- تىزىملاتقان
- 2013-9-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4081
- نادىر
- 0
- يازما
- 371
ئۆسۈش
  69.37%
|
ياشلىق
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ياشلىق چاغىم - گۈل چاغىم،
قەدرى ئۇلۇغ بىر چاغىم .
ھەيۋەتىم ھەم سۆلەتىم ،
ھەم يۆلەنچىم ،زور چاغىم .
ياشلىق ،تىرىش زامان بۇ ،
بىلمەك - قۇتلۇق نىشان شۇ .
بىلىم تاپماي قۇتۇلۇش ،
ھېچبولمىغان خىيال ئۇ.
بىلمەكنىڭ چاغى ياشلىق ،
ئىلھامنىڭ باغى ياشلىق .
ھاياتىڭ بىر قاچا سۈت ،
قايماقى ،ياغى ياشلىق .
بىلمەك - ئەرنىڭ زور ئىشى،
پەرق قىلىنماس ئەر تېشى .
ھېچكىم سېنى يەكلەمەس ،
بىلىك يۇرتى ئۆركىشى .
بىلەي دېسەڭ ، بىلىك كۆپ ،
ھاياتىڭدا بىتىك كۆپ .
ئەگەر غەيرەت قىلماساڭ ،
بىر ھەرپمۇ بىلىك يوق.....
‹‹ئۇزغان ئۆمۈر - ئاتقان ئوق››،
ياشلىق كېلىپ قايتقان يوق .
نەبىيلەرمۇ ، سۇلتانمۇ ،
تاغدەك ئۆمۈر تاپقان يوق .
قۇياش پاتسا مەغرىبتىن ،
تۇغۇر ئەتە مەشرىقتىن .
ياشلىق كېتىپ بىر يولى ،
قايتماغان ھېچ تارىخـتىن .
كۆكلەم كېتىپ كەلگەن بار ،
جانان ئىستەپ سۆيگەن بار .
كەتكەن ياشلىق ئارقادىن ،
كىم قوغلاشىپ يەتكەن بار ؟
كۈزدە غازاڭ بولغان گۈل ،
كۆكلەمدە قۇچار بۇلبۇل .
ئارچا ياغاچى كۆيسە ،
كۈل قالارىن ئوبدان بىل .
‹‹قۇتادغۇ››(1)نى پۈتكەن‹‹خاس››(2)
بىلىكتىن تاپتى ئاساس .
بىلىكتىن مەھرەم كىشى ،
ئوچۇق كوردۇر ھەمدە گاس .
ئۆگەن ياشلىق ،چالىشقىن ،
بىلىك تاغىغا ياماشقىن .
بىر يىقىلساڭ، بىر قوپۇپ ،
ھاياتقا كەڭ يول ئاچقىن .
1947-يىل 2 -سىنتەبىر ، ئۈرۈمچى
(1)قۇتادغۇ - قۇتادغۇ بىلىك ،
(2)خاس - يۈسۈپ خاس ھاجىب
|
|