سۆيگۈڭنى چىرايغا باغلىما،ئىنسان
سۆيگۈڭنى چىرايغا باغلىما ،ئىنسان،
چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس.
چىرايلىق بولسىمۇ چوغلۇق قانچىلىك،
قىزىلگۈل ئورنىدا قىسقىلى بولماس.
سۆيگۈڭنى چىرايىغا باغلىما ئىنسان،
قادىر دەپ ئويلىما ھۆسىن ھەممىگە.
بارمىقى ناتايىن چىرايلىقلارنىڭ،
سەن بىلەن قول تۇتۇپ بىللە پەللىگە.
خۇش ھىدى بولمىسا چىرايلىق گۈلنىڭ،
ئاشىقى ئالدىراپ ئىزگۈلۈك ئەمەس.
ئىزدىگىن يۈرەكتىن ساپ مۇھەببەتنى،
ئالدىراپ چىرايىغا قىلمىغىن ھەۋەس.
مەنبە-ياستۇقۇم يېنىدا بىرتال ئەتىرگۈل ناملىق كىتاپ.
ئاپتورى:سەنەۋەر ئابدۇراخمان |