- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7847
- نادىر
- 2
- يازما
- 320
ئۆسۈش
100%
|
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى nadiya1دە2012-02-24 21:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
توغرا دەيسىز،بىز ھە دىسە باشقىلاردىن ئاغرىنمىز،بىز ئۆزىمىز ھۆرمەتلىمىگەن دىنىمىزنى باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلۇغ ئاللانىڭ ھىدايىتى بىلەن مەن توغرا يولنى تاپتتىم،خىزمەت قىلش باھانىسى بىلەن ھىجاپسىز يۇرگەن ئىدىم،لېكىن بۇنداق كىيىنشىمنىڭ ئىغىرگۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ،ياغلىق ئارتتىم،كالتە-كۈستاڭ كىيملىەرنى بارار جايىغا ئاپىرۋەتتتم،رەسمى مۇسۇلمانلاردەك كىينمىسەممۇ دىققەت قىلپ كىيىدىغان بولدۇم ،لېكىن بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدىكى بىر ئىش مېنى بەك بىئارەم قىلدى ،مەن رەسمى تەييارلىق بىلەن ياغلىقنى كەينىدىن ئەمەس ئالدىمدىن سېلپ ئىشقا بارغان ئىدىم ، ئىشخانىغا كىرسەم باشلىق ئىشىخانامدا ئولتۇرۇپتۇ،مەن سالام بېرىپ قۇيۇپ ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردىم،بىر چاغدا باشلىق گەپ سۆز قىلماي چىقىپ كەتتى،ئاندىن خىزمەتداشلىرىم زۇۋانغا كەلدى ،سىزگە ياغلىق بەك يارىشىپتۇ دەپ مېنى مۇبارەكلەشتى ،مەن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم،ئەتىسى چۈشتىن كېيىن بىرى ئىشخانىغا كىرىپ ياغلىقنى يەنىلا كەينىمدىن سېلىشنى،بۇنداق كىينسەم ياخشى بولمايدىغانلىقنى ئەسكەرتتى،مەن شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ماڭا مەدەت بېرىشىگە شۇنچىلىك مۇھتاج ئىدىم،لېكىن خىزمەتداشلىرىم ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى :
بۇنداق ياسانسىڭىز بەك قوقۇنۇشلۇق بولۇپ قالىدىكەنسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياغلىقىڭىز ئىلگرىكى ياغلىقتەك ياراشماپتۇ!
مەن بۇ ياغلىقنى يارىشامدىكىن دىگەن مەقسەتتە سالمىدىم،پەقەت ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن سالدىم،مەن سىزنىڭ كۆزىڭىزگە قوقۇنۇشلۇق كۆرۇنگەن بولسام باشقىلارنىڭ كۆزىگە نىمە كۆرۇنگەندىمەن ،دىدىم . يەنە بىرى، سىز تېىخى ياش،بۇنداق ياسانسىڭىز قېرىپ كىتىسىز....شۇنى دەيمەن بۇ جاھانغا كەلگەنكىن خوشال ياشاش كېرەك.................
بىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوبۇل قىلالمايدىغاندىمىز!مەن ئۇلۇغ ئاللانىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلمەي مەڭگۈلۇك ئازاپقا قېلىشتىن بەك قورقىۋاتىمەن.
ئاللاھ ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەم قىلغاي!ئامىن! ئىنشائاللاھ، شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ. سىز ئاشۇ بېشىڭىزنىڭ تاجى ھىجابىڭىز ئۈچۈن، ئەڭ توغرىسى ئىمانىڭىز ئۈچۈن، يولدىشىڭىزنىڭ ھەققىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن بىر كۈنلىرى مۇشۇ خىزمىتىڭىزدىن ۋاز كېچىسىز. ئىمان يولىدا ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر سىناقلار كېلىدۇ. ئاللاھ سىزنى ئۆزى سىزگە بەرگەن سىناقلاردىن ئۆزى ئۆتكىلى نىسىپ قىلغاي!ئامىن! مەن ئۆزۈم ۋە باشقا قىزلارنىڭ ئىمان سەپىرىمىزنى باش تېما قىلىپ بىرەر ھېكايە يازسام بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم. بەلكىم سىزگە ۋە يەنە نۇرغۇن ئىككىلىپ تۇرغان قېرىنداشلارغا ئىلھام بولۇپ قالغۇسى. |
|