- تىزىملاتقان
- 2016-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5681
- نادىر
- 0
- يازما
- 562
ئۆسۈش
  13.62%
|
نۇرغۇن كىشىلەر «ئەركىنلىك» سۆزىنى شەخسنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر ھېسابتا بۇمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، «ئەركىنلىك» سۆزىدىن شۇنداق مەنە ئىپادىلىنىۋاتقان تۇرسا، كىممۇ ئۇنداق ئەمەس دېيەلىسۇن! ئەمما پەلسەپەدە «ئەركىنلىك» سۆزى ھامان «مۇقەررەرلىك» سۆزى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك «ئەركىنلىك» ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى بىلىش ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە قارىتىلغان پەلسەپەۋى ئۇقۇمدۇر. ھەقىقەتەن كىشىلەر دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بولغان ئەمەلىي پائالىيىتى جەريانىدا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى بىلىشى، مەسىلەن، شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ مۇقەررەرلىكىنى بىلىشى زۆرۈر. بىراق، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىلا بىلىپ، ئەمەلىي پائالىيىتى داۋامىدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنالمىسا، ھامان ئەركىن بولالمايدۇ. شۇنداق بولغاندا ئەركىنلىك مۇقەررەرلىكتىن ئايرىلالمايدۇ، مۇقەررەرلىك ئەركىنلىككە ئايلىنىدۇ. شۇڭا پەلسەپەدە «ئەركىنلىك» ئۇقۇمى ھېمىشە مۇقەررەرلىك ئۇقۇمى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىدۇ. دېمەك، «ئەركىنلىك» سۆزى تىلغا ئېلىنسىلا، ئۇنى كىشىلەرنىڭ تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ دەپ تۇرۇۋالماسلىق لازىم. ئەلۋەتتە «ئەركىنلىك» ئۇقۇمىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەردىكى تەبىرىمۇ ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «ئەركىنلىك» ئۇقۇمى ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكۈچىلەرنىڭ مەنىۋى تۇغى سۈپىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئۇقۇمنى پۇچەكلەشتۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرگەنلەرنى ھەرگىزمۇ ماتېرىيالىزمچى دېگىلى بولمايدۇ. |
|