- تىزىملاتقان
- 2012-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 105
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
35%
|
پوشكال-قۇيماق،بۇغۇرساقنى ئەخلەت يىمەكلىك دىگەنگە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.ئاتا-بۇۋىلېرىمىز بۇ خىل مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىپمۇ 7-8 بالا تىپىپ،100 ياشقا ئۇلاشقان ئىدى.
چىلىغان كۆكتاتلارنىمۇ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا تامامەن بۇلىدۇ.چىلىغان كۈدە،يىسبىلەك،جاڭدو،تۇرۇپلارنى يىيىشىمىزنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار.شىنجاڭ 4 پەسىل ئىنىق ئايرىلدىغان ماكان.ئەتىياز پەسلىدە قۇرۇق ئىسسىق ئىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار تەكلىماكانلىقلارغا سىر ئەمەس.مۇشۇ پەسىلدە چىلىغان سەي ئىستىمال قىلىپ مىجەزنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ.كىسەل بوپ خىمىيىۋى دورا يىگەندىن جىق ياخشى.
گۈرۆچنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق.لېكىن پاراسەتلىك ئەجدادلېرىمىز پولونى كەشىپ قىلىپ تەبىئىتىنى ئىسسىققا ئايلاندۇرغان.باشقا يىمەكلىكلەرنى ئەخلەت ھېساپلىدىم.ئويلاپ باقسام بىزدە«ئۇچۇر خۇراپاتلىقى»خېلى ئېغىردەك قىلىدۇڭ.«شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلىغا ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يوللىغۇچى بىزنىڭ مىزاج،يېمەكلىك ئادىتىمىز،تەبئىي مۇھىتىمىز...ھەققىدە ساۋات ئۈگىنىپ كەلسە بوپتىكەن.
ھازىرقى ئەخلەت يىمەكلىكلەر ئاساسەن باشلانغۈچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى ماگىزىنلار،ئاشخانا-رىستۇرانلاردا بەزى يىمەكلىكلەر،توخو فېرمىسىدىكى مۇددەتتىن بۇرۇن بازارغا چىققان گۆشلەر،پارنىكلاردىكى قىش كۈنىمۇ يىشىل كۆكتات يىدۇق دىگەن ئاددى ئوي بىلەن يىتىشتۈرۈلگەن سەيلەردىن ئىبارەت.قىسقىسى،جۇڭگودا يېمەك-ئىچمەككە نىسپەتەن ئىشەنىچ دەرىجىمىز بارغانچە تۈۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى،قانچىلىك كالورىيە ئىسسىقلىقى،بەدەنگە بولغان ھەقىقى پايدا-زىيىنىنى لابروتورىيىلىك ئانالىز قىلدىغان قانونلۇق ھۈكۈمەت ئورۇنلېرى بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.لېكىن ھەممىمىز يىشىل يېمەكلىككە خۇشتار.ئەمما مازغاپ(كۈپۈك)ئېقتىسادى ئۈنۈمنى قۇغلىشىپ ھارامزادىلىشىپ كەتكەن يىمەك-ئىچمەك كەسپىدىكى تىجارەتچىلەرگە قىزىل كارتا بېرىدىغان ئاپارات سەل يۇۋاش بۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ.ئۆتكەندە بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە،كۈرىيەدە ساختا،كىشىلەر بەدىنىگە زىيانلىق نەرسە ئىشلەپچىقارغان شىركەت-كارخانا ئىگىلېرىنىڭ 10 يىللىق تىجارەت قىلىش ھۇقۇقىنى ئىلىپ تاشلايدىكەن.(جەرىمانىسى،موما-شىفەن ئىچىشى بۇنىڭ سىرتىدا)كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ھالقىما تەرەقىياتقا يىتىش ئۈچۈن چوقۇم پۇقرالارنى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشتۈرۈشلا ئەمەس،بەلكى بەدەن ساپاسىنى،ئىستىمال ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتىرىش زۆرۈر. |
|