- تىزىملاتقان
- 2013-10-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-2-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10959
- نادىر
- 0
- يازما
- 193
ئۆسۈش
  2.4%
|
ھەر بىر گۇم قىلغان ئاۋاز ئادەمنى شۈركەندۈرەتتى، بومبا پارچىلىرى قېلىن چاپاندىن ئۆتۈپ تېنىڭىزگە سانچقلغاندا پوس-پوس قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خۇددى ياغاشنى تاۋۇزغا سانچىغاندا چىققان ئاۋازدەك ، شۇ بەدەنگە مىقتەك سانچىلغاندا چىققان ئاۋازنى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك يۈرەكلەردە ئورناپ كېتەتتى ....
قىيامەتلىك جەڭ ..... ئۇنۇڭ يېنىدا ىرايى توپا باسقان بىر يىگىت « ئا » دىدىدە گۇپلا يىقىلدى، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ تارسىلداپ ئېتىلىۋاتقان ئوقلىرىدىن ئاۋايلاپ يىگىتنى ئىككى قولتۇغىدىن سۆرەپ دالدا يەرگە ئاپاردى ۋە ئوڭدا ياتقۇزۇپ چىرايىغا قارىدى، يۇزىدىكى قان ئارىلاش توپا -لايلارنى سۈرۈتتى ، ئەندىلا خەت تارتقان بۇرۇتلىرى، ۋە قاپقارا كۆزلىرى ئوچۇق ئاسمانغا قاراپ جان بەرگەن ئىدى، بۇ ھالنى كۆرۈپ ئۇنۇڭ بەدەنلىرى تىترەپ كەتتى، بىر چىلەك سوغ سۇنى بېشىدىن قۇيۇۋەتكەندەك بولدى، روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ، ۋۇجۇدى بىر دەقىقە تىترەشتىن كېيىن ئۆزۈنى ئوڭشىۋالدىدە دورا سومكىسىنى قويۇپ ھازىرلا جان ئۈزگەن ئەزىمەتنىڭ قولىدىن پىلۇمۇتنى يۇلۇپ ئالدىدە دۈشمان ئىستىھكامىغا تاتاتلىتىپ سايراتتى، ئۇ ھىچنىمىنى سەزمەيتتى، ھىچنىمىنى ئويلۇمايتتى، كۆزۈدۈن پەقەت غەزەپ ئوتى چاچرىسا، پىلۇمۇتتىن ئەجەل ئوتى چاچرايتتى .....
ئۇ پىلۇمۇت تەپكىسىنى قايتا -قايتا بېسىۋىدى دېسكىدا ئوق قالمىغان ئىدى، ئۇ ئۆزۈنى سەل رۇسلاۋالدىدە ئەتراپقا زەن سالدى، شېھىتلەر بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى مىنگىشىپ ياتاتتى، بەزىلەر مىدىرلاپ جان تالىشىۋاتاتتى، ئۇنۇڭدا ئەندى ئۆلۈكتىن قورقۇش قالمىدى، بەلكى تېخىمۇ قورۇقمايدىغان كۈش قوشۇلغاندەك بولدى، ئۇ يانغا قارىدى گازارمىدا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر ياش جان ئاچچىغىدا ئۇنۇڭغا قولىنى ئۇزاتتى، خۇددى مېنى «قۇتۇلدۇرۋال» دەۋاتقاندەك، ئەجەل چاڭگىلىنى سوزغان ھايات -مامات بىر دەقىقە ئارىلىغىدا قالغان، يامغۇردەك تاراسلاپ ئېتىلىۋاتقان رەھىمسىز ئوققا قارىماي ئۇ ئۆمۈلەپ باردىدە ياش جەڭچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تاتتى، ياش جەڭچى قولىدىكى يېقىندىلا ئالغان « باتۇرلۇق » ئوردىنىنى ئۇنۇڭغا تۇتقۇزدىدە كۈلۈمسىرەپ جان بەردى ....
بۇ جەڭگاھتىكى قاننىڭ سېسىق ھىدى بىلەن توپا-چاڭ قوشۇلۇپ جاھاننى ئاجايىپ بىر تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى، كۈننىڭ سوغۇقلىغىغا قارىماي نىمىلەردۇ تاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى، بەزى بىر جەسەتلەردىن چىققان قاڭسىق پۇراق ھىشكىمنىڭ خىيالىنى چاشمايتتى، بۇ بىر شىددەتلىك جەڭ، بۇ بىر ئادالەت جېڭى، بۇ بىر ھەققانىيەت جېڭى ئىدى، ئەندى بۇ جەڭنىڭ ھەتتا ئۆلۈمنىڭ ھىچقاندەك تارتىشقىدەك يېرى قالمىغان ئىدى ..........ئەزىمەتلەر جەڭگاھتا بۇيرۇقنى مۇققەدەس بىلىدۇ، پولكۇۋنىك رەجەپ دائىم «سەگەك تۇرۇڭلار، ۋاقىت غالىبە دىمەكتۇ ر، بىخەستەلىك جانغا زامىن، سىلەر بايراقنىڭ لەپىلدىشىنى كۆرۈشۈڭلار كېرەك» دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى ، ھەم «قالغان ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بېرىڭلار» دەپ ئەزىمەتلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى ......
