قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پاي چېكىڭىزنى بازارغا سالامسىز؟ (خۇاۋېي ۋە شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش ئا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

8

دوست

5077

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1630
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-7 18:26:50 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

پاي چېكىڭىزنى بازارغا سالامسىز؟
دىلسۇز ئەرچىن تەرجىمىسى

بىز ئالدى بىلەن بىر سېلىشتۇرۇش قىلىپ باقايلى، خۇاۋېينىڭ 2015-يىللىق تىجارەت كىرىمى 395مىليارد خەلق پۇلى بولۇپ، ساپ پايدىسى 369مىليارد بولغان. ئۆرلەش نىسبىتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن % 30تىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2015-يىلى ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ 2165 پاي چېكىنى بازارغا سالغان كارخانىسىىنىڭ ئىچىدە، بىر يىلدا 15مىليون تاپالمايدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى 315 ئىكەن .

خۇاۋېينىڭ ساپ پايدا ئېشىشى نىسبىتى پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس .
دېڭ شىياۋپىڭ مۇنداق دېگەن :"كاپىتالىستىك تۈزۈم پاي چېكى ئوينايدۇ، سوتسىيالىستىك تۈزۈممۇ پاي چېكى ئوينايدۇ. ئەگەر ئوينىيالمىساڭ ئوينىمىسمۇ بولىدۇ". بازار رىقابىتى ھەقىقەتەن ئۇ دېگەندەك بولدى. كۆپ يىللىق سىناقلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پاينى بازارغا سېلىش كارخانىلارنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىش يولى بولۇشى ناتايىن. كاپىتال بازىرى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە بىر كارخانىنى ۋە بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنى ئاسانلا مەۋھۇم مۇۋەپپەقىيەت قوينىغا تاشلىيالايدۇ. خۇاۋېينىڭ پاينى بازارغا سالماسلىقى جۇڭگودىكى كارخانىلارغا ياخشى بىر ئۆرنەك بولالايدۇ. داڭلىق تور بازار تاكتىكا مۇتەخەسسىسى شۈي مۇرەن جۇڭگو كارخانىچلىرىنى داۋاملىق ھالدا خۇاۋېينى چۈشىنىپ بېقىشىنى، ھەربىر كارخانىنڭ ئاخىرغىچە ئۆز ساھەسىدە چىڭ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ھازىر قارايدىغان بولساق نۇرغۇن شىركەتلەر پاينىڭ بازارغا سېلىنىشنى ئۆزىنىڭ تۇتقۇسى قىلىۋاتىدۇ. ئالى گۇرۇھى، ۋەندا گۇرۇھى پاينى بازارغا سالغاندىنكىيىن مايۇن، ۋاڭ جىيەنلىن قاتارلىقلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. ئالى گۇرۇھى بىر تۈركۈم خادىملارغا بەخت ياراتتى دېسەكمۇ بولىدۇ .
لېكىن بۇنىڭغا قارىتا رېن جېڭفېي مۇنداق دەيدۇ :"ئەگەر خۇاۋېي پاينى بازارغا سالغان بولسا، ئۇمۇ بەلكىم بىر تۈركۈم خادىملارغا بەخت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن بىزنى تېخىمۇ ھۇرۇن، لەقۋا قىلىۋېتىشى، ھەتتا داۋاملىق تىرىشقۇچىلارنىڭ ماھىيىتىنى يوقىتىپ قوياتتى. "

رېن جېڭفېينىڭ نەزىرىدە بۇنچە كۆپ كارخانىنىڭ پاينى بازارغا سېلىشقا ئالدىرىشى پۇل تېپىپلا قۇيرۇقىنى خادا قىلىشتىن باشقا ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تاپىدىغىنى يەنىلا خەلقنىڭ پۇلى. ئۇلارنىڭ پايبازىرىدا جۇغلىغان مەبلىغىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئېنىقلانمىغان ھالقىلارنى يۇقىرىلىتىشقا ئىشلەتكىنىنى كۆرمىدۇق. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى قىلىدىغان كىشىلەر سان –سىپىرلىق ئېكران ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ، لېكىن يېڭىنى تۈرۈپ جاپانى يەتكۈچە تارتقانلارنىڭ تاپىدىغىنى ئاران مائاش .

