موموندو يېقىندا بىر فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ گېن تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارخى ۋە ئاتا بوۋىسىنى بىلەلەيدۇ.بۇ فېلىمنى بۇرۇن كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر كۆرمىگەن بولسىڭىز ئەمدى كۆرۈڭ.
بۇ قىز ئۆزىنى مەن كۇرد دەپ تونۇيدۇ.
DNA نەتىجىسىدە بۇ قىزنىڭ كاۋكازلىق ئىكەنلىكى چىقىدۇ.
ھازىرقى تۈركىيەلىكلەرنىڭ كاۋكازلىققا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قىزكاۋكازلىق دېگەنلىك تۈركلەرمۇ دەپ سورايدۇ؟
بۇ بالا ئەسلى بىر مۇسۇلمان بولۇپ تەكشۇرۈش نەتىجىسىدىن ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكى چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا مەن مۇسۇلمان ئىسرائىل ئەۋلادىكەنمەندە دەيدۇ.
تەتقىقاتتىن بۇ دۇنياۋى تەكشۈرۈشتە ئېلىنغان ئادەملەر ئىچىدە بۇ قىزنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇلار بۇ قىزنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باق دەيدۇ. بۇ قىز ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزى بىلمەيدىغان تۇققىنىنى تۇيۇقسىز تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق تېپىۋالدى.
بۇ ئۆزىنى كورد دەپ تونۇيدىغان قىزنىڭ تۇققىنى دەل تەتقىقاتتا ئىسرائىل ئەۋلادى دەپ چىققان بالا بولۇپ چىقىدۇ. بۇ بالا مۇسۇلمان ئىسرائىل بولسا بۇ قىز كورد مىللىتى دەپ ئۆزىنى تونۇيدىغان قىز ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ قىز بىلەن بۇ ئوغۇل بالا تۇققان چىققان. دېمەك بۇ كۇرد قىزمۇ ئىسرائىل ئەۋلادى بولۇپ چىققان.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئوغۇل بالا مۇسۇلمان بەنى ئىسرائىل بولغان بولسا قىز كاۋكازلىق ۋە تۈر*كلەرگە ئوخشاش گېن نەتىجىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ بۇ ئوغۇل بالا بىلەن تۇققان چىققان ھالەتتە بىز شۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىزكى كاۋكاز رايونىدىكىلەر، تۈر*كلەرۋە كوردلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ بەنى ئىسرائىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. بىز ھەم بۇ فىلىمدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئۇرۇقى ئىسرائىل ئۇرۇقى بولغان بىلەن ئەمما بۈگۈنكى زاماندا ئۇلارنىڭ دېنى ئى**لام دېنىدۇر.
بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى J2 بولۇپ كاۋكاز رايونىدىكى ئەزەربەيجان، داغىستان، چېچىنىيە, گىروزىيە ،تۈر*كىيە، ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ كوردلا دەل مۇشۇ دۆلەتلەر چىگىرسىنىڭ ئۈستىگىلە جايلاشقان.
ھازىرقى ئوتتۇرا شەرىقتە مەۋجۇت بولىۋاتقان دائىشنىڭ كۈنى ئاخىرلاشتى دېسەك خاتا بولمايدىغان بولۇپ، زىئونىستلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى تۆۋەندىكى خەرىتىدەك چوڭلۇقتىكى زىئون دۆلىتىنى قۇرىماقچى.
قارايدىغان بولساق شۇ ئاشكارا بولىدىكى ئۇزۇن مەزگىلدىن بويان ئوتتۇرا شەرىقتە ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا شەرىققە دېموكراتىيەنى ئېلىپ كېلىش ئەمەس بەلكى زىئون دۆلىتىنى قۇرۇشتۇر.ئوتتۇرا شەرىقتە كاللىسى يۇيۇلغان دائىشلارنىڭ قارا ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەگە ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىشكە باھانە تېپىپ بېرەلەيتى. ئەمما روسىيە بالدۇر كېلىپ دائىشنى يوقاتتى.ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىننى كېڭەيتىش باھانىسىنى يوق قىلدى. دېمەك ئاددىلاشتۇرغاندا زىئونىزىمنىڭ يولى توسۇلدى.
شۇنى دېمەكچىمەنكى ئوتتۇرا شەرىقتە مەيلى كۇرد بولسۇن، تۈر*ك بولسۇن، ئەزەرى بولسۇن،ۋە ياكى باشقا مۇسۇلمان قەۋىم بولسۇن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا بوۋىسى ئىسرائىلغا تۇتۇشىدىغان بولۇپ ئۇلار مۇسۇلمان بەنى ئىسرائىللاردۇر. رادىكال دىننىڭ تەسىرىدە مېڭىسى يۇيۇلۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ زىئونىزىم پىلانى ئۈچۈن سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ۋە روسىيە ۋە ناتونىڭ بومبىسى ئاستىدا ئۆلىۋاتىدۇ.مانا بۇ پاكىت.
يۇقۇرقى خەرىتە J2 گۇرپىسىنىڭ تارلىقىش خەرىتىسى بولۇپ بۇ گۇرپا كىشىلەر تارقالغان رايون ۋە زېمىنلاردا رادىكال دىننىڭ ۋە مىللەتچىلىكنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان بەنى ئىسرائىللار زىئونىستلارنىڭ كۆرۈنمەس قوللىرىدا چېلىنغان دۇمباققا ئۇسۇل ئوينىماقتا. |