- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16418
- نادىر
- 2
- يازما
- 707
ئۆسۈش
  16.05%
|
تۆنۈگۈن دۆلەت يەر- زىمىن بايلىق ئىدارىسىدىكى مېھراينىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئىشخانىسىغا بارغانتىم. ئۇلاردىن ئۈمىدجان ئۈچۈن ئىئانە قىلغان 2270 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مېھراينىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىدارىدىكى تورداشلىرىمىز بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپتۇ . ئۇلار يەنە چاغاندىن كېيىن ئىشقا چۈشكەندە بارلىق پونكىتلارغا بۇ مۇراجەتنامىنى يەتكۈزۈپلا قالماي ئىدارىسىدىكى خەنزۇ يولداشلارنىمۇ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئىئانە توپلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئەزالىرىمىز بىۋاستە كارتىغا پۇل سېلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەممىمىزنىڭ مۇشۇنداق ساخاۋىتىمىز ۋە ئىللىق كۆڭلىمىز بولسىلا ئۈمىدجان بۇ كېسەل ئۈستىدىن چوقۇم غالىپ كېلەلەيدۇ. |
|