شۇڭا جۇڭگونىڭ پاي بازىرى مۇشۇنداق ھالەتتە، نەتىجىگە ئەمەس، سىياسەتكە قاراش كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپچىلىك پاي ئەمەس قىمار ئويناۋاتىدۇ .
رېن جېڭفېينىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ھازىر پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۇنىڭغا لازىم بولۇۋاتقىنى خېرىدار. ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ كەلمەكتە. خۇاۋېينىڭ 20يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار كاپىتالنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئازدۇرۇشىدىن نېرى بولالىغانلىقىدا .

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى داڭلىق پۇل –مۇئامىلە مۇلازىمىتىشىركىتى مورگان سىتەنلىي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى سىتىۋېن روچ بىرگورۇپ مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ خۇاۋېينىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا، رېن جېڭفېي ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقمىغان. ئۇ بازار ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى فېي مىننى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. سىتىۋىنروچ بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپ، ئۇنىڭ رەت قىلغىنى ئۈچتىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسى ئىدى دەيدۇ. بۇنىڭغا قارىتارېن جېڭفېي روچ ئۇ مىنىڭ خېرىدارىم ئەمەس، ئەگەر ئۇ خېرىدار بولغىنىدا ئۇ مەندىنكىچىك بولغان بولسىمۇ مەن چوقۇم كۆرۈشكەن بولاتتىم دەيدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىم بولغىنى خۇاۋېينىڭ پاينى بازارغا سالماي، مەبلەغ يۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپمۇ ھازىرقىدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلارنىڭ يۈرۈشتۈرگىنى خادىملارنىڭ كۆڭلى. شۈي مۇرەن خۇاۋېي مەبلەغ يۈرۈشتۈرمىگەن بىلەن ئۇلار ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالدى. مانا بۇ كەلگۈسىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەقىقىي چىقىش يولى دەيدۇ .

شۇڭا رېن جېڭفېي پايدىنى خىزمەتچى خادىملارغا تەقسىملەپ بېرىشكە رازى بولدىكى لېكىن پاينى بازارغا سالمىدى. ئۇ دەل بىردىنبىر پاينى بازارغا سالماي دۇنيادىكى 500كۈچلۈك قاتارىغا ئۆتكەن كارخانىچى. ئۇنىڭ % 98. 6مەبلىغى خىزمەتچى خادىملار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارغا چېچىۋېتىلگەن، ئۆزىنىڭ قولىدا ئاران % 1. 4 پاي ھوقۇقى بار. خۇاۋېينىڭ پېيى ھازىر 82مىڭدىن ئارتۇق ھەمكارلاشقۇچىغا چېچىلغان بولۇپ، بۇ پاي چەكلەر ئىپادە بىلدۈرۈش، سېتىۋېتىش، پايچىكىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقلىرى يوق بولغاندىن باشقا پاي چەكلەر بەھرىمەن بولىدىغان پايدىنى ئايرىش، پاينىڭ ئاشقان پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشتەك بارلىق ئىمتىيازلارغا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى ئايرىلىدىغان پايدا يۈزدە يۈز ئۇلارغا ئايرىپ بېرىلىدىكەن .

  2003-يىلى خۇاۋېي ئۈچ مىليارد ئىچكى پاينى يۆتكەپ، %80 تىن كۆپ خادىمغا پاي سېتىۋېلىش ھوقۇقى بەرگەن. مانا بۇ خۇاۋېينىڭ ئالاھىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى. خۇاۋېي خادىملارنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە ئاساسەن پېشقەدەم خادىملارغىمۇ پاي بۆلۈپ، يىل ئاخىرىدا پايدىسىنى ئايرىپ بەرگەن. خۇاۋېي مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خادىملارنى شىركەت بىلەن زىچ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان .

خۇاۋېينىڭ بۇ خىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىشىغا ئوخشايدۇ. پايدا نىسبىتىنى ئوخشاش تۆلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگەبىر قىسىم مال –مۈلۈكنى رەنىگە قويىدۇ. بۇخىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى شۈبھىسىز ھالدا ئىككىلى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ ئۇسۇل خۇاۋېيدىكى خىزمەتچى –خادىملارنىڭ قارشى ئېلىىشغا ئېرىشكەن. كۆپ ساندىكى خادىملار شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇنداق بولغاندا شىركەت ئايلانما ئوبوروتقا ئېھتىياجلىق بولغاندا كاپىتال بىلەن تەمىنلىگۈچىگىمۇ ئېرىشكەن ھەم شىركەتنىڭ پېيىمۇ سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كەتمىگەن. ئەگەر خادىم شىركەتتىن ئايرىلماقچى بولسا، پاينى شىركەت ئۆزىگە ئۆتكۈزۈۋالغان .

