- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
1. بۇگۇن كەچتە باللار ئاز پاز پاراڭ سېلىپ ئولتۇرايلى دەپ يىغىلىپ قالدۇق ، ئەمدى شەھەرلىش مۇساپىسدە ئائىلە قۇرۇش ئالدىراشلىقىدا بالا بېقىش باش قېتىنچىلىقىدا ئاغىىنلەر بىلەن تۇزۇككىدە ئىككى قوۋۇز پاراڭ سېلىشىدىغان ۋاقىت چىقارماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى ، لېكىن رۇھى جەھەتتە بېسىم يىغلىۋەرسە ئالدىراشلىق ئىچىدىمۇ پات پات ئاغىنەكلىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالىدىكەنسىز ، بۇگۇنمۇ بىر نەچچە تىېلفۇن بىلەنلا ئۇچ تۆتەيلەن يىغلىپ پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق ،
2.پاراڭ سالغاچ كۆزۇم ئەرىك بالىلار ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ خوجايىنى مەسئوتجاننىڭ قولىدىكى كارتا سالغىلى بولىدىغان ئەڭگۇشتەر ئۇيغۇر تىلى ئېلىكتىرۇنلۇق ئېلىپبە كىتاۋىغا چۇشتى ، ۋاھ ئۇيغۇرلارنىڭ كارتا سالىغىلى بولىدىغان ئېلىپبە كىتاۋى چىقىپتۇدە ، مەن بۇ نەرسىنىڭ خەنسۇچىسىنى كۆرۇپ ئۇيغۇرچىسى چىقمىغانلىغىىغا ھەسرەتلەنگەن ئىدىم ، خەنزۇلارنىڭ 180 كارتىلىق ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپلىرى بار ئىدى، مانا ئەمدى بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ بوشلۇق تۇلۇپتۇ ،
3.باھاسى قانچە ، مەن ئۆپكەمنى باسالمايلا قالدىم ، قىممەت ئەمەس ، مۇقۇم باھا ئەللىك بەش يۇەن ، ماينى جىق ياۋالارمۇ ، ئۇنچىلىك ئەمەس ، ۋاي بولدى مەن بىرنى ئالاي ھازىرلا بەر ، كارتىىسى تولۇق ئەمەس ، دۇكانغا بار دۇكىنىمىز توت كوچا سودا كوچىسى شەرىق تەرەپتىكى ئەرىك باللار ئويۇنچۇق دۇكىنى ، قومۇلدىكى باش ۋاكالەتچىلىكنى ئالدىم ، ۋاھ ئەمدى بىر ئۆزەڭنى مەنىلىك ھەم ساۋاپلىق ئىش قىلغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتقانسەن ھە ، قاچان چىقار بىزنىڭ ناماز ئۆتەيدىغان قونچاقلىرىمىز ،
4.بۇ كاتتا باشلىنىش بولۇپتۇ ، بولسا ئۇيغۇرچە ماقال تەمسىل ، ھىكايە ، چۆچەك ، باللار قوشاق ناخشىلىرى ، يەنە بولسا تۇرۇكچە ئۆرگۇنۇش ، دىگەنلەرنىمۇ مۇشۇنداق ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپ قىلۋەتسە ، نىمە دىگەن كاتتا ئىش بولاتتى ھە، بۇگۇن ئاخشام ھەجەپ بىر كاتتا خوشاللىققا ئۇچۇرىدىم دىسە ،
5.ئاللاھ بۇ ئشىنى قىلغان ئەزىز قېىرنداشلىرىمىزنىڭ سودىسغا بەركەت ئاتا قىلسۇن ئامىن ، |
|