تېپىلمايدۇ جاھان ئىچرە ئانا ئوخشاش بۈيۈك ئىنسان،
كېچە-كۈندۈز پۇرار باغرى سېنى دەپلا كۆيۈك،ئىنسان!
يېڭىلمەيدۇ مۇشەققەتتىن،پۈكۈلمەيدۇ ئەلەم دەرتتىن،
پىغان يۇتقاي بالام دىبان،جاپالارغا كۆنۈك ئىنسان!
ھاياتىڭنىڭ چىراقىدۇر، قىينىغىنى پىراقىڭدۇر،
بولۇپ قالساڭ ئەگەر نىمجان دىلى بولغاي ئۈزۈك، ئىنسان!
ۋۇجۇدىدۇر گويا گۈلخان، سېنىڭ ئۈچۈن يېنىپ تۇرغان،
سېنى دەپلا ياشاپ ئۆتكەي، ئېتىقادى سۈزۈك ئىنسان!
ئۇنىڭ ھەر لەۋزى بەختىڭدۇر،تىنىقى شانۇ-پەخرىڭدۇر،
بىلەلمەس قەدرىنى ئەسلا،ئىمانى سۇس-خۈنۈك ئىنسان!
سېنىڭكى تۇنجى ئۇستازىڭ،زىمىستاندا باھار-يازىڭ،
داۋامەت لەۋزىنى ئاقلا،بولاي دېسەڭ تۈزۈك ئىنسان!
ئەي مۇھەممەت ئەزىز پەرزەنت بولاي دېسەڭ ئاڭا پەيۋەند،
ئۇلۇغلۇق ئىزدىمە ئۆزگە، ئاناڭ يەكتا-يىتۈك ئىنسان!
مەنبە: ئىجادىيىتىم. |