قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 791|ئىنكاس: 2

كومپيۇتېرنىڭ «يۈرىكى سوقامدۇ»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

28

دوست

3470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62001
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 1106
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-26 00:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك سوقۇش بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك كۆرسەتكۈچسى، نورمال ئادەملەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە. دوختۇرلار تىڭشىغۇچ ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشىمىزنى ئاڭلايدۇ. شۇ ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىمىزغا دىئاگنۇز قويىدۇ. ئەگەر بىر كومپيۇتېردىكى ھەرقايسى قاتتىق دېتال پېروگرامما، مۇلازىمەتلەرنىڭ نورمال ياكى بىنورماللىقىنى بىلمەكچى بولساق، كومپيۇتېرنىڭ «يۈرەك سوقۇشى»نى تىڭشاش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلساق بولامدۇ؟

     ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ ھەر تۈرلۈك يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ھالىتىدىكى «سالامەتلىك ئەھۋالى» نى بىلىش ئۈچۈن يۈرەك سوقۇشنىڭ پىرىنسىپىنى كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ كىرگۈزگەن. كومپيۇتېر كاشىلىلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئادەتتە، كومپيىۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتالى ياكى قاتتىق دېتاللىرى دائىم مۇنداق دوكلات يوللاپ تۇرىدۇ. « مەن بىرىن نوقتا، مەن تېخى ھايات، مەن ئىككىنچى نوقتا، مەن تېخى ھايات...» مۇشۇنداق قەرەللىك شەكىلدە يوللانغان دوكلاتلار يۈرەك سۇقۇش سىگنالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

     ئەگەر، «يۈرەك سۇقۇش» سىگنالىنىڭ بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، پىروگراممىغا ياكى مەلۇم بىر مۇلازىمەتنىڭ «سالامەتلىك ئەھۋالى» نىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يۈرەك سۇقۇش سىگنالىغا ئېرىشەلمىسە، مەلۇم بىر بۆلەك ياكى نوقتىدا ئىنكاس بولمىسا، ئالاقىنى ئۈزۈپ قويسا ياكى يۈرەك سۇقۇش سىگنالى كېچىكسە مۇناسىۋەتلىك پروگراممىدا ياكى مۇلازىمەتتە ئىقتىدار ياكى ئۈنۈم كاشىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى، ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر كۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. دائىم قوللىنىدىغان تەدبىر: مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى قايتا قوزغىتىش ياكى خاتالىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى قوزغىتىش ئارقىلىق مۇلازىمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە زاپاس ساقلانغان لايىھە ئارقىلىق مۇلازىمەتنى نورمال يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار ، «يۈرەك سوقۇش» ئوقۇمى كەڭ كۆلەمدە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، قاتتىق دېتالى ۋە كومپيۇتېر تور لايىھەسىدە قوللىنىلىپ، كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

QQ截图20161026002424.png


     كومپيۇتېر «يۈرەك سوقۇش» نىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كومپيۇتېر سېستىمىسىدا يۈرەك سوقۇش سىگنالىنىڭ ئەۋەتىلىشى ۋە ئۆلچىنىشى ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى «يۈرەك سوقۇش» سىگنالى كومپيۇتېرنى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاساسلىقى يۈرەكنىڭ قانۇنىيەتلىك سوقۇپ قاننى بەدەندە ئايلاندۇرۇشتىن شەكىللەنگەن. كومپيۇتېرنىڭ «يۈرەك سوقۇشى» بولسا ھەرقايسى ئۆلچەش بۆلەكلىرى ۋە پىروگراممىلار قۇيۇپ بەرگەن دەۋرىيلىك دىياگنۇز سىگنالىدىن ئىبارەت. بىر دانە كومپيۇتېر بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ئوخشاش بولمىغان «يۈرەك سوقۇش» پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۆلچەيدىغان مېخانىزمىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ.


     مەنبە:«يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» دىن ئېلىندى.
bagdax

13

تېما

7

دوست

8438

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72597
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 2681
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24

قىزغىن ئەزا تەشۋىقات ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-26 11:12:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ:بەزىلەر ئۈچۇن كونكىرىتى يۇرەك سۇقۇشنى كۆرۇش ئۇسۇلىنى قالدۇرغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەندەپ  ئويلاپ قالدىم .

0

تېما

0

دوست

241

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82526
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-26 12:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋالدىم . رەھمەت سىزگە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )