- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16418
- نادىر
- 2
- يازما
- 707
ئۆسۈش
  16.05%
|
1.توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەرلەر قەرز ئېلىپ بولسىمۇ لايىقىنى ياخشى كۈتىدۇ، توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللار قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئېرىنى ياخشى كۈتىدۇ.
2. ئەرلەر پۇل تاپقاندىن كىيىن ئايالى بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەرلەر پۇل تاپالمىغان ۋاقىتتا ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلايدۇ.
3. ئاياللار ئېرىنى ياخشى كۆرسە <مەن سىزگە ئۆچ> دەيدۇ، ئەرلەر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە <مەن ساڭا ئۆچ> دەيدۇ.
4. ئۆيدە پۇل قالمىغان ۋاقىتتا ئەر كىشى ھىسابات قىلىشنى ياخشى كۈرىدۇ، ئۆيدە پۇل بار ۋاقىتتا ئايال كىشى ھىسابات قىلىشنى ياخشى كۈرۈدۇ.
5. ئەر كىشىنىڭ ئايال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ، قېينانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بۇلىدۇ، ئايال كىشىنىڭ ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، قېينانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوخشاشلا ناچار بۇلىدۇ.
6. ئەرلەر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالانسا، ساقچى بىلەن سوقىشىدۇ، ئاياللار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالانسا ئېرى بىلەن سوقىشىدۇ، ساقچى جېدەل ئايرىيدۇ.
7. ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقتىن، ئاياللارنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشى زېرىكىشتىن.
8. ئەرلەر پۇل تاپقاندا ئالدىن بىلەن يانفۇن ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن پىكاپ ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۆيىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئەڭ ئاخىردا كىيىمىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاياللار پۇل تاپقاندا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
9. كەمبەغەل ئەرمۇ كۆكتات سېتىۋالغاندا باھا تالاشمايدۇ، ھەرقانچە پۇلدار خوتۇنمۇ كۆكتات سېتىۋالغاندا باھا تالاشماي قالمايدۇ.
مەنبە : «تەرمىلەر» |
|