- تىزىملاتقان
- 2012-5-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1931
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
  93.1%
|
مەن تۆت بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر كىتابچىنى ئۇچرىتىپ خېلى قىزىقىپ ئۇقۇپ باقتىم، بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ...
كىچىكلىكتىندۇ بەلكىم، ئارىسىدىكى بىر يېرىدا بىر نەچچە كاتەكچىگە سانلار ھە غەيرى شەكىللەر رەسىمى سىزىلىپ ئاستى تەرىپىگە <ئۇخلىغاندا مۇشۇنى پىشانىسىگە تېڭىپ ياتسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرىدۇ>> دەپ (ئاساسى مەزمۇنى مۇشۇنداق) يېزىقلىقكەن، مەن سىناپ باققان، بىراق چۈش كۆرمىدىم. يەنە ئاستىدا بىر نەچچە قۇر ئەرەپچە سۆز بار بۇلۇپ (ئۇيغۇرچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن يېزىلغانىكەن) <<بۇ ئايەتنى (شۇ كىتابچىدا) چارشەنبە كۈنى كەچتە خۇپتەندىن كېيىن قەبرىستانلىققا بېرىپ قەبرىنىڭ بېشىدا xx قېتىم ئۇقىسا (ئېنىق سانى ئېسىمدە قالماپتۇ) قەبرىدىن ئاۋاز كېلىپ ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ>> دەپ يېزىلىپتىكەن، مەن چارشەنبە كۈنى كەچ قەبرىستانلىققا بېرىپ ناتۇنۇش بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوقۇپ باققان بولساممۇ ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىمىدىم. (بۇ 15 ياش ۋاقتلىرىم ئىدى، ھازىر كېچىدە قەبرستانلىققا يالغۇز بېرىشنى ئويلىساممۇ تىترەك باسىدۇ)
يەنە نۇرغۇن بايلىق ئىزدەش ... جىن بىلەن سۆزلىشىش ... دىگەندەك ۋارىيانتلىرىمۇ بار بۇلۇپ مەن بۇ يەرلىرىنى سىناپ باقمىغان.
سەۋەبى بايلىق ئىزدەش بايانلىرىدا بىر مىس تاختاي تېپىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتابدىكى جەدۋەلدە بېرىلگەن سان -سىفىر، رەسىملەرنى چىكىپ، تاق تاجىلىق ئاق خورازنىڭ بوينىغا ئېسىپ قاقاسلىق تاغ باغرىغا قۇيۇپ بەرسەك بايلىق بار يەرنى چوقۇلارمىش، يەنە بىرىدە چۆلدە ئاق ساقاللىق بىر كىشى بىر چىنە ئالتۇن بىرەرمىش، يېرىمىنى خەير ساخاۋەتكە، سەدىقە زاكاتقا ئايرىپ قالغان يېرىمىنى ھالال يولغا ئىشلەتسەك بۇلارمىش، يەنە بىرىدە خلۋەتتە (كىتابتا ئۆڭگۈرلەرنى مىسال قىپتۇ) 40 يورۇقلۇققا چىقماي، 40 دانە ئارپا نېنىنى كۈندە بىردىن يەپ جەينىمازدىن چۈشمەي 40مىڭ مەرتىبە ئوقىسا (قايسىسى سۈرىنى دىگەن بولغىيتى ئېسىمدە قالماپتۇ) ۋە كىشى بىلمىسە بىر كىشى كىلىپ بايلىق بىرەرمىش ...
تىما ۋە يۇقىرىقى ئىنكاسلارنى تەپسىلى ئۇقۇپمۇ بۇ كىتابچىنىڭ قانداق كىتابلىقىنى بىلەلمىدىم، بىدئەت ياكى ئويدۇرما دەي دىسەم پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاللاھ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ناملىرى، ۋە قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ خاسىيىتى سۆزلىنىپتۇ، يالغان دىيىشكە تىلىم بارمىدى ، راس دەي دىسەم ھەدىستە بۇ كىتابدىكى بىر مەزمۇنلارنىمۇ ئۇچرىتىپ باقمدىم، بۇ يەردە بۇ كىتابنى كۆرۈپ باققانلار بارمۇ ؟
(ئۇ كىتاب يۈتۈپ كەتتى، ئۇچرىتىپ قالسام مۇنبەرگە ئازراق يوللاپ قۇياتتىم، خۇسۇسى باسمىخانىدا بېسىلغان، نەشىر ئۇچۇرلىرى يوق، 60-80 بەت ئەتراپىدىكى يۇمشاق قەغەز باسمىسىكەن. ) |
|