سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان 20يىل- رۇسىيە:
دېموكراتىيە ۋە بەدەل
سىياسى ئىسلاھات ۋە يېلتسىننىڭ تاسادىپىي پۇرسىتى
ئاشكارا، دېموكراتىك، كۆپ مەنبەلىك گورباچېفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق پىرىنسىپ ئىدى. لېكىن، ئېيتىلىشى توغرا بولسىمۇ، تارقىلىشى تۇتۇق بولغاچقا، مەيلى شۇ چاغلاردا بولسۇن ياكى ھازىرمۇ بۇ ئۈچ پىرىنسىپنى چۈشىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخقا قايتىپ پىكىر يۈرگۈزگەن تەقدىردىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى قايسى تېمىدىن يۇرۇتۇش كېرەك؟
گورباچېفنىڭ لوگىكىسىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇ چېگرا رايۇندىن مۇسكۋاغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تىزگىنلەش ئەندىزىسى ھەققىدە مۇنداق قارىغان: »مەركەز بىلەن جايلاردىكى پارتكوملار بارا-بارا ھوقوق دائىرىسىدىن ھالقىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فونكىسىيەسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزمەكتە. بۇ يالغۇز ھاكىممۇتلەقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە فونكىسىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا.« بۇ ئۇ تاللىغان تەدبىرنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولدى. گورباچېف ئۆزىنىڭ سىياسى ئىسلاھاتىنى مۇنداق بايان قىلغانىدى؛ »ئەگەر سىياسى ئىسلاھاتنىڭ مەنىسىنى ئاددىي چۈشەندۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەم قانداق يولغا قۇيۇلغانلىقىنى ھوقوقنىڭ كومپارتىيەنىڭ قولىدا ئوڭچە تىزگىنلىنىشتىن ئاساسىي قانۇن بۇيىچە ئىختىيارلىق ئاساسىدا سايلاپ چىقىلغان خەلق ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت فېدېراتسىيەسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇش جەريانى، دېيىشكە بولىدۇ.«دۆلەت ھوقوقىنىڭ يۆتكىلىدىغانلىقىنى گورباچېف ئەلۋەتتە بىلەتتى. ئىسلاھاتنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇب بولۇشى، بولۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشى پۈتۈنلەي سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ ئىسلاھاتقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىگە باغلىق ئىدى. چۈنكى سوۋېت كومپارتىيەسى ئەسلىدە ئوڭچە تىزگىنلەپ كېلىۋاتقان ھوقوق تەبىئىي ھالدا قولدىن چىقىپ كېتەتتى.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، گورباچېفنىڭ سىياسى ئىسلاھات يولى دۆلەت ھوقوقىنىڭ سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ قولىدىن ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي سوۋېت فېدېراتسىيەسىگە غەربلىكلەرنىڭ تىلى بۇيىچە ئېيتقاندا »پارلامنېت«قا ئۆتۈشىدىن ئىبارەت. تۈزۈمدىكى ئاتالمىش ئۆزگىرىش ئەمەلىيەتتە ھوقوق مەنبەسىدىكى شۇنداقلا ھوقوقنىڭ شەكىللىنىش شەكلىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇ ئاخىرىدا يەنىلا ھوقوقنىڭ مەركىزى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. گورباچېفنىڭ بۇنداق بىر نىشاننى يولغا قۇيۇشى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن ئىدى. گورباچېف كېيىن بۇ جەرياننى شېئىرىي تىل بىلەن مۇنداق تەسۋىرلىگەن. »كۆپچىلىك دۆلىتىمىزدىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل بىرلا پىرىستاندا توختاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. بۇ پاراخوت ھازىر يولغا چىقىپ، ئەزەلدىن مېڭىپ باقمىغان بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىنى باشلىدى.«
گورباچېفنىڭ لوگىكىسى بۇيىچە بولغاندا، غايىنىڭ كونكىرېت ھەرىكەتكە ئايلىنىشى سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىسلاھات بولۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى-خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىنىشى ئىدى.
سىياسەت مەڭگۈ تىنىچ تۇرىدىغان لوگىكىلىق بايان ياكى قېلىپلاشقان رامكا ئەمەس، ئۇ بەلگىلىك تۈزۈم شارائىتىدا كۈچلۈك بىر تەرەپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ سىنىشىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. خەلق ۋەكىللىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىنىشى مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەر، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت قۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1-مۇئاۋېن رەئىسى بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق مەنسەپكە گول بولۇۋاتقان يېلتسىنغا سىياسى پۇرسەت بولدى. ئۇ گورباچېفنىڭ يېڭى لايىھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدا يېڭىدىن ھوقوق تۇتۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىدا بۇمۇ بىر غايەت زور ئۆزگۈرۈش ھىېسابلىناتتى. سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى تۆۋەن كۆرۈپ يەكلىگەن. كېرەكسىز بىر سىياسى شەخىسنىڭ ئەمدى بولغاندا باشقا بىر يول، يەنى، سايلىغۇچىلار ۋە سايلام بېلىتىش ئارقىلىق ھوقوققا ئېرىشىشى ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلغاندا، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغىنى، يېلتسىننىڭ گورباچېف يولغا قويغان تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق سىياسى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى: ئىشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، گورباچېفنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاخىرىدا ئۆزىنى مەغلۇب قىلىدىغان سىياسى رەقىبى يېلتسىننى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇنى يەككە لوگىكا نوقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش. لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ روھىي ھالىتى ئوخشاش بولدىمۇ؟ تەقدىر ھەقىقەتەن ئىستىقبالنى بەلگىلەيدۇ.
