- تىزىملاتقان
- 2011-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 273
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  91%
|
مەن شوپۇرلۇق نەزىرىيسىدە ،سولدىن يانداش پىرىنسىپىنى ئۆگەنگەن ،ئەمما ھەربىر تەرىپى ئىككى لىنىيەگە ئايرىلغان يولدا ئوڭدىن ياندىسىمۇ بولامدۇ، مۇشۇ قاراقاش بىلەن خوتەن ئارىسدا قاتنايدىغان ماشىنىلار قايسى لىنىيە بىكار بولسا شۇنىڭدىنلا ياندايدىكەن ،ھەتتا كىرا ماشىنىسى ھەيدەيدىغانلارمۇ ،شۇنداق ،مەن ئاللاھ خالىسا ماشىنا سېتىۋالماقچى ئىدىم شۇڭا مەن سولدىن يانداش پىرىنسىپى بويىچە ماڭامدىم ياكى باشقىلارنى دورامدىم، باشقىلارنى دورىماي پىرىنسىپ بويىچە ھەيدەيمەن دېسە يولدا باشقىلارمۇ بولغاندىكىن ئۇلارغا ماسلاشمايمۇ ئامال يوق. قايسي يول بىكار بولسا شۇنىڭدىن يانداش خاتامىكىن مۇشۇ قاتناش ساقچىلىرىمۇ بۇ ئىشنى توسىمايدىكەن ھەتتا قاتناش ساقچىسىمۇ قايسى يول بىكار بولسا .ئوڭدىن بولامدۇ سولدىن بولامدۇ يانداۋېرىدىكەن ،ئەمما خوتەن ۋىلايىتىدىن باشقا يەرلەردە ئاساسەن سولدىن يانداش پىرىنسىپى بويىچە ماڭىدىكەن ،مۇشۇ توغرىلىق ماڭا ئېنىق چۈشەنچە بەرسەڭلار ،ئەگەر سولدىن يانداش پىرنىسىپى بىر تەرەپتە قوش يول بولغان يوللارغىمۇ ئىشلىتىلسە ،خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى شوپۇرلارنى قايتىدىن تەربىيلەش زۈرۈركەن، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پىرىنسىپلارغىمۇ مەن شوپۇرلۇق نەزىرىيسىدە ئوقۇغان پىرىنسىپلار بويىچە يول يۈرمەيدىكەن. |
|