- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31879
- نادىر
- 18
- يازما
- 1028
ئۆسۈش
  54.7%
|
بۇ يىلقى'' ئىككى يىغىن '' مەزگىلىدە سېياسىي كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتىنىمۇ قوشۇپ ئاڭلىتىش تەكلىپىنى بېرىش ئارقىلىق مۇقەددەس ۋەتەن زېمىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بولغان ئوتتەك ھېسىياتىنى ئىپادىلەپتۇ.
ئومۇمەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقى تارىختىن بۇيان تاشقىي كۈچلەرگە بىر نىيەتتە قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى مەھكەم ساقلاپ كەلمەكتە.ئەمما ۋەتەننىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ھەر مىنۇت خەۋىپ ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ .دىياۋيۈ ئارىلى خەۋىپتە قالدى؛نەنشىيا -چۇنشىيا تاقىم ئاراللىرىغا فىلىپىنلىقلار خالىغانچە ئاياق بېسىپ يايراپ يۈرمەكتە؛ ھەتتا ئۇلار قىلچە تەپ تارىتماي نەنشىيا تاقىم ئارىلىغا بايراق قاداپتۇدەك؛جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى جڭۇڭگولۇق پۇقرالار دائىم تۇتقۇن قىلىنىش، يالىرىلىنىش ھەتتا ئۆلۈم-يىتىم تەھدىدىتىدىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ؛ ھىندىستان جېنىدا يەڭنى شىمايلاپ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز تەۋەلىكىگە باستۇرۇپ كېلىپ نېفىت قېزىشقا قاتنىشىپتۇدەك ؛بۇ جەھەتتە ۋېتناممۇ بوش كەلمەي تىنماي پىتراۋاتىدۇ؛بېرما ئامېرىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى؛ ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىلىرى ھەتتا كورىيە-ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ھېمايىسىدە ئېلىمىزنىڭ سېرىق دېڭىز تەۋەلىكىگىچە قىستاپ كېلىشكە پېتىندى.
ئومۇمەن دۈشمەن كۈچلەر شەرقىي دەرۋازىمىزنى قاقماقتا.مۇشۇنداق ئەھۋالدا ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى مول دەرۋازا ساقلاش تەجرىبىسىگە ئىگە ، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلگەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ ئاساسلىق زېھنىي كۈچنى شەرقىي دەرۋازىنى ساقلاشقا قارىتىش تولىمۇ زۆرۈردەك قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈرۈشكە قارىغاندا دىياۋيۈ ياكى نەەنشىيا تاقىم ئاراللىرىغا كۆچۈرۈش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ھېچ بولمىسا خەينەن ئارىلىغا بولسىمۇ كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ شەرقىي جەنۇب دەرۋازىسىنى ساقلاش تولىمۇ موھىمدەك قىلىدۇ. |
|