- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19271
- نادىر
- 1
- يازما
- 805
ئۆسۈش
23.18%
|
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى nusratدە2012-03-01 10:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىلىم،
ئەڭ ئاۋۋال بىر شېئىرغا باھا بېرىش يۈزىسىدىن(مەزمۇن جەھەتتىن) ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر ئەخلەت شېئىر. ئىشەنمەمسىز؟!
بىرىنچى كۇبلىت: «سالام ساڭا مۇنبەر سەركىسى». باغداشقا مۇنبەر سەركىسى بولۇشقا تېخى خېلى بار. تېما ئىگىسىنىڭ بىرىنچى مىسرانىلا مۇنداق كۆپتۈرمە ئۇسۇل بىلەن باشلىشىدىن ئەقلى بار ئادەمنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ. قانداق مۇنبەر مۇنبەرلەر سەركىسى ھېسابلىنىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا ھەممە كىشى قايىل بولغۇدەك بىر جاۋابنى تېپىپ بېرىش تېخىمۇ تەس. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، قانۇن بىلەن چاقچاق قىلىشمىسىلا، ھەتتاكى ئىملاسى بىلەن بەك ئويلىشىپ كەتمەي تېمىلار تەستىقلىنىۋېرىدىغان، نادىرلىق ئۆلچىمى ھەققىدە مۇقىم مەيدانى يوق(ھېچبولمىغاندا كىشىگە شۇنداق تەسىر بېرىدىغان)، ئايدا بىرەر قېتىممۇ ئىكران زىيارىتىنى سۇنۇپ بېرەلمەيدىغان باغداشنىڭ «سەركە» نامىنى ئېلىشىغا جەريان تېخى بار. ناۋادا راست ئۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلار بىز سەركە، دەپ يۈرسەڭلار ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ چاتىقىم يوق. باغداش مۇنبىرىنى مەنمۇ سۆيىمەن، خۇددى قومۇل خەلقىنى سۆيگەندەك. بىراق بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ماختاش بىلەن ئەمەس، كەمچىللىكلىرىمىزنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تۈزىتىش ئارقىسىدا ئۆز مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك.
.......
مۆھتىرەم مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ ،مۇنۇ تورداشنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئويلۇشۇپ كۆرشىنى ئۆمۈت قىلىمەن .
ئەمدى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا توختالساق ؛ قۇرۇق گەپ بىلەن ھېچ ئش ھەل بولمايدۇ دەپ يېزىپسىز . باغۋەننىڭ تىمىسىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ ئەمەس ، چۈشىنپ ئوقساق ئادەمنى خېلى ئويغا سالغىدەك ئىنكاسلارمۇ كۆپ ، ئەگەر يەنىلا ھەممىسى قۇرۇق گەپ دەپ قارغاندىمۇ ، ئاشۇ نەچچە مىڭ كىشى قالدۇرغان قۇرۇق گەپنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن قەشقەردە قانچىلىك ئىشلار نىڭ ،قانچىلغان كىشلەرنىڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىنى سىز بىلمىسىڭىز كېرەك .<< ئايدا بىرەر قېتىممۇ ئېكران زىيارىتى سۇنۇپ بىرەلمەيدىغان باغداشنىڭ >> بۇ دىگنىڭىز ئەملىيەت ، لىكىن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى مۇنبەرگە يۈكلەپ قۇيۇشقا بولمايدۇ ، بۇنىڭدا بىز مۇنبەر ئىشتىراكچىللىرىنىڭ مۇنبەرنى قوللاش كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئايرىپ قارغىلى بولماس . << مۇنبەر سەركىسى >> بۇ گەپ ئۈچۈن مەن ھەرقانداق تورداش بىلەن گەپ تالشىپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن . باشقا مۇنبەرداشلار باغداش مۇنبىرىگە قانداق قارساڭلار ، قانداق باھا بەرسەڭلار بۇ ئۈزۈڭلارنىڭ ئەركىنلىگى ،لىكىن باغداش مۇنبىرنىڭ ، شەخسەن مىنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى يەنىلا مۇنبەر سەركىسى دىگەن نامغا مۇناسىپ . بۇمىنىڭ شەخسەن كۆز قارشىم باشقىڭلارغا زورلاپ تاڭمايمەن . ئەمدى ئەسلى مەزمۇنغا كەلسەك ؛ مىنىڭ يازمام نادىرلىنىشقا ئەرزىگۈدەك تىما ئەمەس بۇنى ئۈزۈممۇ ئىتراپ قىلمەن . شۇنداقتىمۇ مىنىڭ يازمام سىز تىلغا ئالغاندەك ئۇنداق ئەخلەت تىمىلاردىنمۇ ئەمەس . سىز كۆزدە تۇتقان ئاتالمىش مۇنبەر سەركىلىردىمۇ ،مىنىڭكىدىنمۇ ئەخلەت تىمىلارنى كۆرگەنمەن . مىنىڭ يارزمام قانداقتۇر تورداشلارغا مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇق بولالمايدۇ ھەم ، ھېچقانداق پايدىلنىش قىممىتىمۇ يوق بىر يازما . مەنمۇ ئۇنداق يازمىلارنى يازالىغىدەك ئادەممۇ ئەمەسمەن . ئەمما مىنىڭ يازغان ھەربىر مىسرالىرىم ،باغداش مۇنبىرىگە ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ھۆرمىتىمنىڭ بارلىقىنى ، باغداش مۇنبىرىنىڭ ،مىنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقىنى ئپادىلەپ بىرەلەيدۇ دەپ قارايمەن . مەن سۆكۈشكە تىگىشلىك ھەرقانداق بىر شەيئىنى قۇربۇمنىڭ يىتىشىچە سۆكىمەن ، ماختاشقا تىگىشلىكنى يەنىلا قولۇمدىن كىلىشىچە ماختايمەن ، مانا بۇ مىنىڭ كىشلىك مەيدانىم . << ھەممە ئادەمگە بەرسە ياخشى >> دىگەندەك ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇزارى دىگەن تىمىنى باغداش مۇنبىرنىڭ ساقلاپ قالالىغانلىقى ئۈچۈنلام ، مۇشۇ ئىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ماختىغىنىم ئەمەس . مىنىڭ ئاساسلىق كۆزدە تۇتدىغىنىم ، باغداشلىقلارنىڭ پىكىر بىرلىكى ، مۇنبەرداشلار ئىتتىپاقى . مۇنبەر يۈزىدە ئىنكاس ئىختىلابى ئويغۇر مۇنبەرچىلكىدە دائىم كۆرلۈپ تۇردىغان ھادىسلەرنىڭ بىرى ، باغداش مۇنبىردىمىۇ بۇ خىل ئەھۋال قىسمەن جەھەتتە يەنىلا مەۋجۈت . لىكىن سىز كۆزدە تۇتقان ئاتالمىش مۇنبەر سەركىللىرىدىكىدەك كۆپ ئەمەس . مەن قەيەردە قېرىنداشلار بىرلىكى بولدىكەن شۇيەرنى ماختايمەن ، قەيەردە قېرىنداشلار ئارا ھىسداشلىق بولدىكەن مەن شۇيەرنى ماختايمەن . قەيەردە ئۆز ئارا ئىختىلاپ بولدىكەن ، قانداق سەركە بولشى بىلەن كارىم يوق سۆكىۋىرمەن . |
|