- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 130
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
43.33%
|
ياپونىيە «تاكى نەشرىياتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
ئۇلۇغ دېموكراتچى شائىر، يارقىن مەرىپەتچى، تىز پۈكمەس ئىنقىلابچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سەكسەن پارچىگە يېقىن شېئىرى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ توكيودا «كۈرەشچان ئۇيغۇر شائىرى-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن نامدا نەشر قىلىنغان.
ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى، توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى ئۇيغۇر تىل تەرجىمانى رېئىكو ھاگىتا خانىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ياپونىيە تاكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىدا ئالدى بىلەن شائىرنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان يېڭى شەھەردە مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، ئۈچ ياشتىن باشلاپ چوڭ ئانىسى ئەرەمىسا خېنىمنىڭ گۈزەل رىۋايەتلىرى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەرەبچە، پارسچە تىل-يېزىقتىن خەۋىرى بولغان ئاتىسى ئابدۇراخمان مەخسۇمنىڭ ئوقۇپ بەرگەن كىتابلىرى، چوڭ دادىسى مىجىت ھاجىمنىڭ رۇسىيەنىڭ شەمەي، قازان شەھەرلىرىدىن ئەكېلىپ بەرگەن يېڭىچە دەرسلىكلەردىن تەلىم ئېلىپ ئەتراپلىق بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا دائىر قىسمىدا، شائىرنىڭ 1915-يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجىم بىلەن رۇسىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، شەمەيدە رۇسچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ، كېيىن رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 1918-يىلى 4-ئايدا تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ يېڭى شەھەردىكى مەكتەپكە يەنى «شۆتاڭ» غا ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر قىسىمدا يەنە شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق رۇسىيە سەپىرى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 1923-يىلى 3-ئايدا رۇسىيەگە بېرىپ مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كىرىپ 1926-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىدا، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندىمنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغان دەۋر» دېگەن ماقالىسىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تۇرپان ئاستانىدە ئېچىلغان «مەخسۇدىيە مەكتىپى» نىڭ تاقالغانلىقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجىم قاتارلىقلار ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەرنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىغا ئۇنىڭ جەمئىي سەكسەنگە يېقىن شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ «ئويغان »، «ئاچىل»، «باردۇر» قاتارلىق مەشھۇر شېئىرلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن..
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ياپونىيەدە ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە توختالغان ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو مۇنداق دەيدۇ: «ياپونىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيا شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە تەرجىمە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن كىشىلەر بىر قىسىم مەشھۇر شائىرلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش كۈرەشچان شائىرلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى رېئىكو ھاگىتا خانىم ئىلگىرى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە يازغۇچىسى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانىنى ۋە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابلارنى ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن.
مەنبە: تۈركچە سەھەر گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
|
|