ئىككى مۇۋەششەھ
نەيلەيىن
ئابدۇقادىر سادىر
ئاي ئۆتۈپ يىل كەلدى، يىل، بىر نەۋجەۋان كەتتى يوقاپ، ئۆز-ئۆزىگە چۆكتى دىل تىمتاس، جاھان كەتتى يوقاپ.
لەيلى سەۋداسىدا ئەتتى بەلكى مەجنۇن تەركى كار، ئىزتىراپ ئەيلەر كۆڭۈل» :مۈلكىمدە خان كەتتى يوقاپ.«
ئاستىلەر ھەيرەت كانارىغا مېنى مىڭ ئىزتىراپ، غەمگە پاتتى دىل، دېبان بىر جانىجان كەتتى يوقاپ.
ھىجرى مەشئۇملۇق چىمەنلەر باغرىغا مىق قاقتى، مىق، ئاينىغان بۇلبۇل ناۋاسىدىن زامان كەتتى يوقاپ.
ئىستىدىم مۇنبەر ئارا ھەر كۈن غەزەلخان شاھىنى، جەۋھىرى مۆلدۈر بۇلاقنىڭ بىنىشان كەتتى يوقاپ.
دىلبايان ئەيلەر سېغىنچىم ئۆتسە مەلەمدىن شامال، دەپ لەزىز تەم، ئوت غەزەللەر نە نېھان كەتتى يوقاپ؟
ئىمتىھان ئەيلەيدۇ مەجھۇل بىر شىفىر مىڭ بار مېنى، بەرقى ئارۇزدىن نېچۈن ئابى رەۋان كەتتى يوقاپ.
نەيلەسۇن بۇ ئابدۇقادىر چۆكمەيىن ئۆز تەكتىگە، ئاي ئۆتۈپ يىل كەلدى، يىل، بىر نەۋجەۋان كەتتى يوقاپ.
2016- يىلى 10- ئاپرىل
يىراق ئەپسانىدە مەن بار
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
-ئۇستاز شائىر ئابدۇقادىر سادىرغا جاۋابەن مۇۋەششەھ
ئايان بولغاي قارارگاھىم، قەلەندەرخانىدە مەن بار، شەيختۇرمەن مازارىمدا، يېتىم ئاستانىدە مەن بار.
باياۋانىمغا كەلمەيدۇ بىرى كارۋانىدىن ئازغان، زاماننىڭ يادىدىن ئۆچكەن يىراق ئەپسانىدە مەن بار.
دېگەيمەن كۆزلىرىمگە بۇ جاھاننىڭ يېشىنى يۇت دەپ، يۈرەكنىڭ يېشىدا ئەكسىم، سۈزۈك دۇردانىدە مەن بار.
ئۇزايىمدىن كۆرۈڭ سەۋدا يېغىپ تۇرغان كۆرۈملەرنى، كۆكەرگەن بىر پۇچۇق ناندەك غېرىپ دىۋانىدە مەن بار.
قايان بارغۇم، بىشارەت يوق، قۇياش ئاسماندا، مەن يەردە، ئۆزىنى ئوتقا زار ئەتكەن جۇنۇن پەرۋانىدە مەن بار.
ئايا دىلپارىلەر، مىسكىن خيالەتلەردە پىنھانلىق، تېنى ئاھىمدا مىڭ دانە، جېنى يېگانىدە مەن بار.
داۋاسىز دەردۇ قىسمەتكە قېلىپتۇرمەن سۆيۈلمەي بىر، مۇھەببەت زەخمىدىن يارقىن ئېسى سەرسانىدە مەن بار.
ئىچىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقسام جاھان يادىغا سىغماسمەن، چۆكەرمەن تەركى تەكتىمگە، ماڭا مەستانىدە بار.
رىزالىق ئىستىگەي قەشقەر، خوتەن روھى راۋانىمدىن، نەمەنگاندىن كېلۇر مەشرەپ دىبان پەرغانىدە مەن بار!
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېڭىسار. |