قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1220|ئىنكاس: 3

كــۆيـــۈك      (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

5933

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 19:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
كـــۆيـــۈك
(ھېكايە)


ئۇ توي قىلىپ ئەتىسىلا ئېرىنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كەتتى. ئۇ بىر قېتىم نىكاھلانغان ھىساپلانسىمۇ، يەنىلا قىز ئىدى.

ئۇ داڭلىغۇدەك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا چىرايلىق سانىلاتتى. ھەر قېتىم ئەينەك ئالدىغا كەلگەندە ئۆز چىرايىغا زوقلىنىپ ئۇزۇندىن- ئۇزۇن قاراپ كېتەتتى. بەزىدە دىقماقراق كەلگەن بويى، ئانچە زىلۋا كۆرۈنمەيدىغان بېلىدىن كۆڭلى بىرئاز غەش بولاتتى، بىراق بۇلارنى تېزلا ئۇنتۇپ، ئۆز- ئۆزىگە كۆز قىسىپ كۈلۈپ قوياتتى.

ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىمۇ ئاشۇ چاغلاردا ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئارقىسىدىن سايىدەك ئەگىشىپ كېتەلمەي قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئادەمنى كۆرسىلا خۇشى كېتەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئەر كىشى دىگەن ئاياللارنىڭ ئالدىدا كۈلۈپلا تۇرماسلىقى، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ئەرلىك غورۇرىنى نامايەن قىلىپ، ئاياللارنى جەلپ قىلالىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنەتتىكى، ئۇنى ھامان بىر ئەر خوتۇنلۇققا ئالاتتى. ئۇ چوقۇم ئۇ ئەرنىڭ دەرد- ھالىغا يېتەتتى. ئەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، قەدىرلەيتتى، ئۇ نىمە دىسە شۇنى تەل قىلىپ بېرەتتى. ئۇ، ئېرىگە ئوخشاش ئەتىدىن كەچكىچە ھىجىيىپلا تۇرمايتتى. ئۇنىڭ خىيالىدىكى ئەر تەمبەل كەلگەن، ياراشتۇرۇپ قاپقارا شاپ بۇرۇت قويىۋالغان، مەيدىسىنى چۇپۇر قاپلىغان، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، كەلسە- كەلمەس ئېغىز يېرىپ كۈلمەيدىغان، ئەركەك تۈكى بار ئاجايىپ سۈرلۈك يىگىت ئىدى. ئۇ شۇنداق ئەرلەرنى تېز ۋە مەڭگۈ ياخشى كۆرۈپ قالىمەن دەپ قارايتتى. شۇڭىمۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى ياش تۇرۇپ بۇرۇت- ساقال قويىۋالغان، تەمبەل، ئوتتۇرا بوي، ئاسان كۈلمەيدىغان سۆرۈن تەلەپ، مايلىشىپ تۇرىدىغان كەپكىسىنى ئالدىغا باستۇرۇپ كىيىۋالىدىغان شوپۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. ئۇ ئاشۇ شوپۇرنڭ ئوتىدا پۇچىلىناتتى. ئەپسۇس، ماي كەپكىنىڭ خوتۇنى بولمىغان بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈ سىرلىرىنى قويماي تۆكۈۋەتكەن، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەتتا توي قىلغانمۇ بولاتتى. ئۇ ئولتۇرسا- قوپسا شۇنىلا خىيال قىلاتتى. ئەمما ئېغىز ئاچالمايتتى. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى، ماي كەپكە خوتۇنىنى ھامان بىر كۈنى قويىۋىتەتتى. چۈنكى، ماي كەپكىدەك قاملاشقان ئەركەككە سېرىق ئاسلاندەك ئىنجىمارۇق خوتۇن زادىلا ماس كەلمەيتتى. ئۇ ماي كەپكىنى خوتۇنىدىن ھامان بىر كۈنى كۆڭلى سوۋۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايتتى.

ئۇ ئاتا- ئانسىنىڭ زورى ۋە ئورۇق- تۇغقانلارنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئاشۇ ھىجاق بىلەن تويلاشماقچى بولدى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇ ئەرگە زادىلا مەيلى يوق ئىدى. ئەتىدىن- كەچكىچە كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئەرنى قەنداقمۇ ئەر دىگىلى بولسۇن؟ كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ ھىجىيىپ يېتىپ ئۇخلايدىغان ئوخشايدۇ، دەيتتى ئۇ بولغۇسى ئېرىگە ئۆچلۈكى كېلىپ.

