ئۇكام سۇلامچىلىق قىلۋاتقىنى قانچىلىك بولدى؟
ئاپتۇرى :يالدا قوچقار
بىر كۈنى كىرەمباغ دوختۇرخانىغا كىسەل كۆرسەتكىلى باردىم.ئىشىمنى تۈگتىپ سىرىتقا چىقسام،سائەت چۈشتىن بۇرۇن 11دىن ئېشىپتۇ. قورسىقىم ئاچقاندەك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن كىرەمباغ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا كىردىم.ئاشخانىدا ئادەم بەك جىق ئىدى.ئامالسىز ئاشخانا ئالدىدىكى بىر شىرەدە ئولتۇردۇم.تاماقنى بۇيرۇۋېتىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرسام،20ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئىككى يىگىت كىلىپ مەن بىلەن ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قارشىپ ئولتۇردى.ئۇلارمۇ تاماق بۇيرۇۋېتىپ چاي ئىچىكىپ ئولتۇردى.ئالاھىزەل بەش مىنۇتلاردىن بىر يىگىت كىلىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشىپ ئۇلارنىڭ يېدىن ئورۇن ئالدى.
-ۋەي سولامچى ئەمدى كەلدىڭمۇ؟ نىمانداق ساقلىتىسەن ئىدەمنى؟-دىدى ئۇلار دىن بىرسى.
-ئىشىم چىقىپ قېلىپ شۇ،ئاران بالالىقتا تۈگىتىپ كىلىشىم.
ئاغىنىسنى قاراپ تۇرۇپ « سولامچى »دىگەن بالىغا ۋە « سولامچى »دىسىمۇ گەپ قىلمىغان ھېلىقى يېڭى كەلگەن بالىغا غۇچچىدە ئاچىغىم كەلدى. ئارتۇق ئىشقا ئارلاشمايدىغان خۇيۇم بولسىمۇ ،بۇ نۆۋەت چىداپ تۇرالمىدىم.
- ئۇكام ، ـ دىدىممەن ھېلىقى يېڭى كەلگەن بالىغا،-سىز سولامچىلىق قىلۋاتقىلى قانچە يىل بولدى؟
ئۇ مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ خۇددى شىردەك ماڭا قاراپ ھۆرپەيدى،
-نىمە دەۋاتىسەن ئاكا ،كىم« سولامچى»كەن،ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل.-دەپ مۇستىمىللىرىنى تۈگۈپ ماڭا ئېتىلماقچى بولدى.
ئۇنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ، ئورنىمدىن تۇرۇپ ،ئۇنى توستىم.
-ئۇكام خاپا بولماڭ،بىز ئۇيغۇرلار،تام ئىتىدىغانلارنى تامچى،سىرچىلىق قىلدىغانلارنى سىرچى،ياغاچچىلىق قىلدىغانلارنى ياغاچچى دەيمىز.ئابىيام سىز كىلىۋېدىڭىز، ماۋۇ ئاغىنىڭىز ئابىيام سىزنى «ۋەي سولامچى ئەمدى كەلدىڭمۇ؟»دەپتى،مەن تېخى سىزنى شۇ ھۈنەرنى قىلدىغان ئوخشايدۇ.ئەمىليەتتە، مەن سىزنى ئويلىنىپ بېقىڭ سولامچى دىمىدىم،ئەمىليەتتە دىگىنى ماۋۇ ئاغىنىڭىز.
ئۇ غاچچىدە بۇرلۇپ ،كىم «سولامچى»كەن دەپ ھېلىقى ئاغىنىسنىڭ ياقىسدىن ئالدى.مەن دەرھال مۇلازىمنى توۋلاپ ئاجىرتىپ ئۇلارنى قايتىدىن جايىغا ئولتۇرغۇپ ئاران بالالىقتا بېسىقتۇردۇم.
-ئۇكام –دىدمىممەن ئۇلارغا قاراپ،-بىز ئۇيغۇرلار مەيلى تونۇيلى،مەيلى تونۇشمايلى،بىر -بىرمىزنى ھۆرمەتلىشىپ ،ئىززەتلىشىپ،سىللە ،ئۆزلىرى دەپ بىر بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدىغان خەلق. سىز ئابىيام تىلغان سۆز ناھايىتى قېلىن،ئېغىزغا ئالغۇچىلكى يوق گەپ.ئۆز ئارا دوست بولغاندىكىن،بىربىرسىڭلىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ چىرايلىق ئاتاڭلار .-دىدىم ئۇلارغا .
ئۇلار سۆزىمنى ئاڭلاپ ئۆزلىردىكى خاتالىقنى سەزدى بولغاي،قايىلىلق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.
|