- تىزىملاتقان
- 2015-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7966
- نادىر
- 0
- يازما
- 735
ئۆسۈش
  59.32%
|
كەشمىر بەنى ئىسرائىللىرى بۈگۈنكى كۈندە باشقا قەۋىمدىكى كىشىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى، ئەمما كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك ھىندىستان كەشمىرگە بولغان بېسىمىنى قەتئىي پەسەيتمىدى، داۋاملىق قان تۆكۈلۈش ۋە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى ئاخىرى كەشمىرلىكلەرنىمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز دەيدىغان بىر گىرۋەككە قىستاپ ئاپاردى. ئۇنداقتا كەشمىردە زادى نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ ھەم كەلگۈسىدە نېمە بولىشى مۇمكىن؟
زىئونىزىمنىڭ كۈچى ئەلۋەتتە ھىندىستاندىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك، ھېندىستان قارىماققا بىر كۈچلۈك دۆلەتتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پەقەت زىئونىزىم يولىدا ماڭغاندىلا ئاندىن ئېچىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن ھېندىستان غەرىپتنىڭ ئىقتىسادى ئەندىزىسى بويىچە ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تەمىنلەش يولىنى تۇتقاندىلا ئاندىن كەلگۈنسىدە جوڭگودىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك ئىقتىسادى كۈچكە ئىگە بولىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ يەنە باشقا نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ھېندىستان دۆلىتى يەرلىك گورۇھنىڭ ياكى مەنپەئەتچىلەر گورۇھىنىڭ خەلقىنى ئېزىش ھالىتىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان بولۇپ دۆلەت ئىچىدە 29 فېدىراتسىيە بار، ھەربىر فىدىراتسىيەدىن يەنە بىر فىدىراتسىيەگە مال يۆتكەپ سودا قىلماقچى بولسىڭىز ھەربىر چىگرىدا بىر بىرلەپ توسۇپ بىرمۇنچە باج ئېلىپ سېتىلىدىغان مالنى تېخىمۇ قىممەت قىلىۋېتىدۇ. قىززىق يېرى شۇكى بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادى پائالىيەتتىن ئېلىنىدىغان باج بىرلىككىمۇ كەلمىگەن. بۇنىڭدەك قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ناچار بولغان، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى كۈچلۈك ئەكسىچە مەركەزنىڭ كۈچى ئاجىز بولغان، پارخورلۇق نورماللىققا ئايلانغان دۆلەتنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ يۇقۇرقىدەك سەۋەبلەر بولغانلىقتىن باش مېنىستىر مودى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كۈندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېجىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كۈچىگەن.
گەپنى قايتۇرۇپ ئەكەلسەك، ھېندىستان ھۆكۈمىتى زىئونىزىمنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالىشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس، شۇنداق بولغاچقا ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن زىئونىستلار بىلەن بىر سەپتە مېڭىشى كېرەك. ئىككى خىل تاللاش مەۋجۇت بولۇپ بىرى، زىئونىستلار بىلەن بىرلىشىپ كەلگۈسىدە ھېندىستان دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ئاشۇرۇپ جوڭگونىڭ ئورنىغا دەسسىتىش. يەنە بىرى زىئونىزىمغا قارشى تۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان بارلىق ئىشلارغا قارشى چىقىش. ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق. ھېندىستان دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشىماي تۇرۇپ ھەقىقەتچى بولالمايدۇ.