ئۇ دادىسىنىڭ ئاشۇ ئەرگە تېگىسەن دەپ تۇرىۋېلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدى. دادام نىمىشكە مېنى زورلايدىغاندۇ، دەپ ئويلايتتى ئۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي.  دادىسىنىڭ ئەسلىدە چوڭراق ئەمەل تۇتقۇسى بار ئىدى، خېلى قاتراپ، خوشامەت داستىخانلىرىنى كەڭ يېيىپ، پايپېتەكمۇ بولغان بولدى. ئاكتىپلىق قىلىپ، كۆزگە كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇپمۇ باقتى. بىراق قېرىشقاندەك ئىشلار دادىسىنىڭ رايىغا باقمىدى. ئۇ كۈتىۋېرپ ئاخىرى ئاچچىق يۇتۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى- دة، ئۇزاق ئۆتمەي دەم ئېلىشقا چىقىۋالدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن قۇلاقلىقىغا ھەممە ھەيران ئىدى. ناھىيىگە كىمنىڭ يۆتكۈلۈپ كېلىدىغانلىقى، كىم قايسى ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، كىمنىڭ مەنسىپىدىن چۈشىدىغانلىقى..... قاتارلىق ئىشلار ئاۋۋال ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق تارقىلاتتى. ئۇ بولغۇسى كۈيئوغلىنىڭ كەلگۈسى توغرۇلۇق بىرەر مىش- مىش پاراڭ ئاڭلاپ قالغان بولىشى مۈمكىن ئىدى، بولمىسا ئۇ بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپمۇ باقمىغان قىزىنى ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن ئۇ ئادەمگە زورلاپمۇ كەتمىگەن بولاتتى. بىراق، قىزىنىڭ تويى بولغىچە ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆيلەنگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرىدى.

قېرىشقاندەك ئۇ قىزىنى تېگىسەن دىگەنسىرى تەگمەيمەن دەپ تۇرىۋېلىشى دىدىسىنى ئۈمۈدسىزلەندۈرەتتى. دادىسى ئۇنىڭ جاھىللىقى دەل ئاپىسىغا ئوخشاپتۇ دىسە، ئاپىسى دادىسىنىڭ مىجەزىنى تارتىپتۇ دەيتتى. قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇنداق قىستاۋېرىشنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولارمۇ دەپ سەل ئانسىرىسىمۇ، بىراق تويى بولغاندىن كېيىن ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىشىگە ئىشىنەتتى.

بىر كۈنى دادىسى چوڭ قىزىنى چاقىرىپ، سىڭلىسىغا نەسىھەت قىلىپ بېقىشنى بۇيرىدى.

__ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە كىرمىگەن ئادەم مېنىڭ گېپىمگە كىرەرمۇ، دادا، __ دىدى چوڭ قىزى ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى گەپكە كىرگۈزەلىشىگە ئىشىنەلمەي.

__ ئۇرۇنۇپ باققىن، قىزىم، ئادەتتە ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى ئانچە يىرمايدۇ، __ دىدى دادىسى ھاجەتمەن ئادەمدەك مۇلايىم تەلەپپۇزدا.

چوڭ قىزى سىڭلىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇزاق مۇڭداشتى. سىڭلىسى كۆڭلىدىكى ھەممە گەپلىرىنى ئۇنىڭغا دىدى. ھەتتا يۈرىكىگە يۇشۇرۇنغان سۆيگۈ سىرلىرىنىمۇ ياش تۆكۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.

__ سىڭلىم، __ دىدى ئاچىسى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولۇپ سىيلىق ئاھاڭدا، __ سەنمۇ خېلى ئەقلىڭگە كېلىپ، ئاق- قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولدۇڭ. خوتۇنى بار ئادەم ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم سۆزلىشىپمۇ باقماپسەن، ئۇنى چوقۇم خوتۇنىنى قويىۋېتىدۇ، دەيسەن، راستىنلا خوتۇنىنى قويىۋەتكەن تەغدىردىمۇ سەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ مېنى ئېلىڭ دىيەلەمسەن؟ سەن شۇنداق دىگەن ھالەتتىمۇ ئۇ سېنى جەزمەن ئالارمۇ؟ سەن ياخشىسى ئۇنداق بولمىغۇر خىيالدا بولماي دادمنىڭ گېپىنى ئاڭلا، __ ئاچىسى باشقا ۋاقىت بولسا سىڭلىسىنى ئەخمەققە چىقىرىپ كايىپ، تىللىغانمۇ بولاتتى.

