- تىزىملاتقان
- 2014-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  10.33%
|
kokbora يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 19:27 
كىم كىشى بۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا بىلىدىغانلار تونۇشتۇر ...
خەتتات ياسىن كەرىم 1980- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى خوتەن ناھىيە يېڭى ئېرىق يېزا بازار بۇيى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ئوقىغان. 1998- يىلدىن 2000- يىلىغىچە شىنجاڭ سودا مەكتىۋىدە ئىنگىلىزچە ئوقىغان.
خەتتات ياسىن كەرىم 1992- يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىدىكى پىشىقەدەم خەتتاتلارنى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى داڭلىق خەتتات نىياز كېرىم شەرقى قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشكە كېرىشكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىلەن ئەرەب- ئىسلام خەتتاتلىقىنىڭ بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئەرەب- ئىسلام خەتتاتلىقىنىڭ سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت تىل توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەرەب- ئىسلام خەتتاتلىقىنىڭ نەزىرىيىسىنى ئىگەللەپ، بۇنى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا تەدبىقلىدى. ھەمدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم نۇسخىلاردىكى خاتالىقلارنى تۈزەتتى. دىۋانى خەت نۇسخسى، جەللى دىۋانى خەت نۇسخىسى، مەغرىبى خەت نۇسخسى ۋە سۇنبۇل خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئاجىز ياكى يوق نوسخىلارنى ئىگەللەپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى بېيتىش ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىز قالمىدى.
ئۇ 2002- يىلى خوتەن ۋىلايىتىدىكى خەتتاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆرۈمچىدە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئاچتى، 2011- يىلى قۇربانجان روزى شەيدائى بىلەن بىرلىشىپ قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئاچتى.
2009- يىلى 3 - قېتىملىق كورىيە شىنجاڭ خەتتاتلىق ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسىگە بىر پارچە ئەسىرى قويۇلدى. 6- ۋە 7- قېتىملىق كورىيە CJB خەلقئارالىق خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىگە بىر پارچىدىن ئەسىرى قويۇلدى. تۈركىيە IRCICA تارىخ پەن مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۈچ يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق خەتتاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ 2007، 2010 ۋە 2013-يىللىق 7-، 8- ۋە 9- قېتىملىق خەتتاتلىق مۇسابىقىسىگە ئەسەر قاتناشتۇرۇپ بىر قېتىم مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالاندى. 2012- يىلى تۈركىيە ALBARAKE 4- قېتىملىق خەلقئارالىق خەتتاتلىق مۇسابىقىسىگە بىر پارچە ئەسىرى تاللاندى. 2013- يىلى كورىيە دۇنيا يېزىقلىرى خەتتاتلار جەمئىيتىگە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئون ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەزا بولۇپ، بىر پارچە ئەسىرى ئويۇل تاشقا ئويۇلۇپ مۇزېيغا قويۇلدى. 2013- يىللىق سەئۇدى ئەرەبىستان « مەدىنە مۇنەۋۋەر خەلقئارالىق مەدەنىيەت، سەنئەت پائالىيتى » گە ئىككى پارچە ئەسىرى تاللىنىپ، بىر پارچە ئەسىرى « مۇنەۋۋەر ئەسەر » بولۇپ باھالاندى. 2013- يىلى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيتى قورۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسىگە 6 پارچە ئەسىرى قويۇلۇپ مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام خەتتاتلىقى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەسىپداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن 2- قېتىملىق سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قورلۇشى خەتتاتلىق پائالىيتىدە « دېھقان » دېگەن بىر پارچە ھۆسنختى 1- دەرىجىگە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى 2011- يىلى ئۆتكۈزگەن دېھقان چارۋىچىلار ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە ئەسىرى2- دەرىجىگە ئېرىشتى. خوتەن ۋىلايىتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىلىرىدە كۆپ قېتىم 1-ۋە 2-بولۇپ باھالانغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.
(تۇغلان توربېتىدىن ئېلىندى) |
|