يېلتسىن خەلق ۋەكىللىرى سايلىمىدا قىلچە ئارسالدى بولمىدىمۇ؟ يېلتسىن ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىدا ئارىسالدى بولغانلىقىنى سەمىمىيىلىك بىلەن بايان قىلغان. ئۇ ئاۋۋال بىر يىلغا يېقىن جىمجىت يوقاپ كەتكەن تۇرسا، يەنە ئېتراپ قىلىنىشى مۇمكىنغۇ؟ ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ راستىنلا خەلق ۋەكىللىكىگە سايلانسا، بەلگىلىمە بۇيىچە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىىنى يەنە ئۆتىمەيدۇ.
-ۋەزىيەت ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، مەن بەرىبىر ۋەزىپىسىى يوق خەلق ۋەكىلى بولىدىكەنمەن. بىلىشىمچە، ھېچقانداق مىنىستىر ئۆزىنىڭ مىنىستىرلىقتىن ئىبارەت يۆلەنچۈكىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. خەلق ۋەكىلى دېگەن نۇرغۇن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مىنىستىر دېگەنلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز،-دېگەنىدى. يېلتسىن، بىراق، ئۇ يەنىلا سايلامغا قاتناشتى.
يېلتسىنغا ئوخشاش قۇرۇلۇشچىدىن يېتىشىپ چىققان سىياسىيونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىياسىينى تاللاش ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ئىدى. ئۇ موسكۋانى ئۆزىنىڭ سەھنىسى قىلىپ تاللىدى. گەرچە ئۇ ئىلگىرى موسكۋا شەھەرلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى سايلام سايلىغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغىلا ئاۋاز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. يۇرتىغا، ئەينى ۋاقىتتا توققۇز يېرىم يىل 1-شۇجى بولغان سۋېردلوۋسكى ئىشتانىغا باردى.
يېلتسىننىڭ سىياسى تەقدىرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ خەلق ۋەكىللىرى سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقانلىقى ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش بولغان. ئۇنىڭ 1- تەرجىمىھالىدا ئۇ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان ئۈچ ئاي ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، سىياسى قارىشى ۋە سايلام رىقابىتى پائالىيتىى تولۇق تەسۋىرلەنگەن.
يېلتسىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ۋەكىللىرى سايلىمى رىقابىتى مەزگىلدە رايۇنلۇق ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن. »مەن ك گ ب 4-ئىدارىسىنىڭ غەمخورلىقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆز ھالىمدىن ئۈۈم خەۋەر ئېلىۋاتاتتىم. ھازىرمۇ ئېسىمدە، نومۇر ئېلىش ۋاقتىدا ياشىنىپ قالغان بىر ئايال مىنىڭ ئادرېسىم، يېشىم، خىزمەت ئورنۇم دېگەندەكلەرنى سوراپ يازدى. نۆۋەت مېنىڭ ۋەزىپەمگە كەلگەندە، مەن مىنىستىر دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قولىدىكى قەلىمى چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ:»بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىر مىنىستىرنىڭ بىزنىڭ بۇ ئامبۇلاتورىيەگە كېلىپ نومۇر ئالغىنىنى كۆرۈشۈم.« دېدى ئۆز ئۆزىگە، يېلتسىن ئىشىكتىن تېلىۋىزىيە مۇخبىرلىرى سىرتتا ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار يېلتسىندىن يەنە بىر قېتىم سىرتتىن ئامبۇلاتورىيەگە كېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈنۈش ئېلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشىنى ئۆتۈنگەنىدى.
مېدىيالار گورباچېفنى ئاشكارا تۇنۇشتۇرۇپ، بىۋاستە نەپ ئالغۇچى، خەلق ۋەكىللىرى سايلىمىدا سىياسى قەھرىمانلارنى بولۇپمۇ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئاممىۋى مېدىيالارنىڭ ئەسلىي ئېھتىياجى ئىدى. تەشكىللىك مېدىيالار بىلەن ئاممىۋى مېدىيالارنىڭ تەرەققىيات دولقۇنىدا يېلتسىن ئاممىۋى مېدىيالارنىڭ تەشۋىقاتىدىكى سىياسى چولپانغا ئايلانغانىدى.
ئاممىۋى مېدىيالار نوقۇل تەشكىللىك مېدىياغا سېلىشتۇرغاندا لوگىكىلىققا، مۇرەككەپلىككە ئىگە ئىدى. مىنىستىر نامزاتى بولغان يېلتسىننىڭ »ئۆزى«ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكىلى ئۇلى لىڭشىپ قالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاھىدە ئاخباراتى ھەم رىقابەتچىلەرنىڭ تېلىۋىزىيە مۇنازىرىسىدىكى مۇنازىرە تېمىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. رىياسەتچى ئاممىنىڭ بىر پارچە سۇئال قەغىزىنى قولىغا ئېلىپ، نېمە ئۈچۈن سىز دائىم ئامما ئارىسىدا بولسىز؟ سىز ئامبۇلاتورىيەگە كېسەل كۆرسەتكىلى بارغان تۇرۇقلۇق، كېيىن يەنە بىر توپ مۇخبىرنىڭ گېپى بىلەن ئۇلارنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىغا ماسلىشىسىز...
بۇلار ئەلۋەتتە ئەسلىمە، يېلتسىن شۇ رىياسەتچىنىڭ سۇئالىغا ئىزچىل غەزەپلەنگەن. ئۆزىنىڭ نومۇر كۆرسەتكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغان. بۇ ئىشنىڭ »تەشكىلنىڭ ئادىمى« ئۈچۈن ساپاق بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. بەخىتكە يارىشا بۇ ھېكايىدىن قىزىقارلىق بىر نەتىجە چىققان. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئامبولاتورىيەگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەنلىكىنى سۈرەتكە ئالغان مۇخبىرلار شۇ قېتىم سۇئال سورىغان كىشىنى مەخسۇس ئىزدىگەن، بۇنى يېلتسىن مۇنداق يازغان؛ »ئۇلار ئۇ كىشىنى تاپقان، لېكىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھېچقاچان تېلىفۇن بەرمىگەنلىكىنى، ھېچقانداق سۇئال سورىمانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداقتۇر. ئامبۇلاتورىيەدىكى ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇ كىشى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يېلتسىننىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى ئۆتۈنگەن، مۇخبىرلار بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆرەتكە ئېلىۋالغان ھەم ماڭا يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.«
نەتىجىدە يېلتسىننى »تەشكىللىك قىلىق«دەپ قارىلايدىغان »پاكىت« ئۇنىڭ سىياسى ئۆكتىچىلىك ئوبرازىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن. نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن يېلتىسىن %89.6 لىك يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، خەلق ۋەكىللىكىگە سايلانغان.
يېلتسىن، بىلەن گورباچېفنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەمكارلىشىش پۇرسىتىمۇ بولغان بولاتتى، شۇنىڭدىن كېيىنلا گورباچېف يېلتسىننى ئىزدەپ، بىر سائەتكە يېقىن پاراڭلاشقان، بۇ يېلتسىننىڭ خاتىرىسىگە مۇنداق يېزىلغان؛ »سۆھبىتىمىز ئۇزارغانسېرى ئارىمىزدىكى بىردەكلىك قاتماللاشتى. گورباچېف ئاۋازىنى پەسەيتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلەتتى. ئۇ مەندىن بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىمنى، نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىمنى، كەلگۈسىدە قايسى خىزمەتكە بەكرەك كۈچەيدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن دەرھال جاۋاب بەردىم؛ قۇرۇلتاي ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. گورباچېف بۇ جاۋابنى قەتئى ياقتۇرمىدى. ئۇ ئەسلىدە مەن ئارقىلىق ئۆزىگە مەلۇم يول قالدۇرماقچى بولغانىدى..« شۇنىسى ئېنىقكى، گورباچېف بىلەن ئاندروپوف ئىلگىرى سىياسى جەھەتتە قانچىلىك ئىتتىپاقلاشقان بولسۇن، ئەمدى يېلتسىن بىلەن ئۇنداق پۇرسەتنىڭ قايتا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
خەلق ۋەكىللىكىگە سايلانغان يېلتىسن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. قۇرۇلتاي ھەممىنى بەلگىلىدى. نېمىنى بەلگىلىدى؟ مۇنداقچە قىلغاندا، خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزلىدىغان يىغىلىش، خالاس، لېكىن، ئۇنىڭدا ئالىي سوۋېتى سايلاپ چىقىلغانىكەن. ئۇ ھوقوقنىڭ مەركىزى ئىدى. مىنىستىرلىق مەنسىپىدىن ئايرىلغان يېلتسىننىڭ 1-قەدىمى خەلق ۋەكىللىكىگە سايلىنىش بولدى. ئەگەر ئۇ ئالىي سوۋېتىگە كېرەلمىگەن بولسا، ھېچ ئىش قىلالمىغان بولاتتى. ھېچقانداق سىياسى پۇرسەتكىمۇ ئېرىشەلمەيتتى. ئالىي سوۋېتىنى سايلاش ھارپىسىدا گورباچېف زەيتۇن شېخى سۇنغان بولسىمۇ، يېلتىسن ئۇنى رەت قىلدى.
تەقدىر يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتتى. يېلتسىن ئالىي سوۋىتىگە سايلاندى. ئۇ يەنىلا سىياسىيدىكى كېرەكسىز ئادەممىدۇ؟
... (داۋامى بار)
مەنبە: »ئامانلىق« ژورنىلىدىن ئېلىندى
|