__ بىراق، مەن ئۇنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمىسەم، __ دىدى قىز تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ.

__ توي قىلغاندىن كېيىن ئاستا- ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالىسەن. كونىلار نىكاھ ئىسسىق دەيدۇ ئەمەسمۇ.

__ ياق، مەن ئۇنى ئۆلسەممۇ ياخشى كۆرەلمەيمەن، نايناق خېنىملاردەك ھىجىيىپلا تۇرىدىغان ئەرنىمۇ ئەر دىگىلى بولامدۇ، ئۆلگەندىمۇ ھىجىيىپلا تۇرۇپ جېنى چىقىدىغۇ، ئۇنىڭ.

__ قايسىبىر يىگىت قىز كەلتۈرگەندە ھىجايمايدۇ، سەن دومسۇيۇپ تۇرىۋالساڭ ھىجايسىمۇ ھىجايغاندۇ، خەقنىڭ ھىجىيىشى بىلەن سېنىڭ نىمە چاتىقىڭ. بولسا دادام، ئاپام ياشىنىپ قالدى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ بولسىمۇ توي قىل، راستىنلا كۆڭلۈڭ چۈشمىسە كېيىن ئاجرىشىپ كەتسەڭمۇ بولىدىغۇ، __ ئاچىسى «ئاجرىشىش» دىگەن گەپنى ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويدۇم دەپلا ئويلىدى. بىراق، ئۇ سىڭلىسىنىڭ مۇشۇ سۆزدىن ئەقىل تېپىپ ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇ سۆز ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى.

قىز بولغۇسى ئېرىنىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەنلىكىنى ئۇقۇپ قىلچە پەرۋا قىلمىدى. «بەرىبىر ئاجرىشىپ كېتىمەن» __ دەيتتى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە شىۋىرلاپ __ «شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش يەنە ئىزىغا چۈشىدۇ!». ئۇ تويى بولغان كۈنىمۇ مۇشۇنداق ئوي بىلەن يۈردى. ئۇ شۇنچىلىك بېغەم ۋە بېخىرامان ئىدىكى، تويى بولغان قىزلاردا بولىدىغان خوشاللىق، ھاياجان، تېڭىرقاش.... يەنە ئاللىقانداق بىر تۇيغۇلار ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى.....

ئۇلار ۋىچىركىنى تۈگىتىپ قىز يىگىتنىڭ ھوجرىسىغا كىردى. ئەرنىڭ كەيپى چاغ ئىدى. ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ھىجاراپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ھىجايغىنىنى كۆرۈپ، قىزنىڭ تېخىمۇ ئۆچلىكى كەلدى. قىز بۇ كېچە قولىغا پىچاق ئېلىۋېلىپ، ئەرنى يېنىغا زادىلا يولاتمىدى. ئۇ ئۆزىنى ماي كەپكە شوپۇرغىلا بېغىشلىغانىدى. بۇ ئەردىن بەرىبىر ئاجرىشىپ كېتىمەنغۇ دەپ ئويلايتتى ئۇ. 

__ ماڭا يېقىن كەلمەڭ! __ دىدى قىز پىچاقنى ئەرگە شىلتىغىنىچە بۇلۇڭغا نىقتىلىپ، __ يېقىن كەلسىڭىز يا سىزنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن يا ئۆزۈمنى.

ئۇنىڭ جىددىلەشكەن تەلەپپۇزىمۇ قەتئى ئىدى. ئەرنىڭ شادلىقتىن خۇمارلاشقان كۆزلىرى ئەمدى ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ كەتتى.

__ ئەجەبا سىز ماڭا....

__ گەپ قىلماڭ!

ئەر ئۇنىڭ بۇ تويغا تولىمۇ تەستە رازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئاچىسىدىن ئاڭلىغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاچىسىنىڭ «ئۇنىڭغا دەسلەپتە سىلىغراق مۇئامىلە قىلارسىز» دىگەنلىرىنى يادىغا كەلتۈردى. «ئاستا- ئاستا ئەيۋەشكە كەلتۈرىۋالارمەن» دەپ ئويلىدى ئەر. شۇ كېچىسى ئۇلار ئىككى ئورۇندا يېتىپ تاڭنى ئاتقۇزدى.

ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا قىز ئەرگە تۇيدۇرمايلا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، سىرتقا ماڭدى. ئەر ئويغانغاندا قىز كۆرۈنمەيتتى. ئۇ سەگەكلىشىپ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئۆيگە قارىۋىدى، قىزنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇ بۇ ئىشلارغا ھىچ ئەقلى يەتمەي قىزنى ساقلاپ بىر پەس ئولتۇرۇپ قالدى. قىز كىرمىگەندىن كېيىن قېيناتىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.

ئۇ قېيناتىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىشىگىلا قىزنىڭ ئۆي ئىچىدە يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ جايىدىلا توختىدى.

__ ..... مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە ھەرگىزمۇ بارمايمەن، ئۇنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق. كۆڭلۈم تارتمىغان ئەرگە يەنە زورلايدىغان بولساڭلار ئۆلۈپلا بېرىمەن.

__ ھەي غەرەز ئۇقمايدىغان ماڭقا، __ بۇ قېينانىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى، __ خەق ئەمدى بىزنى نىمە دەيدۇ؟ ئەل- جامائەتنىڭ ئالدىدا نىمە دىگەن سەتچىلىك بۇ، دەيمەن. سەن جوھوتنىڭ بالىسىنى توغقىچە بىر كاللەك چىچىپلا قويسامچۇ، ئىگەكىم.

__ سەتچىلىك بولسا بولىۋەرسۇن، مېنىڭ نىمە كارىم. ئۇ مازنىڭ ھىجىيىشىنى ئەمدى كۆرەرگە كۆزۈم يوق، بارمايمەن دىدىم بارمايمەن.

__ سەن تېخى مەن بىلەن زۇكۇنلىشىۋاتامسەن-  ھە ...

ئۆي ئىچىدىن چاڭ- چۇڭ قىلغان تەستەك ئاۋازى ئاڭلاندى.

__ بولدى قىل، خوتۇن، __ دىدى قېيناتىسى، __ بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. ئۇ ئۆلۈۋالىمەن دەپ ئەتىگەننىڭياقى دىگەن گېپىمىزنى قېتىغا ئېلىپمۇ قويمىسا، تاياقنى تاشقا تاڭغىلى بولمايدىكەن، ئەمدى ئاستا......

__ ئۆلۈۋالىمەن دەۋاتسا؟ __ دىدى قېينانىسى، __ ئۆلۈۋېلىش شۇنچە ئاسانمىكەن!؟ بۇ پاسكىنىغا يا مەن ئانا بولىمەن، يا ماڭا ئۇ ئانا بولىدۇ ....

ئەر كېچىدىن خوتۇنىنىڭ قولىغا پىچاق ئېلىۋېلىپ، ھەيۋە كۆرسەتكەنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ باياتىنقى گېپىدىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلىپ، غەزەپتىن بوغۇلۇپلا قالدى.

__ مەنمۇ تويدۇم! __ دىدى ئەر ۋارقىراپ، __ مۇشۇ يەردە توختاپ قالايلى! تويلۇق چقىملىرىمنىڭ ھەممىسىنى تۆلىۋېتىڭلار! __ ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئارقىسىغا بورۇلدى- دة، ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.

شۇ كۈندىن باشلاپ قىز تۇل خوتۇنلۇق ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ يەنىلا غايىۋى سۆيگۈسىنىڭ لەززىتىدە مەست يۈرەتتى. سىرتقا چىققاندا ماي كەپكىنىڭ سايىسىنى ئىزدەيتتى، ئۇچرىشىپ قالسا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالاتتى. ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن تەلمۈرەتتى. ماي كەپكە بولسا ھىچ ئىش بولمىغاندەك مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى. كۆپۈنچە چاغلاردا قارىمايمۇ ئۆتۈپ كېتەتتى .... قىز بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بولاتتى، ئازاپلىناتتى، شۇنداقتىمۇ ماي كەپكىگە بېغىشلىغان سۆيگۈسىدىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەيتتى. ئۇ پەرۋانە، ماي كەپكە بولسا ئوت ئىدى. ئۆزى ئوت، ماي كەپكە پەرۋانە بولۇپ قالغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى- ھە، دەيتتى ئۇ بەزىدە چۇڭقۇر خياللارغا غەرق بولغان چاغلىرىدا.

قىز ماي كەپكىنىڭ خوتۇنىنى تېزرەك قويۇۋېتىشىنى كېچە- كۈندۈز ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، قېرىشقاندەك ئۇلاردا ئاجرىشىدىغان ئىشتىن ھىچقانداق شەپە يوق ئىدى. بىراق ئۇ ئۆز تۇيغۇسىدا ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتى.

