- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
1.كىتابخانىغا كىرىپ قاراپ باقسام ئىلگىرى مەن «ياخشى يۇرت» تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغان لىجەننىڭ بىر يۈرۇش مىترىق كىتابلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەپتۇ. ئەسلى بۇ بىر يۈرۇش بەش پارچە كىتابچىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 75 يۈەن ئىدى ، ھازىر بولسا سۈپىتى ئاساسەن ئوخشايدىكەن، ئەمما باھاسى پەقەت 40 يۈەن ئىكەن. %10لىك ئىتبار كارتىڭىز بولسا تېخىمۇ ئەرزان دېگەن گەپ.
2. لىجەن دېگىنى خېلى يامان گۇي بولۇپ، قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا فىڭچى گورۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان ، ھەم كارخانا ئەمىلىيىتى بويىچە داڭلىق مەددال ، نۇرغۇن دۋد پىلاستىنكىلىرى بار. كىتاب تولىمۇ سىپتا ئىشلەنگەن ھەم بىر ئالاقىدار سۈرەت ۋە بىر ھېكمەتلىك سۆز ئارىلاپ كىچىك ھىكايىلەر بولۇپ ئوقۇغان ئادەمگە قەتئى ھازەر كەلمەيدۇ ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئوقۇشقا كارامەت قولايلىق .
مەن دەيمەن قۇتادغۇبىلىك ، ماقال- تەمسىل كىتاپلارنىمۇ مانا مۇشۇ شەكىلدە ياسىىسا سۈپەتلىك بولسا كىتاب كىتاب بولغاندىن باشقا يەنە سەنئەتلىك زوق ئاتا قىلسا نىمە دېگەن ياخشى؟!
3. بالامغا رەسم بىلەن خەت ئارىلاشقان بالىلار كىتابى ئالاي دەپ ئۇنى تاللاپ بۇنى تاللاپ ، ئاندىرسىننىڭ كىتابىنى تاللاپ ئىزوپ مەسەللىرىنى تاللاپ يۈرۈپ ئاخىرى يەنىلا ئۇيغۇرچە تەپەككۇرنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولسۇن دەپ ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ «بالىلارغا مەسەللەر»غۇ دەيمەن شۇ كىتابىنى تاللىدىم . كىتابخانىدا زالا، گۇدۇڭ كىتاب دېگەن تولا گەپكەن، بولۇپمۇ كىچىك باللارغا كۆپرەك دوپپا، ئەتلەس كىيگەن رەسىملەر بار كىتابلارنى ئالساق بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .
4.ئوسمان زاھىر ئەپەندىمنىڭ «كالتە قۇيرۇق مۈشۈك» دېگەن كىتابىنى يەنە ئۇچرىتالمىدىم دىسە !
|
|