قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3218|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قۇمتۇر: ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

1102

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23428
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-21 18:08:55 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    ئانام  82-يېشىدا  تۇپراققا باش قويدى. ئىچىمگە پاتمايۋاتقان ھەسىرەتلىرىمنى ئىپادىلەشكە  ئاجىزلىق قىلىپ، كۆز ياشلىرىم بىلەن يۈزۈمنى يۇدۇم. 13 يىل ئىسسىق يۈزىنى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان كۆزلۈرىم ئاخىر ھېساپتا سوق يۈزۈنى كۆرۈشكىمۇ ئىمكان قىلالمىدى. پەقەت دۇئالىرىم ئارقىلىقلا ئۆزۈمگە تەسەللىي، ئانامغا جەننەت تىلىدىم.

    ئانام كىتاپقا ئېرىسمەن، تەقۋادار ئايال ئىدى. زۇلمەتلىك يىللارنىڭ جاپا-مۇشەقەتلىرىدىمۇ بۇ ئىككى ئەڭگۈشتىرىدىن ئايرىلمىغانىدى. قېرىنداشلىرىمنىڭ دەپ بېرىشچە ئانام ھاياتىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە ئېغىزىدىن ئىماننى، قولۇدىن كىتاپنى چۈشۈرمەپتۇ. ئانام ئىمانى بىلەن  ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى، بىزگە ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى بىلەن مىڭلىغان كىتاپلىرىنى مىراس قالدۇردى.

    ئانامنىڭ ئەجدادلىرى

    ئانام زامان غەۋغالىرى تۇشمۇ-تۇشتىن باش كۆتەرگەن، جاھان مەئىشەتلىرىنىڭ ھالى قالمىغان، كىشىلەر يىلنامىلارنىڭ ئالمىشىشىغا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى رىسقىنىڭ ئامانلىقىغا، ئەتىكى كۈننىڭ سېرىقىغا تەشنا بولۇپ ياشاۋاتقان بىر زاماندا تۇغۇلغانىكەن. گەرچە ئانام ئۆزۈنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما ئاتىسى ھەپسىگە ئېلىنغاندا 4 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىكەن. ئاتىسى ھەپسىگە ئېلىنغاندا، پۈتۈن يۇرتتىن يۈزلىگەن كىشىلەر بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپتۇ.

    ئانامنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بۇ ۋەقە كۇچا يېقىنقى زامان تارىخدىكى چوڭ ۋەقە بولۇپ، 1936-يىلىدىن باشلانغان كۇچادىكى چوڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ئىدى. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن 1936-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بولۇپ، ئۈچ كۈن كېچە- كۈندۈز ئېلىپ بېرىلغان، يۈزلىگەن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىگە ساقچى باشلىقى  زۈپەر بىۋاستە باشچىلىق قىلغان بولۇپ، ئابدۇللا ئۆمەرۇپ باشچىلىقىدىكى ئاتلىق پولك ھەمكارلىقتا بولغان. «كۇچا تارىخ ماتىرىياللىرى» دا بايان  قىلىنىشچە: «بۇپولىك ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل  قىلىنغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۈچتۇرپان ناھيىسىدىكى يامان سۇ ئارقىلىق جەنۇبىي  شىنجاڭغا كىرىپ، 1935-يىلى كۇچاغا كېلىپ، ئورۇنلاشقان.» تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىدە يۇرت چوڭلىرى، جەمىيەتتىكى  يۈز- ئابىرويلىق  كىشىلەر، چوڭ سودىگەرلەر، دىننىي ئۆلىمالار، ئوقۇغان زىيالىيلار ھەپسىگە  ئېلىنغان. «كۇچا تارىخ ماتىرىياللىرى» دا ھەپسىگە ئېلىنغان بۇ كىشىلەر ھەققىدە تەپسىلىي بىر تىزىملىك تەييارلانغان بولۇپ، ئانامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى 21-ئورۇندا ئۇچۇرايدۇ. تىزىملىكتە ئانامنىڭ ئاتىسى ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇر بېرىلگەن:« ئابدۇرېھىم قارىم مۇرەتتەپ قارى بولۇپ، كۇچادا تۇرۇشلۇق قەشقەرلىق زۇنۇنئاخۇننىڭ ئوغلى» دۇر. ھەپسىگە ئېلىنغان بۇ كىشىلەردىن ناھايتى ئاز ساندىكى بىرقانچە ئادەمنىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن باشقا  ھېچقايسى قايتىپ كېلەلمىگەن، ھەتتا نەدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىگەن. ئانامنىڭ ئاتىسى ئابدۇرېھىم قارىمۇ شۇ تۇتۇلغان پېتى قايتىپ كېلەلمىگەن.

    ئانامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇرېھىم قارى بولۇپ قەشقەردىن، ئانىسىنىڭ ئىسمى زەيتۇنخان بولۇپ، شاياردىن ئىدى. ئەمما مەن چوڭ بولسام ئانامنىڭ ئىسمى زىننەتخان زۇنۇن دەپ ئاتىلىدىكەن. ئەسلىدە زۇنۇن ئانامنىڭ ئاتىسى ئابدۇرېھىم قارىمنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئابدۇرېھىم قارىم ھەپسىگە ئېلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئانامنى چوڭ ئاتىسى زۇنۇن بېقىپ چوڭ قىلغانىكەن.

    ئانامنىڭ چوڭ ئاتىسى زۇنۇن جەمىيەتتە زۇنۇنئاخۇن قەنچى دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان كىشى بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئوردا ئالدىدىن ئىكەن. زۇنۇنئاخۇن قەنچى قەن ياسايدىغان ھەم ياسىغان قەنلىرىنى كارۋان تارتىپ، يۇرتمۇ –يۇرت  يۈرۈپ ساتىدىغان سودىگەر كىشىىكەن. 1910-يىللىرى ئەتراپىدا سودا ئىشىلىرى بىلەن كۇچاغا كېلىپ، كۇچا كونا شەھەر سايباغ مەھەلىسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن. سايباغ مەھەلىسى ئانامنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ چوڭ بولغان مەھەلىسىدۇر.

    80-يىللارنىڭ بېشىدا مەن ئانام بىلەن بازارغا كېتىۋېتىپ، كۇچا كونا شەھەردىكى رەستە مەچىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ياشانغان بىر ئادەم بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدۇق. ئانام بىلەن ئۇ ئادەم خېلى ئۇزۇن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشىلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى. پاراڭلىرى ئارلىقدا ئۇ ئادەم 1936-يىلىدىكى تۇتقۇن ھەققىد  تۆۋەندىكلەرنى سۆزلەپ  بەردى:

    -مەن تۇتقۇن قىلىنغان كۈنى ئۇدۇل ئاپىرىپ بىر ئامبارغا سولىدى، ئامباردا مەندىن باشقا يەنە 20 دەك ئادەم بارىكەن، دادىلىرى ئابدۇرېھىم قارىنىمۇ شۇ يەردە كۆردۇم. ئەتىسى ھەممىمىزنىڭ بېشىغا تاغا كەيدۇرۇپ، ئاغزىنى چىڭ باغلاپ، ماشىنىغا خۇددى مال باسقاندەك دەستىلەپ، تۆپە-تۆپىگە باستى. قارىغاندا يېنىمىزدىكى ئۆيدىمۇ  بىزدىن باشقا ئادەملەر بولسا كېرەك، مەن تۆپىگىرەك بېسىلىپتىمەن.  بىر چاغدا ماشىنا قوزغالدى. ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ يىغا-زارلىرى، ۋاقىراش-جاقىراشلىرى ئاڭلىناتتى.  ھەر قېتىم ماشىنا كاتاڭغا چۈشسە بۇ ئاۋازلار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاتتى. شۇنداق كىتىۋېتىپ، مەن مىدىراۋەرگەشكىمۇ بىر چاغدا ماشىنىدىن يەرگە گۇپپىدە چۈشتۈم. بىراق تاغارنىڭ ئېغىزىنى ئاچالماي بەك  قىينالدىم. بىرتەرەپتىن  ماشىنىنى ھەيدەپ كىتىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتىم. بىر چاغدا ئاتلىق بىرسى يېنىمغا كېلىپ توختىدى ۋە ئاتتىن چۈشۈپ، مېنى تاغاردىن چىقاردى. ئالدىمدا تۇرغان ئەسكەرنى كۆرۈپ چۈچۈپ  كەتتىم، تىلىم گەپكە كەلمەي قالدى. ئەسكەر مېنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى كۈرۈپ:« مەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن چارلاپ كىتىۋاتقان ئەسكەر بولۇمەن، سىز  بۇ يەردىن دەرھال يوقۇلۇڭ، مەنمۇ سىزنى كۆرمىگەن بولاي، سىزمۇ مېنى كۆرمىگەن بولۇڭ، ئەڭ ياخشىسى كۇچادىن باشقا يۇرتقا  كېتىپ جېنىڭىزنى جان ئېتىڭ» دىدى. مەن رەخمەت ئېيتىپ ، ياندىكى قوناقلىققا كىرىپ كەتتىم. شۇنچە يىل باشقا يۇرتتا سەرسان بولۇپ يۈردۇم.

