۇ قاننى تەكشۈرتۈڭ
bagdax

0

تېما

0

دوست

49

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77795
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 23:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەتىگەنلىكى تۇنجى كىچىك تەرىتىمگە قارىسام، سېرىق. ئاندىن كېيىن ئېغىزىمغا سۇ يىغىلىدۇ، بۇ بەزىدە سېرىق، بەزىدە قارىغا مايىلراق سېرىق رەڭلىك. مىجىت دوختۇر مۇشۇنىڭغا قاراپ، دىياگنور قويغىلى بولارمۇ؟

0

تېما

0

دوست

241

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82526
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 18:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت مىجىت دوختۇر .
بىلۋالدىم ماقالىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ، داۋامىغا تەشنا بىز

0

تېما

0

دوست

410

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82638
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 14:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلاركەن

0

تېما

0

دوست

410

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82638
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 14:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارااكتىردىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا پەقەت ئۆز گەرگەن شۇ مىزاجنى تەڭشەش چارىسى قوللىنىلىپ ، ئىسسىق، سۇغۇق، قۇرۇق، ھۆللۈكتىن ئىبارەت كەيپىياتنى تەڭشەش ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى  بىمارغا ھۆللەشتۇرۇش، قۇرۇتۇش، سۇغۇتۇش، قىززىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزادا تۆت خىلىتنىڭ بىرى ئارتىپ ياكى كېمىيىپ كەتسە ۋە ياكى بۇزۇلغان غەيرى تەبىئي خىلىتلارنىڭ توختاپ قېلىشىدىن كېسەل پەيدا بولغان بولسا، ئۇ ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش تۇردىكى كېسەللەرگە كىرىدۇ. بۇنى داۋالاشتا ئۆز گەرگەن خىلىتىنى داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ماددىنى پۇشۇرغىچى مۇنزىچ دورىلار، ئۇنىڭدىن كىيىن ماددىنى سۈرۇپ چىقارغۇچى(مۇسھىل)دورىلار بىلەن بىرىلىدۇ. ئومومەن بۇ تۇردىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىيە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن شۇئەزانىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتىنى كۈچەيتكۈچى ۋە قۇۋەتلەندۇرڭۇچى مۇنزىچ(مۇقەۋۋىيات)دورىلاربىرىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )