شۇنداق قىلىپ ئاينۇرنىڭ خىيالى قاسىمدا ئىدى. قانداق قىلسام ئۇنىڭغا ناز خولۇقلۇق ئايال بۇلۇپ كۆرىنەرمەن دەپ ئويلايتى، بىر كۈنىدۇكانغا ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى رەشىدە كىرىپ كەلدى دە، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى ،رەشىدە ئاينۇر بىلەن پاراڭلاشقاچ يەنە تىلفۇندا بىر كىملەر بىلەن چاقچاقلىشىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئاينۇر ھەيران بۇلۇپ سورىدى:
-كىملەر ئۇ؟ نىمىنداق كۆپ ئادەملەر بۇ تىلفۇندىكى دىدى. رەشىدە كۈلۈپ تۇرۇپ :
-سەنچۇ ئاداش، بۇرۇنمۇ شۇنداق قېرى مىجەز، ياۋاش ئىدىڭ، ھەممىمىزدىن بالدۇر تۇرمۇشلۇق بۇلۇپ يەنىلا شۇنداق ياۋاش تۇرۇپسەن، ئۇنداق بولساڭ ھازىرقى جەميىتىمىزدە مەغلۇپ بولغان ئاياللار قاتارىغا كىرىسەن، بۇ تىلفۇن تورى دەپ ئاتىلدۇ، 16820 بۇ نۇمۇرنى تىلفۇندا باسساڭ تورغا كىرەلەيسەن، ئاندىن ئەسكەرتمىسى بويۇنچە ماڭساڭ، پاھ! ھاياتىمنى ھەجەپ مەنىسىز ئۆتكۈزۈپتىمەن دەپ قالىسەن، تور دۇنياسى بەكمۇ كۆڭۈللۈك دۇنيا، ئۆيىڭدە ئولتۇرۇپ ھەر جايدىكى كىشىلەر بىلەن مۇڭدىشالايسەن بۇ دىگەن ئۇچۇر دەۋرى، 2000-يىل دىگىنە. بۇنىڭغا كۈنۈپ قالساڭ ئېرىڭنىڭ پىيدىمۇ بولمايسەن، ئەر دىگەن توردا كۆپ سەن قانداق مۇڭداشساڭ ساڭا شۇنداق مۇڭ بۇلالايدۇ، ئاڭلا ھە، دىدى رەشىدە قولدىكى تىلفۇننى ئاينۇرنىڭ قۇلىقىغا ئاپىرىپ، ئاينۇر ئاڭلىۋىدى بىر نەچچەيلەننى كۈلكە چاقچاقلىرى ئاڭلاندى. رەشىدە يەنە كىملەرگىدۇ ئۆزىنى «ياپراق» دەپ تۇنۇشتۇردى، ئاندىن ئولتۇراق رايۇننى باشقا شەھەرنى دىدى ۋە قىزغىن مۇھابەت پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى. رەشىدە دۇكاندىن چىقىش ئالدىدا ئاينۇرنىڭ تىلفۇننى تورغا ئۇلاپ بەردى. ۋە ئۆزىنىڭ توپىغا قۇشۇپ قويدى. ئاينۇرنىڭ قەلبىدە رەشىدە ئۇنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تۇرمۇش بىسىمىدىن قۇتۇلدۇرغۇچىسى ئىدى. شۇندىن تارتىپ ئاينۇر دۇكاندىكى ماللارنى ۋاقتىدا تۇلۇقلاپ بۇلۇپ ۋاقىت تاپسىلا تور ئوينايدىغان، بارا –بارا گەپكە ئۇستا بۇلۇپ توردىكى نۇرغۇن يىگىتلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، بۇرۇن قاسىمنى بالدۇر كەلمىدى دەپ خاپا بۇلۇپ بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە ياشىغان بولسا ھازىر قاسىمنىڭ ئۆيدە بۇلىشى ئۇنى بۇرۇقتۇرما قىلاتتى. قاسىمنىڭ تىزىراق ئۆيدىن چىقىپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلدىغان بۇلۇپ قالدى، كىچىلىك ئىسمىندا ئىشلىسە بۇرۇن قالايمىقان خىيال قىلىپ كىچىچە ئۇخلىيالماي چىقاتتى، مانا ھازىر قاچان كىچىلىك ئىسمىنىغا چىقىپ كىتەر دەيدىغان بولدى، بۇ كۈنلەردە قاسىم كىچىلىك ئىسمىنىغا چىقىپ كەتسە