    ئانام بۇ ئادەمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بىردەم كۆز يېشى قىلدى، ئاتىسىنى ئەسلەپ كۆڭلى بۇزۇلدى. كېيىن ئانامدىن ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى سورىغانلىقىم ئسىمدە، بىراق ھازىر شۇنچە ئويلاپمۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى  پەقەت  ئىسىمگە ئالالمىدىم. ئۇ  چاغلاردا مەنمۇ  ياش، گۆدەك ئىدىم، ئەتراپىمىزدا ھەققىي تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تىرىك  شاھىدلار يۈرسىمۇ ئۇلارغا ئېرەڭ قىلمىغان، قان-ياشلىق كەچۈرمىشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان ئىكەنمىز. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز سۆزىگە زار بولۇپ، پارچە-پۇرات قەغەز  دۆۋىلىرى ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۈرىيمىز ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھايا  پاجىئەلىرىدىن ھېچنىمە قالمىغانىدى. يەنە ئون يىللاردىن كېيىن بىر دەۋىرنىڭ تارىخى ھېچنىمە ئۆسمەس قاقاس يەرگە ئايلىنىدۇ.

    89-يىلى ئانام ئىككىمىز ئانامنىڭ ئۆز ئانىسى زەيتۇنخاننى  ئۈرۈمچىدىن ئىزدەپ تاپتۇق. زەيتۇنخان چوڭ ئانام مېنىڭ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان بىردىن بىر ئاتا-ئانامنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىدى. بۇندىن بۇرۇن ئاتامنىڭمۇ، ئانامنىڭمۇ ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغانىدى.

    زەيتۇنخان چوڭ ئانامنىڭ قېرىلىقتىن بەللىرى مۈكچۈيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تېنى سالامەت، ھەركىتى تىتىك ئىكەن. گەرچە ئۆزۈنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېنىق  بىلمىسىمۇ، يېشىنى 90 ياشلار ئەتراپىدا پەرەز قىلىدىكەن. بىز پاراڭلىشىش جەريانىدا چوڭ ئانامنىڭ ئېىسىنىڭ ئېنىق، سۆزلىرىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇ چاغلاردا چوڭ ئانام زەيتۇنخان ئۈرۈمچى رەستىگە (نەنمىڭ) جايلاشقان خەلق نەشىرىياتىنىڭ ئارقىسىدىكى كونا تۇڭگان مەچىتىنىڭ يېنىدىكى مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇقكەن. مەن شۇندىن كېيىن چوڭ ئانامنى ھەر ھەپتىسى ئۈزۈلدۈرمەي يوقلاپ تۇردۇم.  

    چوڭ ئانام زەيتۇنخان  پاراڭخۇمار ئايالىكەن، ھەر قېتىم يوقلاپ بارسام بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە كۆپ پاراڭلارنى قىلىپ بېرەتتى. ئۇ بىر كۈنى يۈرۈكىگە  ھەسرەت بولۇپ، ئورناپ كەتكەن بىر ۋەقەنى سۆزلەۋىتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

    چوڭ ئانامنىڭ دىيىشچە، شىڭشىسەي جاللاتلىرى ئېرى ئابدۇرېھىم قارىمنى تۇتۇپ كەتكەنىدىن كېيىن ئىككى يىلغىچە خەۋىرىنى كۈتۈپتۇ، بىراق ھېچقانداق خەۋىرى بولماپتۇ، ئۆيدىكىلەرمۇ  ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، چوڭ ئانامنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشىغا روخسەت قىلىپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ چوڭ ئانام ياتلىق بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپتۇ. ئەسلىدە چوڭ ئانامنىڭ بۇ قېتىم ياتلىق بولغان يېڭى ئېرى ئۈرۈمچىدە شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ئىشلەيدىغان تۈرمە ساقچىسىىكەن. چوڭ ئانام بۇنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىلىپتۇ. ئۇ ئادەم ھاراققا ئامراق، قاپىقىنى ئاچمايدىغان، كەم سۆز ئادەم ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئادەم ئۆيگە مەس كىرىپتۇ ۋە چالۋاقاپ:« بىلەمسەن، بۈگۈن مەنتۈرمىدە ئابدۇرېھىمنى قىينىدىم، سېنىڭ بۇرۇنقى ئېرىڭ ئابدۇرېھىم قارىنى قىينىدىم، ئۇنىڭ يۈزىگە كېلشتۈرۈپ شۇنداق بىر مۇش قۇيۇپتىكەنمەن، ئېغزى-بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى. ھەر كۈنى ئۇنى شۇنداق بىر ئۇرۇۋالسام خۇمارىم بېسىقىدۇ» دەپتۇ. چوڭ  ئانام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇرۇنقى ئېرى ئابدۇرېھىم قارىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، يۈرەكلىرى پۇچۇلىنىپ، يۇشۇرۇن كۆز يېشى قىلىپتۇ. كېيىن بۇنداق گەپ-سۆزلەر داۋاملىق تەكرارلىنىۋېرىپتۇ. بۇ دەرتلەرگە چىدىمغان چوڭ ئانام ئارىدىن 5 ئاي ئۆتۈپ بۇ تۈرمە گۇندىپېيىدىن ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ. چوڭ ئانام ئاجىراشقاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئېرى ئابدۇرېھىم قارىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپتۇ ۋە تۈرمىگە يوقلاپ بېرىشقا ئۇرۇنۇپ كۈرۈپتۇ، ئەمما پەقەت ئامالىنى قىلالماپتۇ. كېيىن باشقىلاردىن ئابدۇرېھىم قارى تۈرمىدە ئۆلۈپ كىتىپتۇ، دېگەن مىش-مىش گەپلەرنى ئاڭلاپتۇ. چوڭ ئانام شۇندىن كېيىن يەنە ياتلىق بولۇپ، بالىلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرېھىم قارى ھەققىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق ئەسلىمىلەرنى زادىلا ئۇنتالماپتۇ.

