- تىزىملاتقان
- 2011-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 0
- يازما
- 310
ئۆسۈش
  52.14%
|
ھەممە كىشى ئۆزىنى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇشى شەرت.
1. ئەگەر نامرات، ئىقتىدارسىز، جىسمانى قۇۋىتى ئاجىز ئىنسانلار ئاياللىرىنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر ئۆمۇر بويتاق ئۆتىشى كىرەكما؟
2.ياشلا تۇل قېلىپ، بىر ئۆمۇر ئۆزىگە كىر قوندۇرمىغان ئانىلارنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟
3.دىئارىمىزدا 20-30يىللاپ كىسەلچان ئەرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان ئاياللار ئاز ئەمەس.
4. مەن ئۆزەم بىلىدىغان ھەقىقى ئەھۋال. بىزنىڭ مەھەللىلىك ئىرى قازالاپ كىتىپ،تۇل قالغان بىر ئانا 20يىل تىرىشىپ 4بالىسىنى بىرياقلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىنى ساۋاپلىق ئىش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىدا بەلنىڭ تۆۋەينى سىزىمىنى يوقاتقان بىر بوۋايغا ياتلىق بولدى. ھازىر بۇ ئانا ئاشۇ يېرىمجان بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. بۇ چېكىدىن ئاشقان ئەخمەقلىقمىدۇ؟
جاۋاپ شۇكى ياق!
بىر قىسىم ئاياللارنىڭ يولدىن چىقىشى ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ، ئەرنىڭ ياكى قانداقتۇر ئاتالمىش روھى جەھەتتىكى ئېچىرقاشنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى شۇ ئاياللىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىمان ئىتىقاتنىڭ ، ئاياللارغا خاس پاكلىق تۇيغۇسىنىڭ يوقالغانلىقى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈشۈپ ئۆزىنىڭ ئىنسانى قەدىر- قىممىتىنى نەپسى خاھىشىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
قەدىرلىك ئايال قېرىنداشلار شۇنى بىلىڭلاركى<<جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا>> |
|