ئەنئەنىنىڭ كۈلرەڭ باغرىدا،
بىر توپ ئەركەك ئوينايدۇ ئۇسسۇل.
ئىكەك سالار ئىقبالغا تىنماي،
ئايال ئەرنى قىلغان مونوپۇل.
«قىشنىڭ گۈلى چوغ» دەيدۇ قۇمۇل،
پەردىشەپنى قىلماس ئەل قوبۇل.
بىلەلمەستىن ئوڭمۇ ياكى سول،
ئەركەك چىشى ئوينايدۇ ئۇسسۇل.
ئالىي نىشان_قىزىل ئاقچا، پۇل،
ئېزىقىشتا توسۇلدى، ئاھ، يول،
ھەق ئۈستىگە چاقىرار رەسۇل،
غاپىللىقتا بوشىماقتا ئۇل.
سىقار گالنى يوچۇنلا بىر قول،
پىغانلاردىن ئېلىندى ھوسۇل.
ۋىجدانىنى ساتماقتا ئوغۇل،
ۋەتەن دەيدۇ «قايتىدىن تۇغۇل.»
قوي كۆزلەردە توزۇپ تۇرار كۈل،
ھىدايەتتىن ئېزىپ كەتتى رول.
ئادەم ئەمەس، خىش قۇيار ئوقۇل. (1)
دىلىستاندا جىلۋە قىلار چۆل،
ئىستىقبالغا قويۇلغاندەك نۆل.
پەرياد قىلۇر بىگۇناھ بۇلبۇل،
قانلىرىمدا ئۇخلاپ ياتار قۇل.
مەڭگۈ تاشقا تەلپۈنەر ئاھ، گۈل،
خانىش ئەمەس پاھىشە سۇمبۇل.
شاھزادىلەر قارايدۇ مۆل- مۆل،
ئېغىنايدۇ تەخت ئەمەس پول.
كالپۇكلار گەز، چاناقلاردا ھۆل،
مۇقام، مەيگە بولۇپ كەتتى گول.
ھەسرەتتىمەن، قالغان كەبى تۇل،
كىملىكىمنى ئىزدىدى گوگول.
تاپالمىدىم، قالدىم قۇرۇق قول،
تەقدىر دېدىم، تارتقۇلۇقنى ئول.
ئۆزگىلەر قۇت، پەن بىلەن مەشغۇل،
خرەلەشتى ئاڭلاردا يارغول.
ئېرىق چاپتۇق، قۇرۇپ كەتتى غول،
قاتار چايغا ئات سالدۇق ئۇدۇل،
قوتۇر ئاتقا ئايلاندى دۇلدۇل.
ئەقىدىمۇ بولۇپ كەتتى پۇل،
چاقتۇق تىنماي ئىشەنچنى چۇل- چۇل.
ئورتاق غەمدە تۇرپانۇ سامپۇل.(2)
ئاتام دېدى: يولۇڭنى تاپ، تېز بول،
تەپرىقىگە يول بەرمە، ئۇيۇل،
مەيلى بۇندا بولساڭمۇ جۇل- جۇل،
بەرگىن چىداش، چالمىدەك ئۇۋۇل،
كۈلسەڭ يورۇق تاڭلىرىڭغا كۈل،
كۆرپە ئەمەس، جەڭگاھلاردا ئۆل.
______________
ئىزاھلار (1)ئوقۇل- مەكتەپ
(2)سامپۇل_ لوپ ناھىيسىنىڭ سامپۇل يېزىسى. |