شامالنامە
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى
سۆيەر مەڭزىم ئارا يۈمشاق جانان لەۋلىك شامال سەلكىن، چۈشەر شېرىن، سەنەملەرنى ھاياجانلىق خىيال سەلكىن.
تاراپ گۈل بەرگىدىن خۇش ھىد قونۇپ سالقىن، تىنىقلارغا، ھوزۇر جەننەت پۇراقىدەك كىشىگە دەل بۇ ھال، سەلكىن.
سۈرۈپ سوغنى يىراقلارغا، باھارنى ئويغۇتۇپ چىللاپ، سۈيىنى ئاقتۇرۇپ ئەگىز زېمىستانغا مالال سەلكىن.
دەرەخنىڭ باغرىدا ئوينار، دېڭىزنىڭ دولقۇنى ئورمان، شىۋىرلاپ ياپرىقى ئېيتار مۇھەببەتلىك سۇئال سەلكىن.
غەزەپتىن ھۆركۈرەر يولۋاس مىسالى ھەيۋىتى گاھى، تىكەنلىك شۇمبۇيا- شاخقا سالار كەسكىن زاۋال، سەلكىن.
بۇلۇتنىڭ تەشۋىشى قاپلاپ قارا تون كىيسە گەر كۈندۈز، تۇماننى تارقىتىپ كۆكتىن ئاچار ئاپتاپ جامال، سەلكىن.
تارار ساچىنى مەجنۇنتال، بويى سۇمبۇل، قىياقلار ھەم، كۈلەر لەرزىدە ئويناقلاپ تۆكۈپ نازى خوشال سەلكىن.
يەنە سىيپايدۇ مېھرىدىن تۈمەن مايسا، چىمەن... باغدا- چېچەكلەرنى قىلىپ ئاشيان بېرەر تاتلىق ۋىسال سەلكىن...
مۇرادىمكى: مۇلاقەتتە سابا روھىم بىلەن تاڭدا- بېغىشلاپ دىل ئارامى جان، بولۇش ئەلگە زۇلال سەلكىن!
19-ئىيۇن ئاتۇش |