    چوڭ ئانام 1991-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا ئۆزۈنى ياراتقان ئىگىسىگە تاپشۇردى. ھاياتىدىكى بىر مۇنچە ھەسرەت ۋە كەچۈرمىشىلىرى بىلەن ئۈرۈمچى يامانلىق تاغنىڭ ئىچكىرسىدىكى ئۇيغۇرلارغا تەۋە كىچىك بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى. چوڭ ئانامنىڭ نامىزىغا قاتناشقان، بۇرۇندىن چوڭ ئانامنى تۇنۇيدىغان چوڭلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن چوڭ ئانام  قەبرىسىگە يالغان يېشى بىلەن 95 ياش دەپ قۇيۇلدى.
كۇچا قىزلار مەكتىۋىنىڭ ھازىرقى قىياپىتى
    ئانام ۋە كۇچا قىزلار مەكتىبى  

    ئانام يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى كۇچادا تۇنجى ئېچىلغان قىزلار مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرىپتۇ. بۇ مەكتەپ كۇچا كونا شەھەر كۇچئېرىق بۇيى مەھەلىسىدىكى چوڭ يولنىڭ بۇيىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىرمۇ بۇ  مەكتەپنىڭ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۇپىرىغان ئىككى قەۋەتلىك ئىمارىتى تاشلاندۇق ھالەتتە يول ياقىسدا قەت كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.  مەكتەپ جايلاشقان بۇ يول ئەسلىدە كونا شەھەردىكى ئادەملەر ناھايىتى زىچ ئولتۇراقلاشقان بىرقانچە ئاۋات مەھەلىلەرنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرغان ئاساسلىق يول بولۇپ، بىر ئۇچى ئەسلىدىكى ساي كۆرىكى ئارقىلىق رەستىگە تۇتاشسا، يەنە بىر تەرىپى ساقساق مەھەلىسىگە تۇتۇشاتتى. 1985-يىلى ئەسلىدىكى ياغاچ كۆرۈك بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ 100 مېتىر شىمالىغا «كۈسەن كېچىكى» نامىدىكى يېڭى كۆرۈك سېلىنغىچە بولغان ئارلىقتا بۇ يول كۇچا كونا شەھەردىكى قاتناش تۈگۈنى ھېساپلىناتتى. يول ياقىسىغا ھەرخىل ھۈنەرۋەن-كاسىپلانىڭ دۇكانلىرى ئېچىلغان بولۇپ، ھاۋات، قاينام-تاشقىنلىق بىر مەنزىرە بار ئىدى.

    ئانام بىلەن ئىككىمىز ھەر قېتىم بۇ كوچىدىن ئۆتسەك، ئانام ئۆزى ئوقۇغان بۇ قىزلار مەكتىۋىنىڭ خارابىگە ئايلانغان قىياپىتىنى كۆرۈپ، ھەسرەتلىنەتتى ۋە ئۆزى ئوقۇغان مەزگىللىرىدىكى پارلاق ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ، خىياللارغا غەرق بولاتتى، ئىسىدە قالغان يارقىن سىمالار ۋە مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە ئەسكەرتمە بېرەتتى. «ئادەمنىڭ ئادەم بولمىغى قىرىق يىل » دېگەندەك، يېشىم قىرىقتىن ئاشقاندا ئاندىن ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرىدىكى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى چۈشۈنۈپ يەتتىم، بىراق كۆپ كىچىككەنىدىم، ئانامنىڭمۇ، مېنىڭمۇ ئەسلىمىلىرىمىزگە يىللارنىڭ توزانلىرى قۇنۇپ، تارىخىي ئىزنالار خىرەلەشكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسى ئارىمىزدىكى ئەسلىمىلەر رىشتىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. سېغىنىشتىن ھالقىغان ئوي-پىكىرلەر چېگرا سىملىرىغا ئىلىنىپ قالاتتى.
   
