ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ
پاڭ بولۇپ كەتتى قۇلاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ، بۇرنىمىز بولدى بۇلاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ، گەپنى سوزماڭ سىز ئۇزاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ، بار قۇرۇق گەپتە چاتاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ، دەرسكە چالدى قوڭغۇراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
ئۇخلىماستىن كېچىلەردە ئۆيدە لاۋزا گەپ تىزىپ، بىر سىزىقنى يولىمىزغا مىڭ سىزىپ، مىڭبىر سىزىپ، ئەتىگەندە كەتتىڭىزغۇ ئەزمىڭىزنى بەك ئېزىپ، ھاردى كاتىپ توختىماستىن ئالتە دەپتەرگە يېزىپ، گېىپڭىز ئۇلاق-قۇراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
كاسكىراپسىز ساق يېرىم كۈن، گېىپڭىزدە يوق مېغىز، يەنە شۇ گەپ كۈندە مىڭ ۋاق دەيدىغان شۇ بىر ئېغىز: بالىلارغا پايدىسىز شىمىشكا، كەمپۈت ۋە سېغىز، شاخلىتىپ گەپنى تۈگەتمەس، سىزدىكى قانداق ئېغىز؟ «ۋە، لېكىن، ئەمما، بىراق...»، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
رايىمىز يوقتۇر يىغىنغا يەتتى چەككە سەۋرىمىز، دەرسمۇ قالدى بىزنى ساقلاپ بالىمىز ھەم نەۋرىمىز، بۇ يىغىننىڭ دەستىدىن ئاشتى جاپايۇ-جەۋرىمىز، كۈندە شۇنداق مەنىسىز ئۆتكەيمۇ ئالتۇن دەۋرىمىز؟ سىزگىمۇ باردۇر سوراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
چۈشمۇ بولدى، جۆرىڭىزمۇ ساقلىغاندۇ ھەقاچان، يۇغۇرۇپ خېمىرنى، كۆكتات ئاقلىغاندۇ ھەقاچان، بالا يىغلاپ ئۆزىنى شالتاقلىغاندۇ ھەقاچان، بىرلىرى ئاپتاپقا ھۆلنى قاقلىغاندۇ ھەقاچان، سىزنى ساقلايدۇ تاماق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
گېپىڭىزدىن باش قېيىپ، كەتتى كۆڭۈللەر ئېلىشىپ، بالىلار قايتتى تالاي«دەرس قالدىغۇ»دەپ كېلىشىپ، ئاخىرى مەكتەپنى باشقا كەيدى غەۋغا سېلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ بۇرنىدىن قان، كۆزىدىن ياش ئېلىشىپ، قالمىدى ساق قاش-قاپاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
ئەمدى ئۆي-ئۆيلەرگە قاتراپ ھەپتە داۋا سورىمىز، ئاتلىنىپ«ئالدىنقى سەپ»كە، سەپتە داۋا سورىمىز، بىز مۇئەللىم خەق دېگەن شۇ گەپتە داۋا سورىمىز، سىزگە لەنەتلەر ئوقۇپ مىڭ، «خەپ!»تە داۋا سورىمىز، بىزگە كۆپ بەرمەڭ ساۋاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
مانا، ئىشتىن چۈشكىلى نىكەم، قاۋاشنى توختۇتۇڭ، كىم گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ دەپ ماراشنى توختۇتۇڭ، ئاغزىڭىز كەتتى قۇرۇپ، كالپۇك يالاشنى توختۇتۇڭ، غودۇرۇساق شالنى چېچىپ، ئىتتەك تالاشنى توختۇتۇڭ، كوكۇراپ كەتتى قوساق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
ئەمدى بىزدە يوق ئامال، ئۈزمەي تاھارەت قىستىدى، چىڭقىلىپ دوۋساق، ئەجەپ جان يەرنى ھاجەت قىستىدى، ئىككى قول قاماللىغانچە كەتتى تاقەت، قىستىدى، گېپىڭىزنى ئاڭلىماسكەن بۇ ھاماقەت، قىسىتىدى، توشتى بۇ كۈنلۈك قاماق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
قاقشىمايتتۇق ئاچسىڭىز كۈندە يىغىننى ئاز قىلىپ، ئۆيدىكى گەپنى قويۇپ، خىزمەت گېپىنى ساز قىلىپ، ئاچىسىز ئەمما يىغىننى بىزگە شۇنداق ماز قىلىپ، گەپنى ئۆردەكتىن قىلىپ بىر باشقا چىقماي غاز قىلىپ، سىزنى كۆپ قىلدۇق مازاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.