2010-يىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، خۇاۋېينىڭ ساپ كىرىمى ھەممىدىن كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ، 23مىليارد 800مىليون بولغان. ھەم پاي ئۆسۈمى 2. 98يۈەن بولغان پاينى سەپلەپ چىققان. ئەگەر بىر خادىم خۇاۋېيدا 10يىل خىزمەت قىلغان، خىزمەت ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولسا، 400مىڭ پايغا ئىگەبولالايدۇ. شۇ يىللىق پاي ئۆسۈم پايدىسىنىڭ ئۆزىلا بىر مىليون 200مىڭ بولىدۇ. بۇسان ئەلۋەتتە نۇرغۇن تاشقى سودا شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى. مانا بۇ دەل خۇاۋېينىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .

ئۇنىڭدىن باشقا شۈنفېڭدىمۇ پۇل كەم، لېكىن ئۇلارمۇ پاينى بازارغا سالمىغان .
جۇڭگونىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە شۈنفېڭ ھەقىقەتەن ھەممىمىزنى ئۆزىگە قاراتتى. ۋاڭ ۋېي ئىنتايىن كەمتەر ئادەم بولۇپ، كەمتەرلىكتە توردىن ئۇنىڭ ئىككىنچى بىرخىل رەسىمىنى تېپىشمۇ ئىنتايىن تەس .

تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدە مۇنداق بىر خەۋەر تارقالغان، تاۋباۋ تۈمەن سودىگەرلەر تورى CVۋاڭۋېيغا مەبلەغ سالماقچى بولغاندا، ۋاڭ ۋېي كۆرۈشكىلى چىققىلى ئۇنىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ CV ۋاسىتىچىلىك شىركىتىگە 500مىڭ يۈەن ۋاسىتىچىلىك ھەققى چىقارغان، بۇ پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقبىللە تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خۇاچى بانكىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىمۇ ۋاڭ ۋېينى ئىزدىگەن .
شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش ئەمدى قۇرۇلغان ۋاقىتتا، ۋاڭ ۋېي دادىسىدىن ئالغان 100مىڭ يۈەن بىلەن ئىش باشلىغان. ئۇ چاغدا شىركەتنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر دۇكان ئورنى بولۇپ، ئاساسلىقى شىركەتلەرگە ھۆججەت يەتكۈزۈلەتتى .

ۋاڭ ۋېي ھەركۈنى خادىملار بىلەن بىللە سەھەر يولغا چىقىپ كەچ قايتاتتى. باشقىلار 70يۈەنگە بىر ھۆججەتنى يەتكۈزسە، ئۇلار 40يۈەنگە يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇلار باھا ئەۋزەللىكى بىلەن نۇرغۇن خېرىدارنى ئۇتىۋالغان. ھازىر شۈنفېڭنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 10تىرىللىيون، ۋاڭ ۋېينىڭ قىممىتى ئۈچ تىرىللىيون. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پوچتا ساندۇقىنى يۈدۈپ، چوڭ كىچىك كوچىلارنى ئايلانغان ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .

شۈنفېڭنىڭ پاينى بازارغا سېلىش ئوينىڭ بار يوقلىقىغا ۋاڭ ۋېي مۇنداق جاۋاب بەرگەن :"مىنىڭ قارشىمچە، كارخانىنى قۇرۇش پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلغان ئەمەس، مەن بىر سەھنە ئارقىلىق ئۆز قىممىتىمنى نامايان قىلىشنى ئويلايمەن. "

