ۋەكىل بولمىساقمۇ تەكلىپ بېرىپ باقساق
ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەردىن تۈرلۈك پىكىر تەكلىپلەر چۈشكىلى تۇردى ، بەزى تەكلىپلەر ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرسە بەزى تەكلىپلەر ئادەمنى خوشال قىلىدۇ .
جۇاڭخۇا خەلق جۇمھىرىيتى بولغاندىكىن مەن ئۆزەمنى بىر خەلق دەپ ئويلاپ گەرچە ۋەكىل بولمىساممۇ پىكىر بېرىپ باققۇم كېلىپ قالدى .
1. ھەرقايسى شەھەرلەردە پويىز بېلىتى سېتىش ئورۇنلىرى كۆپەيتىلسە ، بۇنىڭدا خەلقنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ ،ھەمدە بىر كۈنلۈك سەپەر ئۈچۈن ئىككى سائەت يول مېڭىپ نەچچە سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت سېتىۋېلىشتەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ ،يېقىندا تېلفۇن ۋە توردا بېلەت سېتىۋېلىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ نۇرغۇن ئادەتتىكى پۇقرالارغا دىگەندەك نەپ بېرەلمىدى .
2.مائارىپقا بولغان مەبلەغنى كۆپەيتسە، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى يوقىرى كۆتۈرسە !
3.ماي -گاز باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى تىزگىنلىسە ، بولسا چۈشۈرۈپ بەرسە!
4.ئومۇمىيۈزلۈك چاقىرىق ۋە تۈرلۈك ئېتۋار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ پۇقرالارنى ئالدى بولۇپ دۆلىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىشلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنى شەكىللەندۈرۈپ دۆلەت كارخانىلىرىنى تەرەققى قىلىپ دۆلەت ىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرسەك ،
5. چەتئەلدىكى ۋە ئافرىقىدىكى نامرات رايونلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشتەك يۈكسەك ئۇلۇغۋار ئىشنى ئازايتىپ دۆلىتىمىزدىكى نامراتلارنى يۆلەشنى كۆپەيتىپ ، دۆلىتىمىزدە نامراتلىقنى كەلگۈسى 10 يىلدا تامامەن يوقاتساق !
6.ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلۈگىچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايديرساق .
7.قاتناش قىستاقچىلىقىنى تىزگىنلەش دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى ، بۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈنسە !
تورداشلارنىڭ يەنە قانداق ئۆزگىچە تەكلىپ پىكىرلىتى بار ، خەنزۇتىلىدىكى بېكەتلەردە بۇ يىغىن مەزگىللىردە نۇرغۇن مۇنازىرە ۋە تەكلىپلەر بولىدۇ ، لېكىن بىزدە ناھايىتى ئاز ، قېنى سىزنىڭ قانداق ئويلىغانلىرىڭىز بار ،ئوتتۇرىغا قويۇڭ ! |