ناماز دىگەر، شامغىچە دۈشمەن ئىستىكامىنى بۆسۈپ ئالمىسا زۇرۇش ۋەزىيىتى باشقىچە بولاتتى، قوماندان راجەپ تېزراق ھۇجۇم تەشكىللەش پىلانىنى تۈزۈۋاتاتتى تۇيۇقسىز دۈشمەن پوتىيىدىن ئېتىلغان مەرگەننىڭ ئوقى سانىتارنىڭ يېنىدىكى پىلۇمۇتچى يىگىتنىڭ بېشىغا تەگدىدە گۇپلا يەرگە يىقىلدى، ئوق باشقا تەككەن ئىدى ، ئۇ يىگىتنىڭ بېشىنى قۇچاغلاپ بايىلا بومبا ئۈزۈۋەتكەن بارماقلىرىنى تېڭىپ قويغان بۇ ئەزىمەتنىڭ ئۆز قولىدا جان بەرگەنلىگىنى زادىلا ئىشەنمەي قالدى ،
بۇ ھادىسىلەرنى نېرىدا تۇرۇپ كۆرۈۋاتقان قوماندان تىپىرلاپ كېتىۋاتاتتى، جىددى پەيتتە ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇش يوق ! پولكوۋنىڭ رەجەپ يېنىچە ياتقان يېرىدىن بىر سىقىم توپىنى سىقىمداپ ئالدىدە ئاۋال پۇراپ يۈز-كۆزۈگە سۈركىدى ئاندىن 3 پىلۇمۇتچى يىگىتكە ئۆزلىرىنى قوغداش ھەققىدە شەرەت بەردى، تىپىرلاپ قانلىرى قىززىپ تۇرغان ئەزىمەتلەرگە ئاتاككىغا ئۆتۈش ھەققىدە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈردى .........« ئۇررا » « ئۇررا » « ئۇررا » قىيامەتلىك جەڭ يەنە باشلىنىپ كەتتى، غۇلجا ئاسمىنىدا « ئۇررا » نىڭ ئەكس سادالىرى بۇلۇتلار ئارىسىغا، كەڭ ساي ۋادىسىغا، جىمى ھاۋاغا تاراپ كەتتى ......ئۇ دورا سومكىسىنى تاشلىدىدە قەيەدىندۇ بىر پىلۇمۇتنى يۇلۇپ ئالدىدە قىزىل قىيامەت ، قىزىل ئوت ئىچىگە قۇيۇندەك چوڭ-چوڭ ئاتلاپ كىرىپ كەتتى ......
قاقىرلار قايتقاندا گۈللەر ھىدى شىۋاخلار ھىدى بىلەن قوشۇلۇپ قوماندان رەجەپنى شېھىتلەر مازىرىغا يېتىلەپ كەلدى ، .... شۇنداق، رەجەپ بۇنداق جەڭلەرنى كۆپ كۆرگەن نەچچە ئونلىغان جەسەتلەرنى ئاتلاپ ھۇجۇم باشلىغان كۇكۇم - تالقان بولغان تەنلەرنى بىر -بىرىگە جۈپلىگەن، قىپ -قىزىل قان ھىدى پۇراپ لاي -پاتقاق ئۈستىدە ئۆمۈلەپ ماڭغاندا جان بەرگەن شېھىتلەر، سەبداشلار كۆز ئالدىدىن كەتمىدى.... رەجەپ ئىككى قولىنى جۈپلەپ سەبداشلىرى قاتارىدا ياتقان ئالاھىدە بىر قەۋرىگە كەلدىدە تىزلىنىپ «شەپقەت ھەمشىرەم رىزۋانگۈل سىڭلىم سەن ئۆلمۈدۈڭ، سەن مەڭگۈ ھايات، تارىق گۇۋا .....» دەپ ئاقارغان ساقاللىرىنى سىلاپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى ........
سېسىق چورۇق ئەپەندىنىڭ «غېنى باتۇر» كىتاۋىدىن ئېلىندى .
|
|