"پاينى بازارغا سېلىشنىڭ پايدىسى پۇلنى پۇلغا ئۇلاپ كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان كاپىتال بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. شۈنفېڭدىمۇ پۇل كەمچىل، لېكىن شۈنفېڭ پۇل ئۈچۈن پاينى بازارغا سالمىغان. پاينى بازارغا سالغاندىن كىيىن كارخانا پۇل تاپىدىغان بىر ماشىنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەر كۈنلۈك پاي ئۆزگىرىش ئەھۋالى كارخانىنىڭ كەيپىياتىنى بەلگىلەيدۇ. مىنىڭ كارخانا قىلىشىمدىكى مەقسەت، كارخانىنى ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى ئىززەت –ھۆرمىتى بار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. پاينى بازارغا سالسام ئەھۋال ئۇنداق بولمايدۇ، مەن ھەربىر پاي چەككە مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك. مەن كەلگۈسىدە پاينىڭ كارخانا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىغا، پاي بازىرىدا ئۆزۈمنىڭ مەغلۇپ بولماي ماڭالىشىمغا كاپالەت بېرەلمەيمەن. بۇ ھەم مىنىڭ كارخانا قىلىش ئويىمغا زىت كېلىدۇ. "

ماتىرىيال مەنبەسى : http://mt.sohu.com
مەنبەسىۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ .

uyghuray

3

تېما

8

دوست

2666

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 778
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-8 12:40:32 |ئايرىم كۆرۈش
مەن مۇشۇ كەمگىچە پاي چىكىنى بازارغا سېلىش تەرەقىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ ئويلاپتىمەن ، لىكىن ماۋۇ پايدىنى خىزمەتچى بىلەن خېرىدارغا بېرىش يۇقىرى پەللىكەن ئەمەسمۇ ؟

0

تېما

0

دوست

754

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38167
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-8 13:12:09 |ئايرىم كۆرۈش
بۇمۇ كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بىر خىل سۇبيېكتىپچىل تاللىشى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بارغانچە يەرشارىلىشىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پاي چېكى بازىرىغا كىرىشتىن ئىبارەت خەتەر ۋە رېقابەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرۇشمۇ ئانچە ئاقىلانە چارە ئەمەس.

1

تېما

0

دوست

6179

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1817
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-11
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-8 17:23:15 |ئايرىم كۆرۈش
مەن ئەزەلدىن لاتارىيە، پايچېكى دېگەن نەرسىلەرگە قەتئىي قىزىقمايمەن، بەرىبىر ئۇنداق نەرسىلەردىن ماڭا پايدا چىقمايدۇ دەپ قارايمەن، ئەگەر پايدا ئالالايمەن دەپ كىرىشىپلا كەتسەم ئۇ ۋاقتىدا ھالاك بولۇشىم مۇمكىن، شۇڭا مەن ئاللىبۇرۇن ئۇنداق نەرسىلەرگە يېقىن يولىماسلىق قارار قىلىپ قارار چىقىرىپ بولغان، بۇ قارارىم ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ.
uyghuray

1

تېما

0

دوست

1494

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6683
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-11 12:27:54 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ كارخانىلارنىڭ قىلغىنىمۇ توغرا. پاي چىكىنى بازارغا سالسا مەبلىغى زور بايلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالسا چاتاق چىقىدۇ. نۇرغۇن قان تەر بەدىلىگە كەلگەن بايلىق باشقىلار تەرىپىدىن شۈلىۋىلىنسا تىخىمۇ ئىچىنىشلىق بولىدۇ.

3

تېما

5

دوست

1777

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-12 19:49:11 |ئايرىم كۆرۈش
كارخانىنىڭ پايچېكىنى بازارغا سېلىشتىكى ئەھمىيىتى بولسا :
  1، كارخانا پايچېكىنى بازارغا سالغاندىن كىيىن ، مەبلەغ سالغۇچى كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ ۋە كەڭ بولغان مەبلەغ مەنبەسىگە ئىگە بۇلىدۇ .
2، كارخانا پايچېكىنى بازارغا سالغاندىن كىيىن ، شۇ كارخانىنىڭ پاي ھۇقۇقى نۇرغۇنلىغان چوڭ -كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قۇلىغا تارقىتىلىدۇ ، پاي ھۇقۇقىنىڭ بۇنداق تارقىلىشى ، ئاز بىر قىسىم پايچېكلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېىش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلۇپ ، شىركەتنى ئەركىن بولغان تىجارات مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ .
3، شىركەت پايچېكىنى بازارغا سالغاندىن كىيىن ، شىركەتنى تەشۋىق قىلىدىغان ئېلان ئۈنىمىگىمۇ ئىرىشىدۇ .ماس قەدەمدە شىركەتنىڭ تۇنۇلىشى ۋە شان - شۆھرىتىمۇ يۇقۇرى كۈتىرىلىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )