- تىزىملاتقان
- 2011-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 460
- نادىر
- 0
- يازما
- 80
ئۆسۈش
  0%
|
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
چاچلىرىڭغاقونمىسۇن توزان.
لاتاپىتىڭ،گۈزەللىكىڭنى،
ئېپ كەتمىسۇن ئىشپىيون بوران.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
قورۇنمىسۇن ئەجدادىڭ روھى.
خۇنىكلىشىپ كەتمىسۇن،ئاللا
ئاتاقىلغان پاكلىقىڭ نۇرى.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
كۆرۈنىسەن ئۇلۇغ مومامدەك.
ئەنداز بولغىن ساھىب جامالغا،
ئاي-يۇلتۇزدىن ئەنداز ئالغاندەك.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
سالام قىلار ساڭا نۇر قۇياش.
بوسوغاڭدا ياتسۇن تەلمۈرۈپ،
يۇلتۇزلارمۇ تۆكۇپ مونچاق ياش.
ياغلىقىڭنى چىگىۋال قىزچاق،
مەرەز لەرنى قالدۇرۇپ داغدا.
دۇشمەنلىرىڭ ئۆلسۇن قان قۇسۇپ،
بەختىڭ تېپىپ يايرىغان چاغدا. |
|