- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12325
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
  
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسىلام تور بېكىتىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى :
يېقىندا تور بېكىتىمىزدە <ئوخشاش جىنىسلىقلار ھەققىدا ساۋاد > ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان ،ھەمدە ماقالە ئاپتورى <سەرخۇش> سۆزىنى ئوخشاش جىنىسلىقلارغا باغلاپ قويغان ، ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى ، <سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى تەربىيلەش مەركىزى > نىڭ قۇرغۇچىسى ، ئامىرىكىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز زۇلپىقار ئۆزباش بۇ سۆز ھەققىدە چۈشۈنچە بەرگەن بولسىمۇ بىر قىسىم ئەزالار يەنىلا بۇ سۆزنى نوقۇل ھەمجىنىس ،بەچچىۋاز ئاتالغۇلىرىغا باغلاپ ئىنكاس يازدى ، بۇ خىل ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۆچۈرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن زۇلپىقار ئەپەندىمدىن سەمىمىي كۈچۈرۈم سورايمىز ، ھازىر بۇ ھەقتىكى بارلىق ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلدى ، تور بېكىتىمىز <سەرخۇش> ئاتالغۇسى ھەققىدە تورداشلارغا ئېنىق ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، تەتقىقاتچى يۈسۈپ ئىساق ئاكىمىز بىلەن ئالاقىلاشتۇق .
يۈسۈپ ئىساق ئاكىمىز <سەرخۇش> ئاتالغۇسىغا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى .
<سەرخۇش> ئاتالغۇسى پارسچە سۆز بولۇپ ، پارىسچىدە بىر قانچە خىل مەنىلىرى بار:< سەر >سۆزى باش ، بېشى دىگەن مەنىدە ،<خۇش> سۆزى ئۆزىدىنلا خوش بولۇشنى بىلدۈرۈپ تۇردىغىنى ئېنىق : لوغەتتىكى مەنىسى بولسا :
بىرىنجى مەنىسى : خوش بولماق ، ھاياجانلانماق ، ياخشى ، ھاياجانلىنىش دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ ، ئىككىنجى مەنىسى بولسا : خالىغانچە ، مەست دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ ، پارىسچە -خەنزۇچە ئىزاھلىق
(لوغەتنىڭ 1332-بېتىگە قاراڭ ).
يەنە پارىسچە- ئەزەربەيجانچە لوغەتتىمۇ <سەرخۇش > سۆزى ئىككى يوقىرىقىدەك ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈردىغانلىقى يېزىلغان ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆپىنچە بىرىنچى خىل مەنىسى(خوش بولماق ، ياخشى ، ھاياجانلانماق ) ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ . <سەرخۇش> ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ بەچچىۋاز ،ھەمجىنىس دىگەن مەنىدە كەلمەيدۇ .ھەم بۇنىڭغا يېققىنمۇ كەلمەيدۇ .
|
|