جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭسوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىرگەچېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغدىشى، تالاش تارتىش بولۇۋاتقانرايونلاردا مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىقىكېرەك.
مۇخبىر: خەۋەرگە قارىغاندا ھىندىستان ئەمەلدارى يېقىندا ئاتالمىش ئالۇناچارئىشتاتى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بۇ رايوننىڭبىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداقئىنكاس بىلدۈرىدۇ دەپ سورىغاندا خوڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جۇڭگو ھىندىستانچېگرا مەسىلىسى جۈملىدىن تالاش تارتىش بولۇۋاتقان رايونلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىئىزچىل ۋە ئېنىق، جۇڭگو باراۋەر دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئادىل، مۇۋاپىق، ئىككىلاتەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،ھىندىستان مەسىلىنى ئەڭ ئاخىرى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن جۇڭگو بىلەن بىرگە چېگرارايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغدىشى، تالاش تارتىش بولۇۋاتقان رايونلاردامەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىقى لازىم.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى سۆھبەت بايانقىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي تۈنۈگۈن قەرەللىكمۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننەنىڭ سۇرىيە كىرزىسىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمىسىنىڭئالاھىدە ئەلچىسى بولغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ سىياسىي سۆزلىشىشكەپايدىلىق بولۇپ، سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ تىنچ، مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنىئۈمىد قىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپ باياناتچىسى ئىشخانىسى 23-فېۋرالمۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون بىلەن ئەرەبئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى شۇ كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ،ئاننەننى سۇرىيە كىرزىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىبىرلەشمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا خوڭ لېي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو چاۋشيەنبىلەن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا ئۈچىنچى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشىئۆتكۈزۈشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالاقىدار سۆزلىشىشلەرنىڭ ئىجابىي ئۈنۈملۈكبولۇپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشىنىئۈمىد قىلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلىدەيۋېس بىلەن چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى كىم كىيۋانباشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 23-ۋە 24-فېۋرال بېيجىڭدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |