- تىزىملاتقان
- 2011-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6931
- نادىر
- 0
- يازما
- 331
ئۆسۈش
  38.62%
|
ئەھۋال سوراش
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ:
<< ئاتا - ئاناڭلاردىن خىزمىتىڭلار ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ، ھېرىپ چارچىدىڭلارمۇ >> دەپ ئەھۋال سوراڭلار دەپتۇ.
ئەتىسى مۇئەللىم: << ئاتا - ئاناڭلار قانداق ئىنكاس قايتۇردى>> دەپ سوراپتۇ.
ئا: ئوقۇغۇچى << گېپىڭنى ئوچۇق قىل، نەچچە پۇل لازىم>> دىدى
ب: ئوقۇغۇچى مېنى نەس باستى، ئاتا - ئانام: << بۈگۈن ئىمتىھان نەتىجەڭ ئېلان قىلىنغان ئوخشىمامدۇ>> دېدى.
نىمىشقا ماڭا دىمىدىڭ
ئەزىمەت: دادا چىۋىننى يىگىلى بولامدۇ ؟
دادىسى: ياق چىۋىننى يىگىلى بولمايدۇ. ھە، نىمىشقا ئۇنداق سۇئالنى سوراپ قالدىڭ؟
ئەزىمەت: باياتىن مەن تەخسىڭىزدىكى بىر چىۋىننى يەۋەتكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم.
دادىسى: ئۇ چىۋىننى كۆرگەن چاغدا نىمىشقا ماڭا دېمىدىڭ؟
ئەزىمەت: چۈنكى، سىز دائىم ماڭا تاماق يېگەندە گەپ قىلما، دەيتتىڭىزغۇ؟
ياخشى كۆرۈش
دادىسى قىزىدىن سوراپتۇ:
__ قىزىم، سەن قايسى دەرسنى ئەڭ ياخشى كۆرىسەن؟
قىزى:
__ ماتىماتىكا دەرسىنى،_ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
__ راستمۇ؟ _ دادا خوشال بولۇپ يەنە سوراپتۇ.
__ئەلۋەتتە، چۈنكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز دائىم رۇخسەت سپرايدۇ.
ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار
ئوقۇتقۇچى مەشھور بىر ئەدىپنىڭ ھاياتى ۋە مۇھىم ئەسەرلىرىنى سۆزلەۋېتىپ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە كۆڭۈل قويماي ئۇياق- بۇياققا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى- دە:
_ تۇرسۇن، قارىغاندى سەن بۇ مەشھور ئەدىپنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئوخشىمامسەن، ئەمىسە ئۇنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە يىغىنچاقلاپ بەرگىنە؟ - دېدى.
تۇرسۇن پەرۋاسىز ھالدا:
_ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغۇ ئۇ، _ دېدى جاۋابەن.
مەن تېخى پىشمىسام
ئىككى ساراڭ دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپتۇ. ئۇلار بىر ئالمىلىق باغقا كىرىپ، دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ . بىرى دەرەختىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئالمىنى دوراپ يەردى نەچچە دومىلاپ توختىغاندىن كېيىن، دەرەخ ئۈستىدىكى يەنە بىرىدىن:
_ سەن نىمىشقا تېخىچە چۈشمەيسەن؟_ دەپ سوراپتۇ.
دەرەخ ئۈستىدىكىسى:
_ مەن تېخى پىشمىسام، قانداق چۈشىمەن،_ دەپتۇ. |
|