- تىزىملاتقان
- 2011-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 806
- نادىر
- 0
- يازما
- 34
ئۆسۈش
  61.2%
|

مېڭە كۆچۈرۈش
بىر باي ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.
ـ سىزنى قۇتقۇزۇشقا بىرلا ئامال بار، ـ دەپتۇ دوختۇر ، ـ ئۇ بولسىمۇ مېڭە كۆچۈرۈش، ئەمما بۇ ناھايىتى قىممەت.
ـ پۇلدا مەسىلە يوق، ـ دەپتۇ باي ، ـ سىز چوڭ مېڭە ئورناتماقچىمۇ؟
ـ ئۈچ خىل تاللاش بار، بىرىنچىسى، ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورىنىڭ مېڭىسىنى كۆچۈرۈش، ئەمما ئۇنىڭقا 10مىڭ ئامىرىكا دوللىرى تۆلەيسىز.
ـ چاتاق يوق، مەن ئۇنى تۆلەيمەن. ئىككىنچىسىچۇ؟
ــ ئىككىنچىسى، راكىتا ياسايدىغان ئالىمنىڭ مېڭىسىنى كۆچۈرۈش. بۇنىڭغا 100مىڭ ئامىرىكا دوللىرى كېتىدۇ.
ـ مەن تۆلەي، تېخىمۇ ئەقىللىقراق بولۇپ كەتسەم ئەجەب ئەمەس. ئۈچىنچىسىچۇ؟
ـ ئۈچىنچىسى ۋاشىنگىتوندىكى تىلەمچىنىڭ مېڭىسىنى كۆچۈرۈش، بۇنىڭغا 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرى كېىتىدۇ.
ـ بۇ تىلەمچىنىڭ مېڭىسى نىمانچە قىممەت؟ـ سورىدى كېسەل.
ـ چۈنكى ئۇنىڭ مېڭىسى ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ باقمىغان مېڭە.
مەينەت قول
سەنلاڭ مەكتەپ تۈزۈمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن مۇئەللىم تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىندى. مۇئەللىم ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ جازالىماقچى بولدى. سەنلاڭنىڭ قولى بەك مەينەت بولغاچقا، ئىزا تارتقىنىدىن قولىنى كەينىگە قىلىۋالدى.
ـ قولۇڭنى چىقار، ـ دېدى مۇئەللىم.
سەنلاڭ بىر قولىنى يوشۇرۇن ھالدا شىمىغا سۈرتۈپ، ئاندىن چىقاردى. مۇئەللىم كۆرۈپ، ئاچچىقلىنىشنى ياكى كۈلۈشنى بىلمەي:
ـ سەنلاڭ، سەن ئەگەر سىنىپ ئىچىدىن بۇنىڭدىنمۇ مەينەت قولنى تاپساڭ، مەن سېنى جازالىمايمەن،ـ دېدى.
سەنلاڭ ئارقىدىن دەرھال يەنە بىر قولىنى چىقىرىپ :
ـ مۇئەللىم، بۇ يەردە، ـ دېدى.
ئويۇن ئويناش
ـ بىز سىرتقا چىقماي سىلەنىڭ ئۆيدە ئويۇن ئوينايلى.
ـ نېمە ئوينايمىز؟
ـ ئويۇن ئوينايمىز، مەن ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزگە سولاقلىق مايمۇن بولاي، سەن ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرگىلى كېلىپ ئۇنىڭغا بانان، كەمپۈت، ئالما، ماروژنى بېرىدىغان ئادەم بول. |
|