ئۇ ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ، ئىككى يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت ئۆتتى. قىز بۈگۈن كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن دەرۋازىدىن چىقىشىغا ماي كەپكە بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ماي كەپكە ئاۋۋالقىدەكلا ئۇنىڭغا ئېرەڭسىز قاراپ قويۇپ كېتىۋەردى. قىز ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ پۇرسەت بولمىغاندى. يولدا برەرسى كۆرۈنمەيتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. قىزنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ، نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ماي كەپكىنىڭ ئارقىسىدىن ئاستا ئەگىشىپ ماڭدى ۋە ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۇنى چاقىرىپ توختاتتى. ماي كەپكە قاپىقىنى يەنىلا بۇلۇتتەك تۈرۈپ، خوشياقمىغاندەك ئۇنىڭ يېقىنلاپ كېلىشنى كۈتتى.

__ نەگە ماڭدىڭىز؟ __ دىدى قىز يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ.

__ ئىش يوق، بېلىيارت ئويناپ كېلەي دەيمەن، __ دىدى ماي كەپكە قىز ئۆزىگە يېتىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ مېڭىپ.

__ سىزمۇ بېلىيارت ئوينامسىز كىچىك بالىلاردەك، __ قىز يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭغا لاپپىدە قارىدى.

__ چوڭلارمۇ ئوينايدىغۇ، __ دىدى ماي كەپكە . ئاندىن قىزنىڭ ئۇزايىدىن ئۆزىگە گېپى بارلىقىنى پەملەپ سورىدى:

__ گەپ بارمىدى؟

__ ھەئە، __ قىزنىڭ تېنىگە تىترەك ئولاشتى. دەماللىققا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى- دة، __گەپنى ئۇدۇللا دەۋەرسەم خاپا بولمايدىغانسىز؟ __ دىدى بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ، __ خوتۇنىڭىزنى قاچان قويۇپ بېرىسىز؟

تولۇمدىن توقماق چىققاندەك بۇ بىمەنە سۇئالدىن ماي كەپكە ھاڭۋاققىنىدىن بىر دەقىقە كۆزىنى پارقىرىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ قالدى.

__ خوتۇنىڭىزنى قاچان قويۇپ بېرىسىز، دىدىڭىزما!؟ __ دىدى ئۇ ئېسىنى يىغىپ. ئارقىدىن ئاچچىق كۈلۈمسىرىدى.

__ ھەئە، __ دىدى قىز ساراسىمىگە چۈشۈپ.

__ چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز، __ دىدى ماي كەپكە، __ مەن نىمەدەپ بىكاردىن بىكار خوتۇنۇمنى قويۇۋېتىدىكەنمەن! __ ئۇ قىزغا سەت ئالىيىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

قىز ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، نېرۋىلىرى كاردىن چىققاندەك چېكىسى زىڭىلداپ كەتتى. ئۇ ئەسلىدە گەپنى شۇنداق تۈز دىسەم ماي كەپكە كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئىش ئۇنداق بولمىدى. قىز خامۇش ھالدا ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ھويلىغا كىرىشىگىلا دادىسى ئۇدۇلدىكى كوچىدىن ۋېلسىپىتلىق مېڭىپ ھويلىغا كىردى.

__ مانا، ئەمدى خوپ بولدى، __ دىدى دادىسى قاتتىق ئەپسۇسلانغان ئاھاڭدا، __ ئىستىقبالى بار، ئىستىقبالى بار، دەپ مەن نەچچە قېتىم دىدىم، مامكاپ بولغىچە ئولتۇر ئەمدى، گەپكە كىرمەيدىغان گۇينىڭ بالىسى.

قىز دادىسىنىڭ دەسلەپتە نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى. گېپىنىڭ ئۇرامىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنى دەۋاتقانلىقىنى پەملەپ، ئىتتىك مېڭىپ ئۆز ھوجرىسىغا كىرىۋالدى.

__ نىمە، ئىشىكتىن كىرە- كىرمەي ۋاتىلدايدىغاندۇ، ما ئادەم، __ دىدى ئېرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خوتۇنى ئىچكىرىكى ئۆيىدىن چىقىپ، __ گەپ دىگەننى ۋارقىرىماي دىسىمۇ بولىدۇ، سىلى تومۇرلىرىنى كۆپتۈرگۈدەك نىمە ئىش بولدى زادى؟

__ ماۋۇ ئەقىلسىزنىڭ ئېرى ھاكىم بولدى، نىمە بولاتتى، __ دىدى دادىسى كۆپۈشۈپ.

ـــ كىمنىڭ گېپىنى دەۋاسىلە، ئۇققىدەك گەپ قىلىڭلا، بىر.

