- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 781
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
  56.2%
|

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باغداش ئەھلى !. ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، كۈنلىرىنىڭ خۇشال خۇرام بولىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.
باغداشقا ئەزا بولغىلى ئازغىنە كەم 3 يىل بولاي دەپتۇ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى . مەيلى قانىچىلىك بوران چاپقۇن بولسۇن ، يەنىلا باغداشنى ئەسلەپ ، سىغىنىپ كەلدىم . باشقا ئەزالارنىڭمۇ قانداق ھىسياتتا بولىۋاتقىننى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .
ئەسلى مەخسەتكە كەلسەك ؛ تور بەتلەر ئىچىلغاندىن بىرى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ يۇرۋاتىمەن . ئەلۋەتتە باغداش مۇنبىرىمۇ زىيارەت دائىرەمدىن چىقىپ كەتكىنى يوق . قارسام مۇنبەردە بىز ئىھتىياجلىق بىر قانچە نوختىلارغا سەل قارالغاندەك تۇرىدۇ .
1- تىما ئىنكاسلارغا قارىتا ھەممە ئەزانىڭ نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىمىز بار . شۇنداق بولغانكەن مىنىڭچە "پاش قىلىش" ئىقتىدارى تولۇق ئىچىۋىتىلگەن بولىشى كىرەك . قارسام بۇ ئىقتىدار ئىچىۋىتىلمىگەن .
2- تىمىنىڭ كۆرۈلۈش سانى ۋە ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، مىنىڭچە "تىما تەۋسىيە قىلىش" ئىقتىدارى ئىچىۋىتىلىشى كىرەك . بۇمۇ ئىچىلماپتۇ .
3- ھازىرقى تور بەت تەرەققىياتىدىن قارغاندا ، مۇنبىرىمىزدە باشقۇرغۇچى خادىملار يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ . بۇنداق بولسا قالايمىقان ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار كۆپىيىپ ، تور بەتنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۆتكەن ئىشلار "كەچمىش " بولسۇن !. باشقۇرۇش جەھەتتە بەكرەك كۈچىشى كىرەك .
4-تىما بىشىغا ۋە ئاخىرىغا ئەزا ئىسمىنى ياكى تەخەللۇسىنى يىزىۋالدىغان ئىشلار يۇز بىرىۋاتىدۇ . بولسا بۇمۇ ئەزالار تەرپىدىن ياكى باشقۇرغۇچىلار تەرپىدىن تۈزۈتىلىشى كىرەك .
5-مەيلى قانداقلا تىما يوللىمايلى چوقۇم مەنبەسى ئىنىق ئەسكەرتىلىشى كىرەك.
6- باغداش مۇنبىرىگە ۋە ھەر بىر تىما، ئىنكاس ئاستىغا ھەرخىل ئىلانلار قويۇلغان ، بولسا ئەزالار ئىغىر كۆرمەي مائۇسنى شۇ ئېلانلار ئۇستىگە كۈندە بىر چىكىپ تۇرساق . بۇمۇ بىزنىڭ مۇنبەرنى قوللىغىنىمىزدىن ئىبارەت . گەرچە باغداش بۇ ئېلان كىرىمى بىلەن باي بولۇپ كەتمىسىمۇ ، ئىھتىياجلىق كىشلەرگە ئاز تولا خەيرى- ئىھسان قىلىشقا بولىدۇ .
7-يەنە باشقا مەسىللەرمۇ بولىشى مومكىن . بايقىغاندا چوقۇم ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن (باشقا ئەزالارمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشى كىرەك) . ئەزا بولغانكەنمىز بىزنىڭمۇ بۇ مۇنبەرگە نىسپەتەن مەلۇم جەھەتتە مەسئۇلىيتىمىز بولىشى كىرەك .
مەنبە : مۇنبەرنى كۈزىتىش جەريانىدا بايقىغانلىرىم |
|