كىلاسسىك فىزىكىدا ئېغىرلىقنى تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مىقدار دەپ قارايدۇ. مەن بۇ گەپتىن دائىم گاڭگىراپ قالىمەن. چۈنكى، بىز يەر شارىدىن قانداقلا بىر جىسىمنى ئالايلى ئۇنىڭ يەنىلا ئېغىرلىغى بار بولۇپ چىقىدۇ. مەيلى چوڭقۇر كان ئاستىدا بولسۇن ئوخشاشلا بۇنداق ئېغىرلىقنى ئۇچرۇتۇمىز. شۇنىڭ بىلەن مەن يەر شارى ئېغىرلىغى بار جىسىملارنىڭ جەمگاھىكەن، يەر شارىنىڭمۇ ئېغىرلىغى بار ئىكەن دىگەن قاراشقا مايىل بولۇپ قالدىم. لىكىن بۇ مايىللىقنىڭ بېرىپ تاقىشىدىغىنى تارتىش كۈچى نەزەريىسى بولۇپ يەر شارى ئۆزىنىڭمۇ ئېغىرلىغى بار بولسا بۇھال تارتىش كۈچى نەزەريىسىگە پايدىسىز يەكۈنلەرنى كەلتۈرۆپ چىقىرىدۇ. يەنى بۇھالدا
ئېغىرلىق راستىنلا تارتىش كۈچى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، جىسىم ئۆزىگە خاس مىقدار بولۇپ قالىدۇ. تورداش، بۇ تېما گەرچە ھەجىم جەھەتتىن كىچىك بولسىمۇ، لىكىن مۇھاكىمىگە سونۇلغان مەسىلىنىڭ ۋەزنى ئېغىر. شۇڭا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. قېنى ئېيتىڭا،يەر شارىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىغى بارمۇ-يوق؟