- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6676
- نادىر
- 0
- يازما
- 709
ئۆسۈش
  33.52%
|
ئەمەلىيەتتە گېتلىرنى ئۇنچىۋالا قانخور دىگىلى بولمايدۇ. گېتلىرنىڭ تۈپەيلى ئۆلگەن ئادەم يەنە نۇرغۇن ئۇنتۇلۇپ قالغان قانخورلۇقلار ئالدىدا ھىچگەپ ئەمەس.
مەسىلەن. چىڭ سۇلالىسى 1860-يىللاردا سەنشى، گەنسۇلاردىكى خۇيزۇلارنىڭ قوزغىڭلىنى باستۇرۇپ مىليونلاپ قىرغىن قىلغان، تارىخىي ماتىرياللاردىن كۆرۇشۇمچە،«1000 چاقىرىم دائىرىدە نە مەھەللە ، نە ئادەم دىدارى يوق بولغان» دىيىلگەن. موڭغۇللار ئوتتورا ئاسىيادا شەھەرلەرنى 80% نۇپۇس بۇيىچە قىرىپ تاشلىغان. قۇبلايخاننىڭ ۋاقتىدا سىچۇئەنگە بېسىپ كىرگەندە 90% ئادەمنى قىرغىن قىلغانىكەن، ئەينى ۋاقىتتا 30-40 مىليون ئادەم بۇ قىرغىنغا دۇچار بولغانكەن. موڭغۇللارنىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلادى ئاقساق تېمۇر جاھانگىرلىك قىلغاندا تەخمىنىي ھىسابلاردا 20 مىليون خەلقنى تىغدىن ئۆتكۈزگەنكەن. مانجۇلارمۇ قاتتىق قىرغىنچىلىق قىلغان ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى چاچ چۈشۇرۇشنى رەت قىلغاندا پۇتۇنلەي قىرغىن قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر، يەكەن، ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلاردا قىرغىن قىلىنغان خەلقلەر 200مىڭ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بۇلىشى مۇمكىن. سىتالىننىڭ چوڭ تازلىشىدا ئۆلگەن كىشىلەرمۇ 10 مىليون بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ جىق. شىڭشىسەي مۇ 300مىڭ ئادەمنى قاماققا ئېلىپ نورغۇنلىرىنى ئۆلتۇرگەنكەن. رىملىقلارمۇ قىرغىن قىلىپ باققان. بۇنداق قىرغىنچىلىقلار تارىختا نۇرغۇن بولغانكەن.
ئادەم ئۆلتۇرۇش سۈرئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا گىتلىر ھىچ گەپ ئەمەس، يەنە بىرسى گىتلىرى قوزغىغان ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەر ئۇرۇشتا ئولگەن ئەسكەرلەر. لىكىن يۇقىرىدىكى نۇرغۇن قىرغىنچىلىقلاردا ئۆلگەنلەر ئەسكەر ئەمەس، پۇقرا. شۇنىڭدىن قارىغاندا گېتلىر ئۇرۇشنى چوڭ قىلغان ، لىكىن پۇقرانى قىرغىن قىلغان ئىشلار ئاساسەن يوق، يەھۇدىيلارنىلا سېستىمىلىق قىرغىن قىلغان.
|
|