    ئانام ئوقۇغان قىزلار مەكتىۋى 1935-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئەسلىدە بۇ مەكتەپ مەدىرىس بولۇپ، دىن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولمىغاچقا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تاشلىنىپ قالغانىكەن. خوجانىياز ھاجى كۇچاغا كەلگەن چاغلاردا «كۇچا نەشىرى مائارىپ ئىلمىي جەمئىيتى» قىزلار مەكتىۋى قۇرۇش دوكىلاتىنى خوجا نىياز ھاجىغا دوكىلات قىلغان. خوجا نىياز ھاجى بۇ ئىشتىن خوش بولۇپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن قادىر ھاجى تۇڭلىڭ كۈچ ئېرىق بۇيىدىكى كونا مەدىرسنى كۆرسۈتىپ بەرگەن. ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرىدىكى كۇچا قىزلار مەكتىۋى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى ۋە «كۇچادا ئۆتكەن تارىخىي شەخىسلەر» دېگەن كىتاپلاردا بايان قىلىنغان قىزلار مەكتىۋى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغاشقا بۇ يەردە قايتىلاپ ئولتۇرمىدىم.

ئانام مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا مەكتەپكە سوپىيە ئىبىراھىم ئاگىيىۋا مۇدۇر ئىكەن. سۇپىيە مۇدۇرنىڭ يولدىشى ئەزەمخان تۆرە ئەسلىدە سودىگەر كىشى بولۇپ، خوجا نىيازھاجى كۇچاغا كېلىشتىن ئېلگىرى كۇچا بىلەن شەمەي ئارلىقىدا كارۋان تارتىپ سودا قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئائىلە بىلەن ئانامنىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا قۇيۇق باردى- كەلدى مۇناسىۋەتلەر بار ئىكەن. سۇپىيەم ئاگىيىۋا ۋە ئەزەمخان تۆرە ھەققىدە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى ۋە «كۇچادا ئۆتكەن تارىخىي شەخىسلەر» ۋە «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر» دېگەن كىتاپلاردا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بولغاچقا بۇيەردە يەنە ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرىنى كىرۈزمىدىم.

    سۇپىيە ئاگىيىۋا كۇچادا سۇپىيە خانىم دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان بولۇپ، كۇچا خەلقىنىڭ ئارىسىدا ناھايتى يۇقۇرى ئابروي ۋە ئىززەت- ئېكرامغا ئىگە بولغان. سۇپىيە خانىمنىڭ كازىم، سەلىمجان ۋە پاكىزەم ئىسىملىك بالىلىرى بولۇپ، ئانام پاكىزەم ئىسىملىك قىزى بىلەن ناھايتى يېقىن دوسلاردىن بولۇپ ئۆتكەن. ئانامنىڭ بالا ۋاقىتلىرىدا يۈزلىرى خۇددى تاتار قىزلىرىدەك ئاپئاق، ساغۇچ چاشلىرى بۇدۇر بولۇپ، ئەينى دەۋىردە رۇسىيەدىن كىرگۈزىلگەن مەدەنىي كىيىملەرنى كىيپ يۈرۈيدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئانامنى سۇپىيە خانىمنىڭ ئىككىنچى قىزى، دەپ چاقچاق قىلىدىكەن.  گەرچە پاكىزەم ئانامدىن يېشى كىچىڭ بولسىمۇ تاكى ئانام توي قىلغۇچە يېقىن دوسلاردىن ۋە مېھرىبان ئاچا –سىڭىللاردىن بولۇپ ئۆتۈپتۇ.  ئانامنىڭ كېيىنكى ھاياتىدىكى داۋالغۇش ۋە سۇرۇقچىلىقلار ئانامنى سۇپىيە خانىمدىن ۋە دوستى پاكىزەمدىن ئايرىپ تاشلاپتۇ. گەرچە ئانام شۇنچە كۆپ سۇرۇقچىلىق تارتقان بولسىمۇ، ئەمما ئانام سۇپىيە خانىمنى ئوغلى سەلىمجان كۇچا خانقى تام يېزىسىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ يەردە ئۆپكە كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ. بىز 1986-يىلى ئانام بىلەن خانىقى تام يېزىسىغا سۇپىيە خانىمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىقىغىلى باردۇق. بىراق خانقى تام بازىرىدىكى چوڭلاردىن شۇنچە سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، ئەمما ھېچكىم سۇپىيە خانىمنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى دەپ بېرەلمىدى. بىز سۇپىيە خانىمنىڭ روھىغا غايىۋانە دۇئا قىلىپ قايتتۇق. شۇنچە يىراق يەردىن كېلىپ سۇپىيە خانىمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىيالمىغانلىقىغا ئانامنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپ، كۆز يېشى قىلدى. ئانام يولدا كىتىۋېتىپ سۇپىيە خانىمنىڭ كىيىنىشىدىن تارتىپ، ئەخلاقى، پەزىلىتى، ئىقتىدارى ۋە خەلق ئارىسىدىكى تەسىرلىرىگىچە كۆپ تەرەپلىملىك تەرىپىنى قىلدى.