دېڭشىياۋپىڭ شۇنداق ئېيتقان ئىكەن:"پاكىتلار ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىزدەش كېرەك!" دېڭشىياۋپىڭنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دانا رەھبەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق. مانا مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە بىز پاكىتلارنى ئالدىمىزغا تۆكۈپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ۋە مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقالىساق بۇنىڭدىن قالتىس چوڭ ئىش بولمايدۇ. لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقىلنى ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئىنسان مەيلى قانچىلىك ئاجىز بولسۇن دۇنياۋى ئوينىلىۋاتقان زىئونىزىمنىڭ ئويۇنىدىن قۇتۇلالىشى ھەتتا زىئونىستلارنىمۇ ئوينىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ پۈتۈنلەي ئەقىل ۋە تەپەككۇرنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە بىز دۇنيانى تەھلىك قىلغان ۋاقتىمىزدا زىئونىستلارنىڭ مەقسىتى ھازىر مۇسۇلمان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بەنى ئىسرائىللارنى ئىككى يولغا قىستاش، بىرى ئۇلارغا كۈچلۈك بېسىم بېرىپ رادىكاللاشتۇرۋېتىپ چىقىش يولىنىڭ پەقەت ئافغانىستان ۋە سۈرىيەدە ئىكەنلىگە ئىشەندۈرۋېتىش ئاندىن شۇ زېمىنلاردا ئۇلارنىڭ زىئونىزىمنىڭ رەزىل سىياسى مەقتىسى ئۈچۈن ئىشلىتىش. يەنە بىرى مىللەتچىلىك قىلىشقا قىستاش ۋە مىللەتچىلەرنى يەنە زىئونىزىمنىڭ مەقتىسى ئۈچۈن ئىشلىتىش. يېغىنچاقلاپ كەلگەندە ھەقىقى بەنى ئىسرائىللارنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى قۇل قىلىش زىئونىزىمنىڭ بەنى ئىسرائىللارغا تەييارلىغان توزىقى ئىكەنلىكىدە ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئويۇنلار ئېننىق دەلىلدۇر..مەن ئالدىنقى چاۋشىيەن ھەققىدە يازغان يازمىلىرىمدا زىئونىزىمنىڭ مىللەتچىلىك ئارقىلىق سوۋىت ئىتىپاقىدا ئويۇن ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن شۇنىڭغا ئوخشاشلا ھېندىستان زىئونىستلىرىنىڭ كەشمىر رايونىدىكى خەلىقلەرگە ھەرخىل بېسىمنى چۈشۈرۈشنىڭ مەقتىسى ۋە ياكى نەتىجىسى دەل مۇشۇ ئىككى ئەھۋال بولىدۇ. بۇ ھەم زىئونىستلارنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ھەممە ئىشتا ئېھتىماللىق بولغىنىدەك ئەگەر ھېندىستان ھۆكۈمىتىدىكى ھەقىقەتچىل كۈچلەر كەلگۈسىدە تۇيۇقسىز بىرلىشىپ ئاجىز بولسىمۇ ئەقىلنى ئىشلىتىپ زىئونىزىمغا قارشى چىقتى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ھېندىستان زىئونىستلارنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ بەك چوڭ زىيان يەتكۈزمەيدىغان ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق بولغان قانداق يولنى تېپىپ چىقىشى مۇمكىن؟ ھېندىستان ئۆزگىچە بىر يول بىلەن بەنى ئىسرائىللارنى بىر تەرەپ قىلسىچۇ، مەسىلەن ئۇلار كەشمىرلىكلەرنىڭ تىلىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ ئۇلارنى ئاستا ئاستا ھىندى مەدەنىيىتىگە ماسلشتۇرۋېتىشى ،دىندىن يىراقلاشتۇش مۇمكىن، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زىئونىستلارنىڭ كەشمىرلىكلەرنى ئوينىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بەنى ئىسرائىللارنى دۇمباققا ئۇسۇل ئويناشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ ھەم زىئونىستلارمۇ ئامالسىز قالىدۇ. مانا مۇشۇ ئەھۋالدا كەشمىر تىنىچلىنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق قىلىش ھەققانىيەتمۇ؟ ئۇنداقتا ھەققانىيەت ئۈچۈن ھېندىستان كەلگۈسىدە نېمە قىلالايدۇ ۋە قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەك. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كەشمىرلىكلەر بۇ يەردە بەنى ئىسرائىل ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا نېمە ئىش بولىۋاتقىنىنى مەڭگۈ بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن كەشمىر ۋەزىيىتى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە. زىئونىزىمنىڭ كۈچى يوقىمىغۇچە كەشمىر بەنى ئىسرائىللىرىنىڭ كۈنى تەس بولىشى مۇمكىن.
قىززىق بىر ۋەقەلىك شۇنداقكى كەشمىرلىك پۇشتىدىن بولغان نىل كەشكەرى (neel kashkari) ھازىر ئامېركا مىننىپولىس فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ پىرىزدىنتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋاتىدۇ. دېمەككى بەنى ئىسرائىل پۇشتىنىڭ بەزىلىرىنىڭ شۇنچە يۇقۇرى بىر خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىش شۇنداقلا بەزىلىرىنىڭ بولسا دۇنياۋى ئويۇن سەھنىلىردە دۇمباققا ئۇسۇل ئوينىغۇچى بولىشى بىزنى تېخىمۇ ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە دۆلەت ئىچىدە باشقىلارمۇ ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ ئۇلارنىڭ قارىشىچە زىئونىزىمنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەھنىسىدە تۇرىۋاتقىنى بەنى ئىسرائىللار ئۆزى بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە قوللىنىشتىن يانمايدىكەن.
تۆۋەندىكىسى بەنى ئىسرائىل تېمىسىدا يېزىلغان دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئانالىز ماقالىسى.
http://www.cwzg.cn/html/2016/guanfengchasu_0908/30793.html
|
|