- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  21.69%
|
سوگەل ئادەتتە تېرە يۈزىدە كۆپرەك ئۇچىرايدىغان ئۆسمە كېسەللەكلىرىنىڭ بىر خىلى . ئۇ سۆگەل ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ . سۆگەلنىڭ پەيدا بولىشى بەدەندىكى ئىممۇمىنىتېتنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئىممۇمىنىتېت بولۇپمۇ ھۆجەيرە ئىممۇمىنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان كىشىلەر سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . تېرە يۈزى زەخىملەنسىمۇ سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
سۆگەل چىققان ئورۇنغا قاراپ .ئاددى سۆگەل ، ياپىلاق سۆگەل ، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ، تاپان سۆگىلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ . سۆگەل چىققاندا قول بىلەن تاتلىماسلىق ياكى ئۈستىنى كېسىپ بۇزماسلىق ، ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش لازىم . داۋالىنىش جەريانىدا ئىچ كىيىمنى قايناقسۇغا بېسىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش ، دەزماللاپ كىيىش كېرەك .
( ماتېرىيالدىن ) |
|