شىر ئەلىجان ھاقارەتكە چىداپ تۇرالمىدى
[align=justify][align=justify] شىنجاڭ volvoكوماندىسى بىلەن جاڭسۇ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدا جاڭسۇنىڭ 12- نومۇرلۇق ئەزاسى جاڭسۇ كوماندىسنىڭ توپ ئېلىپ ماڭغان نىگىر ئەزاسىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان شىر ئەلىجاننى قەستەن ئانىي تېپىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. مۇسابىقىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان نورمال ئىش. لىكىن بىز نېمە ئۈچۈن جاڭسۇنىڭ 12- نومۇرلۇق ئەزاسى شىر ئەلىجاننى ئانىي تاپتى دەپ قارايمىز؟ چۈنكى بۇ 12- نومۇرلۇق توپچى شىر ئەلىجاننى ياندىن توسۇپ، قولتىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، بوينىدىن تارتىپ كىچىك بالىنى زاڭلىق قىلغاندەك بىنورمال ھەرىكەتلەرنى ئىشلىدى. يىگىت ئەر بولساڭ مەردانە ھەرىكەتلىرىڭ بىلەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاندىن دەردىنى تارتمامسەن، نېمە ئۇ، سېنىڭ زەيپانىلەرچە ھەرىكىتىڭ؟ بۇ لاۋزىنىڭ ھاكاۋۇر تۇرقى، خۇنەسىلەردەك قويۇۋالغان چاچلىرى ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدۇ.
بۇنداق ھاقارەتلەرگە سۈكۈت قىلىشنى راۋا كۆرمەيدىغان، قېنى قىززىپ تۇرىدىغان، ئەجدادىمىزنىڭ كۆك بۆرىنى تۇتېم قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەستىن چىقارمىغان شىر ئەلىجان تەبىئىي ھالدا رەقىبىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مەردانە ۋە سالماق ھەرىكىتى بىلەن رەقىبىگە جاۋاپ قايتۇردى.
شىرئەلىجان زادى قانداق جاۋاپ قايتۇردى؟ قوناق شېخىدەك ئاجىز بۇ زەيپانىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈڭ!!![align=justify]
|