- تىزىملاتقان
- 2015-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6636
- نادىر
- 0
- يازما
- 468
ئۆسۈش
32.72%
|
ئابىدە ماغدۇرسىز گەۋدىسىنى تەستە كۆتۈرۈپ ،كۈز پەسىلنىڭ ئىزغىرىن سوغۇقىدا مۇزدەك يوتقاندا ياتماقتا ،ئۇ ئۆيدە يالغۇز ئىدى .بىنا ئۆي بولغاچقىمۇ ھەر قانچە ياسانداق بولسىمۇ سوغۇقتا ئوت بولمىغاچقا بەك مەرى سوغۇق كۆرنەتتى.ئابىدە دېرىزىدىن دەرەخلەرنىڭ ئۇيان -بۇيان ئىغاڭشىپ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ سىرتتا شامالنىڭ چىققانلىقنى بىلدى.ئۆي ئىچى جىمجىت ئىدى .ئاخشام يان ئۆيدە كىچىدىن ياقى ئۈندىدار ئويناپ كىملەر بىلەندۇ ،شېرىن -شېكەر سۆزلەرنى قىلىشىپ تاڭ ئاتقۇزغان يولدۇشىمۇ ئىشقا كەتكەن ئىدى .ئەتىۋارلىق ئوغلى ۋە كېلىنى كەلمىگىلى بىر ھەپتە بولغان ئىدى .ھازىرغۇ ئابىدەنىڭ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشكىسى يوق ئىدى .چۈنكى ئۇ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يېرىم پالەچ بولۇپ ياتقىلى تۆت ئاي بولدى .داۋالاندى ،500 يۈەن پۇل خەجىلەپ بۇدىرە قىلغان چاچلىرى چۈشۈرۋىتىلدى ،ئۇ بىر ئاي قاقشىدى ،ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا قۇلدىن كىلىشچە غەمخورلۇق قىلدى ،ئۇرۇق -تۇغقان ،دوست-يارەنلەر،مەھەللە،يۇرت ،خەلقى قۇلدىن كىلىشچە ئىئانە توپلاپ ياردەم قىلدى ،ھەممىسى چارچىدى ،نەق ئىككى ئاي بولغاندا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئائىلىسىگە يېنىپ كەلدى دوختۇر ئۇنىڭغا :
-قالغان ئىش سىزنىڭ تىرشچانلىقىڭىزغا باغلىق دېدى.ئابىدەنىڭ بىر پۇتى باسماس ،بىر قۇلى تۇتماس بولۇپ قالغان ئىدى ،تاھارەت جايىدا بولغاچقىمۇ باشتا يولدىشى،بالىسى ،قېرىداشلىرى قارىدى كىيىن ئۇلارمۇ ھاردى بولغاي تۇغقانلار ۋە ئوغلىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قالدى .مانا يولدىشىمۇ ھازىر ئۇنىڭغا كۆپ تەرەت قىلدىڭ دەپ نان بىلەن چايلا بېرىدىغان بولدى ،بۇنداق بولغاندا نان ئىچىنى قاتتۇرۇپ قۇياتتى.ئابىدە بۇنىڭغىمۇ كۆندى .بۇرۇن يولدىشى ئۇنىڭ چىرايلىق بوي بەستىگە ،چىرايىغا ئاشىق ئىدى ،.شۇنڭغىمۇ ئابىدە قېيىن ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسىمۇ ،خىزمىتىنى قىلمىسىمۇ،ئۆيگە كەلسە ئۇچۇق چىراي ئاچمىسىمۇ يولدىشى ئابىدەنىڭ ئالدىدا چىش يېرىپ بىر نېمە دېيەلمەيتتى ،ھەتتا ئانىسىغىمۇ ئابىدەدىن سورىماي بىر نان ئاپىرالمايتتى.چۈنكى قېيىن ئانىسىنىڭ تىنى پۇرىغاچقا ئابىدە قېيىن ئانىسىنى ياسانداق ئۆيگە كېلىشىنى رەت قىلاتتى.يولدىشىغا ئەركىلەپ ،دومسىيىپ كۆندۈرگەن ئىدى .يولدىشىنى سىزغان سىزىقىدىن چىققۇزمايتى .يولدىشىمۇ ئابىدەنى دەپ قىرىنداشلىردىن ،ئانىسىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.چۈنكى ئابىدەنىڭ قول ئىلىكىدە بار ،ئاتا-ئانىسى ،قېرىنداشلىرى بار ئىدى ،بېشىغا كۈن چۈشسە ئابىدە ئۇيان -بۇيان چېپىپ ئىش ھەل قىلالايتى ،شۇڭىمۇ ئەخمەتنىڭ كۈنلىرى غەمسىز ئۆتەتتى،ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىنىڭمۇ تىجارىتى ياخشى ئىدى .مانا ياسانداق ئۆيلەر،ماشىنىسى،ئىشكاپتىكى ئىسسىقلىق تۈركىيە،مالايشىيا،كۆرىيە،قاتارلىق دۆلەتنىڭ ماركىلىق كىيىملىرى،قىممەت باھالىق ئەتىر،گىرىم بۇيۇملىرى،بۇرۇن كۆزنى چاقناتقان بولسا ھازىر بەكمۇ سوغۇق كۆرنەتتى.