ـــ مەۋۇ قىزىمىزنىڭ ئېرىنى دەۋاتىمەن.

ـــ ئېرى ئەمەس، ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرى دىمەمسىلە، مانداق.

ـــ نىمە بوپتۇ ئۇ ھىجايغاق؟

ـــ بىزنىڭ ناھىيىگە ھاكىم بولدى، نىمە بولاتتى؟!

قىز ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ھوجرىسىدا دۈم يېتىپ تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپ گۈلدۈرمامىدەك دەھشەتلىك ئاڭلاندى. ئىككى قۇلىقىنى قولى بىلەن مەھكەم ئېتىۋالدى. بىراق يەنىلا شۇ ئاۋاز قۇلاق تۈۋىدە ئەكس سادا پەيدا قىلاتتى.

«ئىشقى يوق ئېشەك» دىدى قىز بىر كەمدە ماي كەپكىنىڭ قوپاللىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، «قاتۇرۇپ قويغان بۇت، قەلبىمنى قىلچە چۈشەنمىدىڭ، دۆت، كالۋا!» ئۇ باش- ئاخىرى يوق خىياللار ئىسكەنجىسىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى. يۈرەك- باغرىنىڭ لەختە- لەختە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالى ئازغۇن قۇشتەك ئاللىقاياقلارغا كېتىپ باراتتى. ئۇ ئوڭى دىسە ئوڭى ئەمەس، چۈشى دىسە چۈش ئەمەس گادىرماشلىق ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى سەزمىدى.....

ئۇ ئۆزىگە ناتونۇش بىر يەردە تۈگۈلۈپ ياتاتتى. بىر چاغدا يېنىغا چىرايلىق بىر پىكاپ سىيلىق توختىدى. پوزۇر كىيىنگەن ساھىبجامال چوكان توپلىيىنىڭ ئىگىز ھەم ئۇچلۇق باشنىسى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا دەسسىگىنىچە پىكاپتىن چۈشتى. قىز ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي چىرقىراپ كەتتى:

__ ھۇ، ئىپلاس، قانجۇق......

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇقۇرىغا قارىۋىدى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنىڭ يېڭى خوتۇنى كۆرەڭلىگىنىچە ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا ئاغزىنى سىڭايان قىلىپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ بۇ خوتۇننى ئېزىق چىشلىرى ئارىسىغا ئېلىپ چايناپ پۈركىۋەتكىلى مىدىرلىۋىدى، ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى ياكى خىيال سۈرگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ئىشقىلىپ بىر خىل تۈرمەل- تۈرمەل تۇمان ئىچىدە ئۇياق- بۇياققا سوقۇلۇپ گاھ ئۆرلەپ، گاھ پەسلەپ يۈرەتتى......

ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئاپىسى ئۇنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ، قورققىنىدىن ۋارقىراپ تاشلىدى. ئايالىنىڭ چىرقىراق ئاۋازىنى ئاڭلىغان دادىسىمۇ قىزنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ كەلدى. قىز چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ ياتاتتى. بېشى كارۋاتتىن چۈشۈپ كەتكەن، چۇۋۇلغان ئۇزۇن چاچلىرى شارقىراتمىدەك تەكشى يېيىلىپ تۇراتتى. چاچلىرىنىڭ ئۇچىدىن كۆز يېشىدەك تەر تامچىلىرى تامچىلايتتى.

ئۇلار بىر كەمدىن كېيىن قىزنى بىر ئەسكى ھارۋىغا سالغىنىچە ئىتتىرىپ، شىپاھخانىغا ئېلىپ كەتتى......

 

 

مەنبەئە: قەلىمىم

36

تېما

0

دوست

3197

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4227
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 433
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققاندىن كېيىن ، ماي كەپكىنىڭ تېنچ ئائىلىسىنى بۇزمىسا بولاتتىغۇ ، بۇ سەۋدايى << قىز جۇۋان >> .
   
   ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ . قەلمىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن!
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

80

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5214
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 23:39:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى    يېزىلىپتۇ    ،     ھارمىغايسىز      !

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 1841
توردىكى ۋاقتى: 788
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 21:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز . داۋامىنى كۆرۈشنى خالايمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )