- تىزىملاتقان
- 2012-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 244
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  81.33%
|
tamagar يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 16:48 
قاچان 3700 يىل دەپ كۆرگەن ئىدىڭىز ، ياپۇنىيە تەتقىقاتچى ...
قايسى ياپونىيىلىك 10مىڭ يىل دەپ ھېسابلاپتۇ؟ نېمىسىگە ئاساسەن 10مىڭ يىل دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ؟ ...
ئىسلام ئۆلىمالىرى، نوھ ئەلەيھىسسالامدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغىچە 1000يىل ئۆتكەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ھازىرغىچە 5000يىل ئۆتكەن، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ھازىرغىچە 8000يىل ئۆتكەن دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن نەدىكى 10مىڭ يىلكەن ئۇ؟ 10مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ئادەم ئەلەيھىسسالام يەرشارىغا چۈشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، كىروران گۈزىلى نەدىن پەيدا بوپتىكەن؟ كاللىسى دارۋىننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى» بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ كىشىلەر تارىخىنى نەچچە تۆمەن يىللارغا سوزىۋېتىدىغانلىقىدىغۇ گەپ يوق.
يەنە تېخى «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى» دېگەن يېڭى جۆيلىمە چىقىپتۇ ... ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللەت بەرپا قىلغانلىقى ھەققىدە پاكىت ياكى مەلۇمات بارمۇ؟ ئۇ بۇ دۇنياغا مىللەت بەرپا قىلغىلى كەلگەن پەيغەمبەر بولمىسا-يە؟! ... ... ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن ئىبرانىيلار، ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار (كېيىنچە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى يەھۇدا ئۆزىنىڭ يېقىن -يارەنلىرىنى ئېلىپ بۆلۈنىپ چىققاندىن كېيىن شۇنداق ئاتالغان) ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك مىللەتلەرنىڭ پەيدا بولغىنى راست. ئۇلار نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن سامنىڭ ئۇرۇقلىرى، بىز تۈركلەر، خەنلەر، موڭغۇللار، ئورۇسلار ... بولسا، نوھ ئەلەيھىسسالامىنڭ ئوغۇللىرىنىڭ يەنە بىرى بولغان يافەسنىڭ ئۇرۇقلىرىغا تەۋە بولىمىز ...
قېرىنداشلىرىم، مەيلى تور يازمىلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا بولسۇن ياكى ئادەتتە سۆز قىلغاندا بولسۇن پاكىت بىلەن سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|