-توۋا دەيتتى ئابىدە ئۆز-ئۆزىگە ،بۇرۇن تەن ساغلاملىقنىڭ بۇنچە زور بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن ،ئادەمنىڭ تىنى ساق بولسا كىيەلەيدىكەن ،يىيەلەيدىكەن ،تەن ساغلام بولمىسا بىكاركەن .بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشنى مەتۇلۇق دەپ داڭلىق ماركا تاللاپ ياتلانى باي قىلىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىلىپ يۈرۈپتىمەن ،مانا باشقا كۈن چۈشكەندە ماڭا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتنى سېتىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلار ياردەم قىلىپتۇ ئەمەسمۇ ؟مانا ئىسسىقلىق 70 مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ ئالغان فىرانسىيە پەلتوسىنى ھازىر 70 يۈەنگە ساتاي دېسەم ئالدىغان ئادەم يوق.ھازىر يولدۇشۇممۇ مەندىن تاندى .تۇغقان ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان ئەر ماڭا ۋاپا قىلارمۇ؟ئۇ مۇشۇنداق خىياللار بىلەن يېتىپ كۈننىڭ چۈش بولغىننى قورسىقى راۋاب چالغاندا بىلدى.ياتقان يېرىدىن ئىككى مېتىر ئارىلىقتا نان تۇراتتى ،ئەمما ئۇ ناننى قولى بىلەن ئالمىسا نانغا مىڭ تەلمۇرسىمۇ ئۇچۇپ كېلىپ ئاغزىغا كىرمەيتى ،قانداق قىلىش كېرەك ؟ئۇ بۇرۇن ھەممە ئادەمگە زوراۋانلىق قىلغان ،پۇت قوللىرى ساق ۋاقىتتا باشقىلارغا ياردەم قۇلنى سۇنۇشنى خالىمايتتى .ئۇنىڭ شوئارى :
-ئۇلارمۇ تىرىشسۇن،تىرىشمىغانلارغا بېرىدىغان پۇلۇم يوق دەپ ھەتتا يولدىكى سوزۇلغان قوللارغىمۇكۆز قىرىنى سالماي ئۆتۈپ كېتەتتى ،مۇشۇنداق بىر باي خىنىمنىڭ غايىپتىنن كېسەل تېگىپ يىقىلىشنى كىم ئويلىغان ،مۇشۇنداق كۈنگە قىلىشنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .يولدىشى كەچتە بىراقلا كېلەتتى ،گەپ قىلسا بۇرۇن تاتلىقىم ،ئۇمۇقۇم،سىزنىڭ راست دەيدىغان ئەر ھازىر:
-مەن ساڭا قاراپ ئولتۇرسام ،قەرزنى قانداق قايتۇرۇپ بولىمىز ،كىم بىلىدۇ سىنىڭ مۇشۇنداق سېسىق پۇراپ قاچانغىچە ياتىدىغانلىقڭنى دەپ بۇرۇنىنى ئېتىپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى .ئابىدە شۇلارنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بۇلاتتى ،قىزىمۇ ،ئوغلىمۇ ئۇنىڭغا قاراشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى ،ئۇلار خىزمەت ،ئوقۇشنى سەۋەب كۆرسىتىپ ھەپتىلەپ يوقاپ كېتەتتى.ھازىر ئابىدە ئۇلاردىنمۇ يامانلىماس بولدى ،چۈنكى ئاتا-ئانا بولغۇچى پۇل تىپىشنىلا ئويلاپ بالىلارغا كۆيۈنۈشنى ،سىردىشىشنى ئۈگەتمىسە ،بالىلارغا پۇل تېپىشنى باھانە قىلىپ بالدۇرلا يەسلىگە ئاپىرىپ بەسە ،ئۇلارغا ھەمراھ بولمىسا ،مۇشۇنداق ئاتا-ئانا ئاغرىپ قالغاندا بالىلارمۇ پۇل ئەكىىلىپ بېرىپ ۋەزىپىنى ئادا قىلدىم دەپ ئويلايدىكەن .ئۇنىڭ قوسقى ئاچقانسىرى تۈنۈگۈنكى نان ئۇنىڭ كۆزىگە ھاياتلىق دورىسى بولۇپ كۆرۈلدى.شۇنىڭ بىلەن يىتىۋىرىشنى ئابىدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقانلىق دەپ ئويلاپ بار كۈچىنى يىغىپ ھەرپىدەك ئۆملەپ ساق پۇت ،قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يىقىلىپ تۇرۇپ ئۈچ سائەت ھەپىلىشىپ ناننى قۇلىغا ئالدى ،مەزە قىلىپ يېدى ،ئىككىنچى كۈنى يەنە شۇنداق قىلدى ،شۇنداق قىلىپ ئۆيدە ھېچكىم يوق چاغدا ھەرىكەت قىلىپ ،قىينالسىمۇ چىداپ چېنىقىش داۋامىدا سېسىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەن ئايال بىر يىلدىن كىيىن مۆجىزە يۈز بېرىپ تەمتىلەپ ماڭىدىغان ،ئىككى يىلدىن كىيىن تالاغا چىقىپ ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئالدىغان ،ئۈچ يىلدىن كىيىن دۇكانغا بېرىپ باتەيدە ئولتۇرۇپ پۇل يىغىپ ئىش باشقۇرىدىغان بولدى .بۇ مۆجىزىدىن يولدىشى،بالىلىرى ،ئۇرۇق تۇغقانلىرى ھەيران قالدى .بۇ قېتىم ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا ھەممە ئادەملەرنى چۈشۈنۈپ يەتتى.يىقىلغاندا پەقەت ئۆز كۈچىگە تايانغاندىلا تىك تۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ،شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ خۇددى پاتقان قۇياشقا ئوخشايدىغانلىقنى ھېس قىلدى ،يەنە ئالدىراپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ،كىبىرلىك قىلىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بەردى .
|
|