ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرنى كومپۇيۇتىرىمدا مەسىلە كۆرۈلگەچكە ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم
بۈگۈنكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
بۈگۈن ئۇستاز ھۆرمىتىڭنى تاپتىڭمۇ؟
دېھقان شائىرە رازىگۈل سالى
بۈگۈن ئۇستاز ھۆرمىتىڭنى تاپتىڭمۇ؟ تەبرىكلەر،مەدھىيەلەر ئالدىدا. ئۆز شەرىپىڭگە مۇناسىپتۇر ئوبرازىڭ، يا قالمىدىڭ بۈگۈن بىرەر دالدىدا.
ھەر تەرەپتىن نامىڭ تىلغا ئېلىندى، بۈگۈن بولغاچ سېنىڭ قۇتلۇق بايرىمىڭ. مەيلى،دېھقان،يا زىيالى ھەممىنى، باشلىغاچقا بىلىملەرگە بايرىغىڭ.
بارلىقىڭنى ئەۋلات ئۈچۈن ئاتىدىڭ، ئاپئاق چېچىڭ يىللار بەرگەن سوۋغىسى. بۈگۈن ساڭا بارچە دىللار ھۆرمەتتە، سايە بەرگەچ شۇ ئەجرىڭنىڭ شولىسى.
ئۆمرۈڭنى تىلىمەيمەن،يىل:-- يورغا، ھاياتىمىز چەكلىك ھامان بەش كۈنلۈك. بۇ ئالەمدەئورنۇڭ مەڭگۈ ھۆرمەتتە، ئۇ ئالەمدە جەننەت بولسۇن كۆڭۈللۈك.
2016-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزىلدى. |