    كۇچا خەلقىنىڭ يېڭى زامان مائارىپىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئۈمىد چىرىقىنى ياققان بىر مائارىپچىنىڭ قەبرىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلىپ كېتىشى ھەم تۈزۈك بىر قەبرىسىنىڭ بولماسلىقى كۆڭلىمىزنى غەش قىلدى. مانا بۇ يىل بىزنىڭ خانقى تام يېزىسىغا بېرىپ سۇپىيە خانىمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىماقچى بولغانلىقىمىزغىمۇ دەل 30 يىل بولۇپتۇ. بەلكىم بۇ يىللار جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ھۆرمىتى بار، قەلبى پاك ياشلىرىمىزدىن بىرەرسى سۇپىيە خانىمنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ، يېڭىلاپ قويغان بولۇشى مۈمكىن، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا سۇپىيە خانىمنىڭ ۋە ئانامنىڭ نامىدىن چەكسىز مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرۈمەن.

    1990-يىللارنىڭ بېشىدا ئانام سۇپىيە خانىمنىڭ قىزى، ئانامنىڭ قەدىرلىك دوستى پاكىزەم خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئائىلىكلەر قوروسىدا ئولتۇردىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىپتۇ. ئانام كۇچادىن ئۈرۈمچىگە كەلدى. بىز بىرلىكتە پاكىزەم خانىمنى تېپىش ئۈچۈن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئائىلىلىكلەر قوراسىغا كەلدۇق. كۆپ سۈرۈشتۈرۈشلەردىن كېيىن ئاخىر پاكىزەم خانىمنىڭ ئۆيىنى تاپتۇق، بىراق پاكىزەم خانىم ئۆيىدە يوق ئىكەن. قوشنىلىرىدىن سۈرۈشتۈرسەك پاكىزەم خانىم بىر يەرگە كەتكەن ئىكەن، قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئانام شۇندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتا كېلەمىدى. ئانامنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە كەتتى.

    ئانام ۋە كەشپۇللا ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

    ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئانام ئەدەبىيات دەرىسلىكىمىزدىكى لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى:« لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ ئايالى سۇپىيەم بائىز بىزنىڭ خوشنىمىز ئىدى، سۇپىيەم بائىزنىڭ ئاتىسىمۇ مېنىڭ ئاتام بىلەن بىر كۈندە قولغا ئېلىنغان. گەرچە سۇپىيەم بائىز مەندىن چوڭ بولسىمۇ، خوشنا بولغاچقا ئاچا سىڭىل بولۇپ، ياخشى ئۆتەتتۇق. سۇپىيەم بائىز مەندىن بۇرۇن كۈچ ئېرىق بۇيۇدىكى قىزلار مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇدى. قىزلار مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۈرۈش مەكتىۋىدە ئوقۇپ كېلىپ، قىزلار مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولدى. سۇپىيە مبايىز مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگەندە مەن تېخى قىزلار مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان ئىدىم. سۇپىيەپ بائىز ناھايتى چىرايلىق، جانلىق پائالىيەتجان قىز ئىدى. ئۇ مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، داۋاملىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇدا قىزلار مەكتىۋى ئارا ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاقسۇغا  كېتىپ، قايتىپ كەلمىدى. كېيىن مەكتەپتىن ۋە ئانىسىدىن ئاڭلىسام، ئاقسۇ قىزلار مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىپتۇ. 1944-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا سۇپىيەم ئاقسۇدىن قايتىپ كەلدى. مەن ئۆيىگە كىرىپ كۈرۈشتۈم. سۇپىيەم بائىز ئۆزۈنىڭ لۇتپۇللا مۇتەلىپ بىلەن توي قىلغانلىقىنى، تۇغۇت ئۈچۈن كۇچاغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