ئاينۇرغا بايرام بۇلاتتى، ئۇ كىچنى تورداشلار بىلەن قىزىقارلىق يۇمۇر سۆزلىشىپ، ئايرىمخاندا ئىچ سىرىنى دىيىشىپ سىردىشىپ تاڭنىڭ قانداق ئاتقىننىمۇ تۇيماي قالاتتى، بارا-بارا ئاينۇر تورغا ئۇستا بۇلۇپ كەتتى، بىر يىلدىن كىيىن ئۇ تورداشلىرى بىلەن كومپىيوتىردا چى چى دا كۆرىشىدىغان بولدى، ھەر خىل فىلىملەرنى كۆرۈپ كۆزىمۇ، ئىڭىمۇ ئىچىلدى بارا-بارا ئاياللىق نازاكەتنى قۇۋلۇققا، ھىلىگەرلىككە ئۆزگەرتتى، يولدىشىغا ئەركىلەپ قۇيدىغان، تاتلىق سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزلىكىدىن غىدىقلايدىغان بولدى. دۇكانغا كىرگەن ئەر خىرىدارغا بۇرۇن ئوچۇق چىراي ئىچىپ گەپ قىلمايتتى، ھازىر ئۇلارغىمۇ يولدىشى يوق چاغدا نازلىنىپ يۈرىكىگە ئوت يىقىپ قۇياتتى، بەزى ئەرلەر ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن يىقىنلىشاتتى، تىلفۇن نۇمۇرلىرنى بېرەتتى. ئۇنىڭ چىرايىنى، قامىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايتى ۋە ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلاتتى، ئاينۇرمۇ ئۇلارنى نۇرغۇن قىتىم سىناپ ئاغزى چىڭ سىر ساقلىيالايدۇ دىگەنلەر بىلەن مەخپى ئۇچۇرشۇپ قۇياتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقانلار ئۇنى :
-سىزنىڭ بەك خۇلىقىڭىز باركەن دەپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوغىلارنى بىرەتتى. ئاينۇر بىر نەچچە ئەر بىلەن ئارلىشىپ ئەسلىدە ئېرىنىڭ مەزىبىزى ئاغرىقى بارلىقنى بىلىپ يەتتى. ئۇ ھەركەت قىلغاندا ئىنسى جىنغا تۇيدۇرمايتى، ھەتتا بىرەر قىز دوستلىرغىمۇ ئىچ سىرنى بەرمەيتى، كىيىن ئۇ رەشىدەدىنمۇ ئۇستا بۇلۇپ كەتتى، رەشىدە سورىسا :
-مەن تورنى قالماشتۇرۇپ ئوينىيالمىدىم، شۇڭا چىكىندىم دەپ قۇيۇپ توردىكى ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ يۇشۇرۇن كۆرۈشۈپ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى، قاسىمنىڭ يىنىغا كەلمىگىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بايرام ئىدى، قاسىمنىڭ ئالدىدا بىچارە چۈشكۈن بۇلۇپ، ئۇ كەتكەندىن كىيىن ئۇيۇننى باشلايتى. ئۇ خىلى كۆپ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالدى، ئۇ ئەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشلىرى، سوغا سالاملىرى، بايراملاردا ئۆچرەت بىلەن سالام يوللىشى، ئۇنى ئالى دەرىجىلىك مىھمانخانىغا تەكلىپ قىلىشلىرى ئۇنىڭ ھىسياتىنى تىخىمۇ ئەسەبىلەشتۇردى. كىيىنچە يولدىشىغا ئۇمۇ يولسىز تەكلىپ قۇيدىغان بولدى، بۇ ۋاقىتتا قاسىم ياۋاشلاپ قالاتتى. ئاينۇر ھىسياتتا ئەسەبىلەشكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ باغرىدىن ئارتۇق ئىللىق ئورۇن يوق دەپ قارايتى، شۇڭىمۇ ئۇ ھەر ۋاقت تور دۇياسىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇراتتى، بەزى ئەرلەر باشقا يۇرتلاردىن ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئاشىق بۇلۇپ بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كۆرگىلى كىلەتتى. كۆرۈپ ئاشىق بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئاينۇر مىھمانلارنى دۇكانغا باشلايتتى، قاسىم كىرىپ قالسىمۇ چانمايتى، چۈنكى ئۇلار خىرىدار سۈپىتىدە دۇكانغا كىرىپ ئاينۇرنى كۆرۈپ چىقىپ كىتىپ، قالغان سۆزنى تىلفۇندا دىيىشەتتى. ئاينۇر يولدىشىدىن گۇمان قىلغان كۈنى ئۇمۇ باشقىلار بىلەن كۆرىشىپ كىلىپ ئىچىدىكى كۈندەشلىك رەشىك ئوتىنى باساتتى، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ » دەيتى ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ. قاسىم ئايالىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئوچۇق يورۇق، نازلىق بۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن سۈيۈنۈپ ئۇ مەندىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىننى ئۆزگەرتىپتۇ دەپ مەمنۇن بۇلاتتى.
زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈندىدار بارلىققا كىلىشى بىلەن ئاينۇر تىخىمۇ يۇشۇرۇن ئەسەبىلەشتى. ئەمدى ئۇنىڭغا يولدىشى ئائىلىدىكى باللىرنىڭ دادىسى ياكى پۇل تاپقۇچى ئىدى. يولدىشىنىڭ ھاراق ئىچىپ كەيىپ قىلىشى بۇرۇن ئۇنى تىرىكتۈرگەن بولسا ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. ئۈندىدار ئۇنىڭغا نۇرغۇن قولايلىقنى ئىلىپ كەلدى، كۆڭلىگە ياققان ئادەم بىلەن مۇڭدىشالايتتى، تۇرمۇش بىسىمىنى يەڭگىلىتىپ ئۆزىنى ياشىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدى. چۈنكى ئۈندىداردا ئۇ شەدىن بۇ شەگە ئادەم ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، يۇرتىدىنمۇ نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تۇنۇشۇپ ھال مۇڭ بۇلاتتى، شۇنداق قىلىپ ئاينۇر مەخپى سودىنى باشلىۋەتتى. كىيىن يولدىشى ئاينۇرنى كۈنلەيدىغان نەگە باردىڭ نەدە تۇردۇڭ دەپ سۈرۈشتە قىلدىغان بولدى. بەزىدە دۇكانغا كىرگەن خىرىداردىن كۈنلەپ ئاينۇر بىلەن سوقۇشۇپ قالاتتى، بۇ ۋاقىتتا ئاينۇرمۇ بىشەملىك قىلىپ :
-سەن مىنى ئۆزۈڭ ئارلاشقان ئاياللارغا ئوخشىتىۋاتامسەن؟ دەپ بىشەملىك قىلىپ يىغلاپ ئۆينى بىشىغا كىيەتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇكاننىمۇ بىر نەچچە كۈن ئاچمايتى، بۇ ۋاقىتتا دۇكاندىكى كۆكتاتلار سېسىپ، خىمىرلار كۆكىرىپ ئىسراپ بۇلاتتى، قاسىمنىڭ ئاىئلە ئىقسادى زىيانغا ئۇچۇرغاندا قاسىم تىپىرلاپ خۇددى پۇتى كۆيگەن توخىدەك بۇلۇپ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاينۇرغا يالۋۇردىغان بولدى .