بىر كۈنى ئېغىزمۇ گەپتىن تالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، گەپنى كۆپ قىلغان زۇۋاندىن قالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ كېسەل مۇدىرنى ئوڭدا سالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، كاسكىدىن ۋاقت ھېساپنى ئالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، سىزگە تەنبىھ بۇ قوشاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ!
بىزنىڭ باشلىق يېمەيدۇ
بىزنىڭ باشلىق پاكلىقتا قاردەك ئاپئاق، يېمەيدۇ، يېمەيدۇ ئۇ، ئىستىلدا دۇرۇس، ساپ-ساق، يېمەيدۇ، پارا بەرسەك ئۆزىنى قىلىپ شالتاق، يېمەيدۇ، «يەيدۇغۇ» دەپ ئۇنىڭغا قىلماڭ چاخچاق، يېمەيدۇ، يېڭى تېخى بۇ يەرگە، يېسە چاتاق، يېمەيدۇ.
كۆرمىگەن بىز ئەزەلدىن يېمەيدىغان باشلىقنى، ئارقىسىغا«شەيتان»نىڭ كىرمەيدىغان باشلىقنى، باشلىقلىقنىڭ پەيزىنى سۈرمەيدىغان باشلىقنى، يەپ تۇرۇپمۇ«يېمىدىم» دېمەيدىغان باشلىقنى، لېكىن، بىزنىڭ بۇ باشلىق يېمەيدۇ، ياق، يېمەيدۇ.
پۇچەك ئەمەس ئۇ ھەرگىز، شىمىشكاڭنى چاقمايدۇ، دىرىلداققا مەيلى يوق، ئۇسسۇزلۇققا باقمايدۇ، سۇيۇق ئېشىڭ، يوبدىنىڭ مېجەزىگە ياقمايدۇ، ھاجەت بولسا ئاشتۇزغا ئىشىكىڭنى قاقمايدۇ، ئىچمەيدۇ ئۇ سۈتۈڭنى، تۇتساڭ قايماق يېمەيدۇ.
ئىشەنمىسەڭ يېرىم ئاش ئېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن، قاچىسىغا توغرامچە سېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن، ئۆيگە چىللاپ يا ھالۋا چېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن، «قوغۇن-تاۋۇز ۋاشاڭ» دەپ تىلىپ بەرگىن، يەمدىكىن، ئۆز ئۆيىدە يەمدىكىن، سىرتتا تاماق يېمەيدۇ.
«نەدىن كەلدى يېمىسە بايلىقى» دەپ سورىما، «يوق ئىدىغۇ ئۆي-زېمىن، جايلىقى» دەپ سورىما، «مىراس قالغان كىمدىن بۇ يايلىقى» دەپ سورىما، «بارغۇ پەقەت ئۇنىڭمۇ ئايلىقى» دەپ سورىما، باشلىق دېگەن بايلىققا يېقىن شۇنداق، يېمەيدۇ.
باي بولۇشنىڭ بايرىقى بىزنىڭ باشلىق دەرۋەقە، ئامەت بولدى ئۇنىڭغا گۈزەل ياشلىق دەرۋەقە، قىزىقتۇرۇپ چوڭلارنى گىرىم-قاشلىق دەرۋەقە، تاپىنىدا زەر بولدى ھەتتا تاشلىق دەرۋەقە، يوللىرىدا مۈشكۈلدىن يوقتۇر توساق، يېمەيدۇ.
باي بولامدۇ بۇنچىلىك مۇئەللىمنىڭ ئېشىغا؟ قوشۇقتىكى ئاش بۇنداق تېپەلەمدۇ تېشىغا؟ يېتىشەمدۇ ئايلىقىڭ بۈدرە قىلغان بېشىغا؟ ھەسەت قىلما چەكتۈرگەن، ئوسما قويغان قېشىغا، ئايال تۇرۇپ ئۇ پەقەت ئەمەس نايناق، يېمەيدۇ. يېسىمۇ ئۇ يېگەندۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى، مىڭ جاپادا تاپقاندۇ باي بولۇشنىڭ يولىنى، نەگە سوزسا سوزمامدۇ بىزگە سوزماي قولىنى، يەپ كەتمىسە بىزلەرنى كولىمايلى ھۇلىنى، يېمەيدىغان قەۋمگە ئۇ بىر بايراق، يېمەيدۇ.
ئۇ يىقىلسا كېلىدۇ يەيدىغاننىڭ چوڭىدىن- بىر يالاڭتۆش ئىشتانسىز شۆھرەت تېپىپ قوڭىدىن، نەدە بىزگە باشلىقنىڭ يېمەيدىغان-ئوڭىدىن؟ ئەۋرىتىڭنى مەھكەم تۇت، يەيدىغان بار يۇڭىدىن، بىزنىڭ باشلىق ۋە لېكىن، ئەمەس ئۇنداق، يېمەيدۇ!
|