ئىسىمدە قېلىشچە 1945-يىلىنىڭ بېشىدا سۇپىيەم بائىز بوشاندى. بىز 40 كۈننى تولدۇرۇپ ،ئۆيدىكىلەر بىلەن يوقلاپ كىردۇق. بوۋاققا دادىسى لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كەشپۇللا دەپ ئىسىم قۇيۇپتۇ. مەن كەشپۇللانى قۇلۇمغا ئېلىپ كۆتەردىم، بوۋاق ناھايىتى چىرايلىق، پاقلاندەك بوۋاق بولۇپتۇ. سۇپىيەم بائىزنىڭ دىيىشچە بوۋاق دادىسى لۇتپۇللا مۇتەلىپكە ئوخشايدىكەن. شۇندىن كېيىن بىرقانچە قېتىم سۇپىيەم بائىزنىڭ يېنىغا كىرىپ يوقلاپ چىقتىم، سۇپىيەم بائىز بالىسى بىلەن بولۇپ، كۆپ تالاغا چىقمايتى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە بالىنىڭ قىزىل چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ خەۋىرى بولدى. بىز ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز نامىزىغا باردۇق. بەلكىم كەشپۇللا 4 ئايلىق بولغان بولۇشى مۈمكىن.»

    ئانامنىڭ بۇ ئەسلىمىرىنى ئاڭلاپ ئېچىم ئاچچىق بولۇپ، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. بۇ چاغلاردا تېخى ھېچقانداق گېزىت-ژورناللاردا لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ كەشپۇللا ئىسىملىك ئوغلى بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىدى.

    مەن ئەدەبىيات دەرىسىمىزدە ئانامدىن ئاڭلىغان بۇ ئۇچۇرلارنى سىنىپتا مۇئەللىمگە دەپ بەردىم، بىراق مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:« بۇ ئۇچۇرلارنى نەدىن ئاڭلىدىڭ، لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ ھېچقانداق بالىسى بولمىغان، ئۇ ئىنقىلاۋىي زات بالىلىق بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى» دەپ كايىپ كەتتى. دىمىسىمۇ ئۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بىلەن قىسقىچە تەرجىمھالىدىن باشقا تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە يېزىلغان تۈزۈكىرەك ماقالىلارنىمۇ تاپقىلى بولمايتى.

    1986-يىلى ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، يېزىقچىلىق دەرىسىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» شېئىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىۋېتىپ:« لۇتپۇللا مۇتەلىپ بۇدۇنيادىن شۇنچىلىك ياش كەتتى، شېئىرلىرىدا ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى دېسىمۇ، ئەمىلىيەتتە پەرزەتلىك بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. بىر ياستۇققا باش قويغان ئايالىنىڭ ساتقىنلىقى ھاياتىنى نابۇت قىلدى،» دېدى. مەن ئانامدىن ئاڭلىغان ئۇچۇر بۇيىچەلۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ كەشپۇللا ئىسىملىك ئوغلى بولغانلىقىنى دېدىم. بىراق مۇئەللىم :« زامانداشلىرى ۋە دوس-بۇرادەرلىرى بىلمىگەن بۇ بالىنى نەدىن تاپتىڭ، ساتقىن ئايالنىڭ لۇتپۇللا مۇتەلىپتىن بالىلىق بولۇشى مۈمكىن ئەمەس» دەپ سۆزۈمنى كەسكىن رەت قىلدى. گەرچە 80-يىللاردا لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ نۇرغۇن زامانداشلىرى، سەپداشلىرى ۋە بىر قىسىم دوس –بۇرادەرلىرى ھايات بولسىمۇ ئەمما لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئايالى ۋە بالىسى ھەققىدە نىمە ئۈچۈندۇر ھېچنىمە دېمىگەن ئىدى.

ئەمىلىيەتتە لۇتپۇللا مۇتەلىپ بىلەن سۇپىيەم بائىز 1944-يىلى يانىۋار ئېيىدا مەرھۇم شائىر نىمشېھد ئارمىيە ئېلىنىڭ ئۆيىدە توي قىلغان بولۇپ، شۇ يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا سۇپىيەم بائىز تۇغۇش ئۈچۈن كۇچاغا، ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ، لۇتپۇللا مۇتەلىپ 1945-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا قولغا ئېلىنىدۇ. دېمەك سۇپىيەم بائىزنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە گومىنداڭ ساقچىلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزىشى مۈمكىن ئەمەس.

