مەيلىم يوق
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى
بېغىڭغا باشلىما سەرۋى، چېچەك نازىغا مەيلىم يوق، ئۇسۇلغا دەسسىتەر مەككار چالار سازىغا مەيلىم يوق.
دالامنى كۆمسە ئاپئاق قار، جۇدۇن تاۋلايدۇ روھىمنى، تېغىمنى ئېرىتەر مۇزلۇق، لېۋەن يازىغا مەيلىم يوق.
خىيالىم قۇشلىرى ئەركىن كېزەر سامانى سەيلانە، قاناتىمغا بوغۇش ئەتكەن سىتەم، قازىغا مەيلىم يوق.
ئۈزەي كۆلچەكتە قۇمچاق مەن ياشاي سازلىق ۋەتەنىمدۇر، كۆچۈشكە كۆكتە سەپ تارتقان ياۋا غازىغا مەيلىم يوق!
ھەقىقەت بابىدا «قاق»لاپ ئاتالسام رازىمەن قاغا، قومۇشنى كۈيلىگەن تورغاي زىل ئاۋازىغا مەيلىم يوق!
8-ماي |