- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19271
- نادىر
- 1
- يازما
- 805
ئۆسۈش
  23.18%
|
بۇ مەزمۇن 45قەۋەتتىكى iparhanدە2012-04-02 19:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ! ، موشۇ يىللاردىمۇ بىزنىڭ مانا موشۇنداق نامرات،ساۋاتسىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارلقىنى كۆرۇپ ، كۆڭلۇم بەكمۇ يېرىم بولدى . ئۇ يەر مەيلى قانچىلىك چەت ، يىراق جاي بولسۇن چوقۇم قەشقەر ۋىلايەت، شەھرى ، مەلۇم ناھىيە ، يېزا - كەنىتىگە تەۋە بولىشى كېرەكقۇ ؟؟ ... ، ھەرگىزمۇ ئىگىسى يوق، يالغۇز « دۆلەت » ئەمەستۇ ؟؟ .......
ئاشۇ ئۆز تەۋەلىكى بويىچە شەھەر باشلىقى ، ھاكىم ، ھەر قايسى ئىدارە باشلىقى دىگەندەك رەھبەرلەر ئۆز خىزمەت پىلانىغا ئاشۇنداق يىراق ، چەت جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ، ئولتۇراق مەسىلىسىدىن تارتىپ ، مائارىپ ، سەھىيە ... قاتارلىق بارلىق خىزمەتلىرىنىمۇ كىرگۇزۇپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكقۇ ؟؟ ... ، ئەجىبا ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى ياكى قەشقەرنىڭ رەھبەرلىرى قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە بولغان ئاشۇ رايونلاردىمۇ بىر نەچچە ئائىلىلىك ئاھالە بارلىقىدىن ، ئاشۇنداق مەھەللە بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئوخشىمامدۇ ؟؟ ...شۇنداق بولغاچقا بۇ جاينىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پىلان ئىچىگە كىرگۇزۇلمىگەن ئوخشايدۇ - دەيمەن ! ھەم شۇنداق بولغاچقا ئاشۇ سەبىي پەرزەنتلىرىمىزلا ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ پىشقەدەم ، ئوتتۇرا ياش ... ئاتا- ئانىلىرىمۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ساۋاتسىز قالغان !....................................
بىرنەچچە ئېغىز ئادەتتىكى كېسەك ئۆي سېلىش ئۈچۈن بەك يوقىرى ئىقتىساتمۇ كەتمەيدۇ ، بولمىسا ! ..............، ئارىمىزدىن بىرەرسى ئۇنداق ئېغىر كېسەلگە ، مۇنداق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى ، قۇتقۇزايلى !! دەپ ئېلان چىقارساق ۋۇجۇدىمىز تىترەپ،كۆزلىرىمىزدىن ياشلىرىمىزنى تۇتىۋالالماي قالىمىز . قېنى ، رەھبەرلەرنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالغان مونۇ مائارىپ باغچىمىز ئۈچۈنمۇ ، بىرلىكتە« ئەزىزانە قەشقەردىكى تاشلاندۇق پەرزەنتلەر ئۈچۈن » دەپ كۆپ خىل تور ئېلانلىرىنى چىقىرىپ باقايلى بولمىسا . ئاۋۇ يوغان قورساق ئەمەلدارلارغا ئەقىل كىرىپ ئانچە - مۇنچە مائارىپىمىز ئۈچۈن زاكات ئايرىپ قويسا ، ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققەت ئېتىبارى تېخىمۇ مەركەزلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس !
بۇ پىكرىڭىزنى مەنمۇ قوللايمەن . ئاشۇ يۇرتقا يېقىنراق تورداشتىن بىرەرسىنى تاپقان بولساق ، ئاشۇ سەبىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ ئاز تۇلا خەۋەردار بولغان بولساق ياخشى بولاتتى |
|