تاكى تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ لۇتپۇللا مۇتەلىپ ھەققىدىكى تەتقىقات كىتاپى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىنلا لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ كەشپۇللا ئىىسملىك ئوغلى بولغانلىقى ۋە لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا ئايالى سۇپىيەم بائىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى ئىسپاتلاندى. ئابدۇۋەلىي ھېمىت نىزامى ئۆزۈنىڭ ماقالىسىدا بۇ نوقتىلارنى تېخىمۇ كونكىرتى يۇرۇتۇپ بەردى.  

2016-يىلى 5-ئاي
bagdax

12

تېما

2

دوست

5487

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1724
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-22 01:49:59 |ئايرىم كۆرۈش
ھۆرمەتلىك قۇمتۇر ئەپەندىم، ئەسلىمىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ شۇنچىلىك مۇڭلاندىمكى، كۆز- يېشىمنى تۇتالمىدىم. ئانىڭىزنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم. بوۋىڭىز ئىز- دېرەكسىز يوقالماپتۇ. سىزدەك بىر مۇنەۋۋەر ئەۋلاد شانلىق ئىز بولۇشقا يېتەرلىك.

0

تېما

1

دوست

4885

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1578
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-22 11:21:38 |ئايرىم كۆرۈش
لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ ئايالى سۇپىيەم بائىزنىڭ  كېيىنكى ھاياتى توغرىلۇق ھىچقانداق ئۇچۇرلار يوقمىدۇ؟

1

تېما

25

دوست

8140

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2466
توردىكى ۋاقتى: 496
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-22 12:43:04 |ئايرىم كۆرۈش
يازمىڭىزغا رەھمەت.....مۇھىم شەخىسلەر ئۆز دەۋرىدە شۇنچىلىك ئىتبارسىز بوپمۇ قالىدىكەن...ئەمما ۋاقىت ئايرىيدۇ...بۇ يازمىدىن ئەڭ نەپ تېگىدىغان مەسلە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئوغلى ھەققىدىكى مۇنازىرلەركەن....مانا ھازىر مۇتلەق كۆپچىلىككە نۇرغۇن تارىخى ھەقىقەتلەرنى ئاڭلىتالمايمىز...چۈنكى ئۇلار دىگەن ‹‹كىتاپ›› كۆرگەن...بىر تارىخ ھەققىدە ئوخشىمغان مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ماتىرياللىرىنىڭ كېسىشمىسىدىن يەكۈن چىقىرىش ئەقىلگە ئۇيغۇن  بولسىمۇ بىز بىرلا مەنبەگە تايىنىپ ھەقىقەتنى چۈشىنىشنى خالاپ قالىمىزدە باشقىلارنىڭ بارماقلىرى ئارسىدا ئويناپ يۈرۈيدىغان،خالىغاندا يەمچۈك بولىدىغان پىشكىغا ئايلىنمىز....
bagdax

0

تېما

0

دوست

600

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34548
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-22 13:40:29 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپتورنىڭ قەلەم ئىقتىدارى خېلىلا يۇقرى ئىكەن. ماقالىدىن نۇرغۇن تەربىيەگە ئىگە بولدۇم. رەھمەت

3

تېما

1

دوست

1102

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23428
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-22 14:22:42 |ئايرىم كۆرۈش
تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ يازغان كىتابىدا ۋە « شىنجاڭ تەزكىرىسى» دە ئىلان قىلغان بىر قىسىم ماقالىلىرىدا سۇپىيەم بائىز ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بار.

2

تېما

37

دوست

2810

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66756
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 827
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-23 07:30:04 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەندىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-6-23 07:32  

سىزگە كۆپ رەھمەت

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4054
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-23 14:00:20 |ئايرىم كۆرۈش
توۋا ، مۇشۇ كۈنگىچە پەقەت ئاڭلىمىغان ئۇچۇر باركەن ماۋۇ ماقالىدا .

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ماۋۇ تىمىدەك قىممىتى بار تىما كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن .

مۇشۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ يېزىپ ساقلاپ قويۇڭ ، ھەتتا بالللىرىڭىزغا ئەڭ قىممەتلىك مىراس قاتارىدا قالدۇرۇڭ .

ھەممىمىز شۇنداق قىلىشنى مۇھىم بىلەيلى ،بىراق ئاتىللىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇشۇنداق كۈلپەتلەر تەكرارلاندىمۇ يوق ، ئەگەر تەكرارلانغان بولسا ئاشۇنداق قالدۇرغان يازمىللىرىمىزدىن ئەۋلاتلىرىمىز ئۇچۇر ئالالايدۇ ، ھەم بىزدىكى ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات داۋاملىشىۋاتقان بىخۇتلۇق ، سەزمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )