تۇرسۇنجان سۇلتان (ئالپ) ياسىغان بالىلارغا قول مەشقى فونتى - Alp_Elipbe دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرىدىن 351 نى تاللاپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە پۇچۇركىسىنى ياخشىلاش دەپتىرى -« ئۇزخەت مەشق دەپتىرى» نى لايىھەلەپ چىقتۇق، مەزكۇر دەپتەرگە يەنە مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يازغان «ئۇيغۇر تىلى» ناملىق مۇخەممەس ۋە «ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسى » نىڭ رەسىمى قىستۇرۇلدى.

مەزكۇر ئېلكىتاپنىڭ pdf نۇسخىسىنى pdf ئوقۇغۇچتا ئاچىمىز ياكى swf نۇسخىسىنى Internet Explorer دا ئېچىپ A4 قەغەزگە باسساق، خەتلەر كاۋاك ھالەتتە بېسىلىدۇ، بەتنى تۈپلەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
pdf پىچىم ( فورمات ) تىكىسىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
swf پىچىم ( فورمات ) تىكىسىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ياكى ئايرىم بەتتە كۆرۈڭ.
مەزكۇر تىزىس خالىس تارقىتىلدى، سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
ئىنتىل سەيناسى ئېلكىتاپ گۇرۇپىسى 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى |