تيەنجۇدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسىز ئوقۇيدىغان بولدى
[align=justify][align=justify][align=justify]گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنجۇ زاڭزۇ ئاپتونۇم ناھىيەسى يېقىنىدا ئېلان قىلىغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن ئېتىبارەن ناھىيەمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسىز ئوقۇيدۇ ،ناھىيەلىك مالىيە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە خىراجىتى ،ياتاق ھەققى ۋە كىتاب پۇلىنى زىممىسىگە ئالىدۇ ،ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يىلدا 1000 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلىدى ؛تيەنجۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى مەملىكتىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتۇشىنى تۇنجى بولۇپ ئەمەلگە ئاشۇردى .زاڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ ناھىيە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىگە جايلاشقان ،ناھىيەنىڭ 210 مىڭ نوپۇسى ئىچىدە زاڭزۇلارنىڭ نىسبىتى 31.6% كە يېتىدۇ .
مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|